ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى نۇتىقىدا خىتاينى نىشانغا ئالدى

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى سىن ئارقىلىق بايانات بېرىۋاتاتتى. ئومۇمىي يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە 22-سېنتەبىر كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ نۇتۇق سۆزلىدى.

دىققەت قوزغايدىغىنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە نۇتىقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا خىتاينى نىشانغا ئالدى. ئۇ نۇتقىنى مۇنداق باشلىدى:

«2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان 75 يىلدىن كېيىن بىز يەنە بىر قېتىم دۇنيا بويىچە چوڭ ئېلىشىشقا دۇچ كەلدۇق. بىز 188 دۆلەتتە سانسىزلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان كۆرۈنمەس دۈشمەن-خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى كەسكىن جەڭ قىلدۇق.»

پرېزىدېنت ترامپ سۆزى داۋامىدا بۇ ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ بۇنچە كۆپ ئادەم چىقىمى ۋە ئىقتىسادىي چىقىم پەيدا قىلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇتلەق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنۇلارنى دېدى:

«بىز بۇ ۋابانى دۇنياغا تارقاتقان دۆلەت-خىتاينى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك. ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكنى پۈتۈنلەي توختاتقان بىلەن، يولۇچى ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتايدىن چىقىشى ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيانى يۇقۇملاندۇرۇشىغا يول قويدى. ئۇلار دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پۇقرالىرىنى ئۆيلىرىگە سولاپ قويغان تۇرۇقلۇق، مېنىڭ خىتايلارغا قويغان ساياھەت چەكلىمەمنى تەنقىد قىلدى.»

پرېزىدېنت ترامپ يەنە ۋىرۇس مەسىلىسىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىمۇ خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يالغاندىن بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىنساندىن ئىنسانغا تارقىلىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوقلىقىنى ئېلان قىلدى. كېيىن يەنە، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان كىشىلەرنىڭ كېسەللىك تارقاتمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوقۇم خىتاينى بۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.»

پرېزىدېنت دونالد ترامپ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدىمۇ خىتاينى تەنقىدلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھەر يىلى نەچچە مىليونلىغان توننا پىلاستىك ۋە ئەخلەتلەرنى دېڭىز-ئوكيانلارغا تاشلايدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە بېلىقچىلىق قىلىدۇ. مارجان خادا تاشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلىدۇ ۋە ئاتموسفېراغا زەھەرلىك سىماب قويۇپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى ئامېرىكانىڭ ئىككى ھەسسىگە يېقىن بولۇپ، ئۇ يەنە تېز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتىدۇ.»

ئۇ كىلىمات مەسىلىسىدىمۇ خىتاي سېلىۋاتقان زىياننىڭ كۆرمەسكە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەمدى بۇنداق ئادالەتسىز مۇئامىلىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پرېزىدېنت ترامپ نۇتىقىدا يەنە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېـتنىك تازىلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرىنىمۇ ۋاستىلىق ھالدا ئىشارەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈنۈملۈك تەشكىلات بولماقچى بولسا، ئۇ ھالدا چوقۇم دۇنيادىكى ھەقىقىي مەسىلىلەرگە يەنى-تېررورلۇق، ئاياللارغا زۇلۇم قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى، ئادەم ۋە جىنسىي ئەتكەسچىلىك، دىنىي زىيانكەشلىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېـتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك».

دونالد ترامپ سۆزىدە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئادالەتسىز سودا ئۇسلۇبىغىمۇ ئامېرىكانىڭ قارشى چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قىسقىغىنە 7مىنۇتلۇق سۆزىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا خىتاينىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ تەنقىدلىشى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەل-جەزىرە قاتارلىق خەۋەر قاناللىرىمۇ بۇ نوقتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلەيدىغان دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىدە بۈگۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ بار بولۇپ، ئۇ 15 مىنۇت داۋام قىلغان نۇتىقىدا ئامېرىكانىڭ ئىسمىنى ئوچۇق تىلغا ئالماي تۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن يۈز بېرىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنى تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى روھىي ھالىتى، ئىدىيەۋى چەكلىمىلەر ياكى ئايىقى چىقمايدىغان ئويۇنلار ئارقىلىق دۆلەت ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئۇ ئىنسانىيەت ئۇچراۋاتقان خىرىسلارغىمۇ جاۋاب بولالمايدۇ» دېگەن.

ئۇ تاجىسىمان ۋىرۇس مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنىمۇ رەت قىلغاندەك «بىز ۋىرۇس مەسىلىسىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى كەڭ ئاشكارىلىنىپ كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان ۋە سودا مەسىلىسى، كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى خوشنىلىرى بىلەن ئالاقىسى قاتتىق يىرىكلەشكەن بىر مەزگىلدە سۆزلىگەن بۇ نۇتىقىدا يەنە ئوخشاشلا خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە «بىزنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىش، تەسىر كۆرسىتىش، سوغۇق ئۇرۇش ياكى قىزىق ئۇرۇش قىلىش نىيىتىمىز يوق» دېگەن. ئۇ خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپنىمۇ ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم تىۋىتتىردا ئىنكاس قايتۇرۇپ «ب د ت 75-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا بېيجىڭ ئۆزىنى خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ ئاتىدى. بۇ يەردىكى رېئاللىق بولسا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەلقئارا قانۇنغا پەرۋا قىلمىدى، بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئەۋەتتى ۋە خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيىسىنى قوغداش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى» دەپ يازغان.

«جەنۇبىي خىتاي سىەھەر گېزىتى» شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى ھەققىدىكى خەۋىرىدە ئۇنىڭ بۇ نۇتقىنىىڭ ئەمدى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ئىشەندۈرەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدا مۇنداق دىېيىلگەن: «خىتاي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ ب د ت دىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە خەلقئارا قانۇن توغرىسىدىكى سۆزلىرى خىتاينىڭ ھەرىكىتىدىن ئاللىبۇرۇن ئويغانغان ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنى تەۋرىتەلمەسلىكى مۇمكىن.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ يىغىنى داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى كەڭ ئاشكارىلىدى.

21-سېنتەبىر كۈنى، ب د ت 45-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 12-يىغىنىدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلاردىن بەھرام سىنتاش لاگېرغا سولانغان دادىسى قۇربان مامۇت ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان دادىسى قۇربان مامۇتتىن 3 يىلدىن بېرى خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ سەۋەبسىز يەرگە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى تەرىپىدىن دەلىللەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى دادىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق سەۋەب كۆرسىتىشكە ۋە دادىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە جاۋاب بېرىشكە چاقىردى.

22-سېنتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدىكى مەيداندا ئەركىنلىك چېدىرى قۇرۇش ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك توختىتىلسۇن» تېمىسدا 3 كۈنلۈك پائالىيەت باشلىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى دولقۇن ئەيسا بۇ پائالىيەتكە ئۆزى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ باياناتىدا جەنۋەدىكى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان 190دىن ئارتۇق دۆلەتكە چاقىرىق قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان باستۇرۇش ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكەتلىرىنى تەنقىدلەش ۋە ئۇنى توسۇشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن باشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئۇندىن قالسا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان ئورگاندۇر.