خىتاينىڭ ب د ت دا ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا

0:00 / 0:00

5-فېۋرال كۈنى «ياۋرو-ئاسىيا خەۋەرلىرى» قانىلىدا «خىتاي ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، قوشنا دۆلەتلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەش يولىدا قانداق پايدىلىنىۋاتىدۇ» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا دائىر ھىيلە-مىكىرلىرى بايان قىلىنغان.

ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، خىتاينىڭ ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدە پاكىستانلىق تېرورچىلاردىن ئابدۇلراھمان لاھۋى ماككى بىلەن ماسۇد ئازھارنى «تېرورچىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرغانلىقى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بۇ تېرورچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق شەرتىنى قويغانلىقى، خىتاينىڭ ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 5 دۆلەتنىڭ بىرى بولۇشتەك سالاھىيىتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ جەنۋە ۋە نيۇ-يوركتىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كۈنتەرتىپنى ئىگىلىشىگە قارىتا داۋاملىق توسالغۇ يارىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ ماسۇد ئەزھەر ھەققىدىكى قارارغا قارشى چىقىشىدىكى سىياسىي سەۋەب شۇكى، خىتاينىڭ مەسۇدقا ئوخشاش پاكىستانلىق مۇجاھىدلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى داۋاملىق تىلغا ئالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈندۇر. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، بەلكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىمۇ پۈتكۈل ئۇيغۇرلار رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن نارازى بولماقتا.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا. 2018-يىلى 19-سېنتەبىر، جەنۋە.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا. 2018-يىلى 19-سېنتەبىر، جەنۋە. (RFA/Ekrem)

دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندا نەشىردىن چىقىدىغان «سىياسەت» ناملىق كۈندىلىك گېزىتتىمۇ 26-يانۋار ب د ت دىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن «خىتاينىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش ياساشقا ئۇرۇنۇشىمۇ؟» ناملىق زور ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىدى. مەزكۇر ماقالىدە ب د ت دا كۆپ قېتىم پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم بىلەن ب د ت دا 20 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بولغان، ئۇيغۇرلارنى ب د ت دا پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ كەلگەن ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى كەللي كۇرري خانىم زىيارەت ئوبىيېكتى قىلىنغان. مەزكۇر ماقالە 2018-يىلى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ سۈيقەستى بىلەن ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىلىش ۋەقەسىدىن باشلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا بۇ ۋەقەنىڭ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىمۇ ئالاقىدار قىلغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئەتراپلىق شەرھىيىلەنگەن ئىدى.

ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪە ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺟﻪﻧﯟﻩﺩﯨﻜﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟۈﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳۇپ كېلىۋاتقان ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ، يەنى 7-ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﺑﯘ ﺧﯘﺳﯘﺳﺘﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠدى. ئۇ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 2008-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺗﯜﺭﻟۈﻚ ﻗﺎﺭﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺟﺎﻥ-ﺟﻪﮪﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺋﯚﺯﻯ ﺷﺎﮪﯩت ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﻰ.

ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى 15-قېتىملىق يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 1-دېكابىر.
ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى 15-قېتىملىق يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 1-دېكابىر. (un.org)

ماقالىدە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن پايدىللىنىپ بۇنىڭغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرگە قارىتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم يۈرگۈزۈش، پاراكەندە قىلىش، كۈشكۈرتۈش ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت دىن ئورۇن ئېلىشىغا قارشى پايدىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. بىراق نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا زوراۋانلىقلىرى تۈپەيلى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى كۈنسېرى چۆكۈۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ھازىر خىتايدىن بارغانسېرى ئۇزاقلىشىشقا يۈزلەنمەكتىكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

«خىتاي ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، قوشنا دۆلەتلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەش يولىدا قانداق پايدىلىنىۋاتىدۇ» ناملىق مەزكۇر ماقالىدە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە 2019-يىلى 7-ئايدا 22 غەرب دۆلىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، خىتاينىڭ بولسا مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان 36 دۆلەتنى قوزغاپ بۇنىڭغا قارشى چىققانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت ئىچىدىكى 34 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكى، ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن 11 دۆلەت ئىچىدىكى 8 دۆلەتنىڭمۇ بۇ قۇرۇلۇشقا ئىمزا ئاتقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.