د ئۇ ق خادىملىرى بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىدا 49-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئومۇمىي يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، جەنۋەگە بېرىپ ب د ت دىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ بۇ قېتىملىق يىغىندا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى، شۇنداقلا چەت ئەلدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى.
16-فېۋرالدىن ئېتىبارەن د ئۇ ق رەئىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتاي ئەركىن خانىم شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەسئۇلى ھەم ھەرقايسى كومىتېت رەھبەرلىرى، دىپلوماتلار بىلەن ئۇچرىشىپ 49-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشنى تەلەپ قىلىپ، مۇھىم ماتېرىياللارنى تاپشۇرغان.
بۈگۈن ب د ت دىكى ئۇچرىشىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ باردۇق. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. بۇ قېتىملىق زىيارىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا ئىدى.
بىرىنچىسى، 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى. مەزكۇر يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ دېگەن ئوي-پىكىر بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دىپلوماتلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش، يەنە بىرى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر سوتى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سوتنىڭ قارارىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئېلان قىلغانىدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا بۇلارنىڭ كۈن تەرتىپكە قويۇلۇشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى يەتكۈزۈش ئىدى».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ئۇلار بىلەن سۆزلەشكەن مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ يەنە مۇنۇلارنى دېدى:
«مەلۇم بولغىنىدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدا 2019-يىلىدىن تارتىپ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇڭا بۇنىڭ مۇھىملىقى، شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندا قايسى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەلەپ-پىكىرلىرىمىزنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتۇق. بۇلاردىن سىرت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ۋە دوكلات پۈتۈكچىلىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. مەسىلەن تەن جازاسى يەنى قېيىن-قىستاق كومىتېتىغا ئوخشاش بەزى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قولىمىزدىكى بەزى دوكلات ۋە ماتېرىياللارنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشتۇق».
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىنىڭ مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى:
«16-فېۋرالدىن 18-فېۋرال كۈنىگىچە جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم كۈن تەرتىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تايلاند، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەردە قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان، بىخەتەر ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۇلارغا سۇنۇش ۋە بۇ ھەقتە بەزى تەلەپلىرىمىزنى يەتكۈزۈش ئىدى. ۋەتەندە زۇلۇم تارتىۋاتقان خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرالمىساقمۇ ھېچ بولمىسا چەتئەلدە ئەركىن دۇنيادا تۇرۇۋاتقان، ئەركىن بولالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇلارغا مۇساپىرلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى تاپشۇردۇق».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەركىزى جەنۋەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ يەردە يەنە مەركىزى جەنۋەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچراشتۇق. ئۇلار بىلەن ئەسلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ كېچىكىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. قىسقىسى جەنۋەدە ب د ت گە ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك زىيارىتىمىزنى ياخشى نەتىجىلىك ئۆتتى دېيىشكە بولىدۇ».