ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-قېتىملىق يىغىنى 28-فېۋرال جەنۋەدە باشلاندى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇمى ۋە بۇ سەۋەبلىك رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بۇ قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاساسلىق تىمىسى بولدى، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلكلىرىمۇ ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئۇكرائىنا مەسىلىسى بىلەن بىللە ئەسكەرتىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس مەزكۇر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، يەنە بىر قېتىم خىتاينى خەلقئارا تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن يېقىندا خىتاي زىيارىتىدىن قايتىپ كەلدىم، مەن ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ئۆمەكلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى رايونلارغا ‹ئىشەنچلىك زىيارەت› ئېلىپ بېرىشىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.»

خەلقئارادا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھەربىي ھۇجۇمى ۋە رۇسىيەگە قارىتا جازا تەدبىرى قوللىنىش مەسىلىسى ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈشنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشىم سىياسى ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ب د ت نىڭ خادىملىرىدىن ئېمما رېللىي ئۆتكەن يىلى ب د ت قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى (OHCHR) نىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بېرىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بېللىنكىن 1-مارت كۈنى سۆز قىلىپ، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنىڭ يادرولۇق پرىنسىپلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ رۇسىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكىلىرىنى ناھايىتى كەسكىن ئەيىبلىگەندىن باشقا يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئاساسلىقى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. بىز ئالىي كېڭەشنىڭ ئۇ يەردىكى ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتىنى كېچىكتۈرمەي ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.»

مەزكۇر يىغىنغا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتناشقان بولۇپ، ئۇ باشتىن-ئاخىر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەققىدە چىرايلىق سۆز ئويۇنى ئوينىغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 2-مارت بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بىللېنكىننىڭ سۆزلىرى ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ئۇمۇ مۇخبىرنىڭ سۇئالغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەستىن، بۇرۇنقىدەكلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باشتۇرۇشلىرىنى ئامېرىكانىڭ «ئىرقى قىرغىنچلىق» دەپ ئېلان قىلغانلقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقى قىرغىنچلىق» يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئانتونىيو گۇتېررېس ئەپەندى ئۇزۇن مەزگىللىك سۈكۈتتىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلدى. بۇ بىر ئىجابى قەدەم، لېكىن خىتاي ئەگەر بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، خىتاي تەرەپنىڭ دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئالاھىدە سەھنە ياسايدىغانلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.»

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇسمۇ مەزكۇر يىغىندا كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتايدىكى، بولۇپمۇ شىنجاڭ، تىبەتتىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەھۋاللىرىدىنمۇ ئەندىشە قىلىمىز.»

مەزكۇر يىغىندا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

چېخىيە ۋەكىلى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا بولغان ئەندىشىسىنى قايتا تەكىتلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. تۈركىيە ۋەكىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى ۋە ب د ت ئالىي كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى چەكلىمىسىز بىر شەكىلدە زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا دانىيە ۋەكىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشنىڭ ھەيئەت ئەۋەتىپ «ئەھمىيەتلىك زىيارەت» ئېلىپ بىرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىق قىلغان.

ئانتونىيو گۇتېررېس 18-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» دا سۆز قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا «ئىشەنچىلىك» دەرىجىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ ئىزچىل ھالدا بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى توپلاپ، خاتىرىلەپ ۋە تەھلىل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىلدا ئۈچ قېتىم قەرەللىك يىغىن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىنى مارت ئېيىدا تۆت ھەپتە، ئىيۇن ئېيىدا ئۈچ ھەپتە ۋە سېنتەبىر ئېيىدا ئۈچ ھەپتە بولۇپ، جەمئى ئون ھەپتە داۋام قىلىدىكەن. مەزكۇر يىغىندا مەخسۇس دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.