ب د ت نىڭ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارى ۋولكېر تۈرك 7-مارت جەنۋەدە يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن دوكلات بەرگەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ «شىنجاڭ ۋەزىيىتى» توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن «كونكرېت قەدەملەرنى» ئېلىشقا چاقىرغان.
ۋولكېر تۈرك خىتاينىڭ قانداق «كونكرېت قەدەملەر» نى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىشخانىسىنىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردە خىتايدىكى «بىر قاتار ئاكتىپلار بىلەن ئالاقە قانىلى ئېچىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ۋولكېر تۈرك بۇ سۆزلەرنى ب د ت نىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتى 6-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت خۇلاسە دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىگە بولغان بۇزغۇنچىلىقلار، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پارچىلىنىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلارغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېيتىلغانىدى.
ۋولكېر تۈركنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن ۋە ئائىلىلەرنى پارچىلاش» تەك ھادىسىلەرنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ، «كونكرېت ئىز قوغلاشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان» ئىكەن.
ۋولكېر تۈرك مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي مەسىلىسىدە، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار ئاكتىپلار بىلەن ئالاقە قانىلى قۇردۇق. شىنجاڭ رايونى مەسىلىسىدە، مېنىڭ ئىشخانام جىددىي ئەندىشىلىرىنى، بولۇپمۇ كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئائىلىلەرنى پارچىلاش مەسىلىلىرىگە بولغان جىددىي ئەندىشىلىرىنى ھۆججەتلەشتۈردى، شۇنداقلا كونكرېت ئىز قوغلاشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى».
بۇنىڭ ئالدىدا ب د ت نىڭ «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدىغان 18 كىشىلىك كومىتېتى، ئۆزىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى خۇلاسە دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىرى» غا قارىتا ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال قانۇن چىقىرىپ، مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى چەكلىشى، بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى بىكار قىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ كومىتېت ئۆتكەن ئايدىكى يىغىندا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىققان بولۇپ، خىتاي بۇ يىغىنغا زور كۆلەملىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن. يىغىندا ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق سوراققا تارتقان.
لېكىن خىتاي ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىى ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىغا بەرگەن 11 بەتلىك جاۋاب خېتىدە، كومىتېتنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىدىغانلىقى، «خىتاينىڭ دۆلەت رېئاللىقىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەۋسىيەلەر» نى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئائىت تەۋسىيەلەرنى رەت قىلغان. خىتاينىڭ كۆرسىتىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت تەۋسىيەلىرى «توغرا ئەمەس» ئىكەن.
لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، «خىتاينىڭ بەرگەن جاۋابى ئىزچىل بولۇپ، ھەيران قالارلىق ئەمەس» ئىكەن. گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «خەتەر ئاستىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ قانۇن ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبىرى ھاننو شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئىنكاسى ھەيران قالارلىق ئەمەس. چۈنكى، بۇ خىتاينىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئىپادىلەپ كەلگەن خاراكتېرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. خىتاي قاچان تەنقىدكە ئۇچرىسا، ئۇ بۇنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىق ياكى ئاساسسىز، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمىلىك، دەپ رەت قىلىدۇ. بىز بۇنى باچېلېتنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتى ئۇنىڭ قىلمىشىنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۈمكىن› دېگەندە كۆردۇق. ئۇ، بۇنىڭغا قارىتا ياكى مەسىلىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنىدۇ ياكى بۇنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ تەنقىدتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئۇ بۇنى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى».
ھاننۇ شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتى» نىڭ دوكلاتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى» نى ئىپادىلەيدىكەن.
ھاننۇ شەدلېر: «كومىتېتنىڭ دوكلاتى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىلەرنى پارچىلاش سىياسىتىنىڭ چەك-چېگراسى يوقلۇقى، بۇ سىياسەتنىڭ شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندا، شۇنداقلا تىبەتتىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھۆكۈمەتلەر بولۇپمۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى خىتاينى تەنقىد قىلىشتا ياكى تەنقىدنى قايتىلاشتا ب د ت كومىتېتىنىڭ بۇ خىل دوكلاتلىرىنى قوللانما قىلىشى كېرەك» دېدى.
ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى 6-مارت ئېلان قىلغان خۇلاسە دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازىيىشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەتنىڭ يېقىنقى بەش يىللىق نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئائىت سانلىق ئۇچۇرلار، دۆلەتنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلىرىدىكى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئېتنىك، دىنىي ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ سانلىق ئۇچۇرى قاتارلىقلارنىمۇ تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.
دوكلاتتا يەنە مائارىپ ساھەسىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل تىللىرىنىڭ نېمىگە ئاساسەن خىتايچىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، يېڭى تىل سىياسىتى سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىشنى رەت قىلغان ئاتا-ئانىلارغا قانداق تەدبىر قوللىنىلغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە تىلىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىتايلاشتۇرۇشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەر ئېلىنغانلىقى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، دىنىي سورۇنلىرىنى كەڭ كۆلەملىك چېقىشى، دىنىي ئىبادەتنى چەكلەش، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ۋە تىبەت تىللىرىنى مەنئى قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى ۋە تىلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ھەققىدىكى دوكلاتلارغا چۈشەنچە بېرىش قاتارلىقلارمۇ تەلەپ قىلىنغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق پروگرامما دىرېكتورى ساراھ بروكسنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى ئۇنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە ب د ت بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش دېگەندەك سۆزلىرىنىڭ پەقەت كىبىرلىك بىر چاقىرىقلا ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن.
ساراھ بروكس 7-مارت كۈنى رادىيومىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كومىتېتقا بەرگەن جاۋابى ئۇلارنىڭ ئىشنى دارىتمىلاشتەك ھەقىقىي ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز خىتاينىڭ يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگىنىدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى رەت قىلىدىغانلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پەش قىلىدىغانلىقىنى كۈتكەن. ھازىر بىز يەنە ئۇنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە ب د ت بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى ئۇلۇغۋار سۆزلىرىنىڭ پەقەتلا بىر خىتاب ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ب د ت كومىتېتى ياكى باشقا سورۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتۇق».
ساراھ بروكسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ قانچىلىك سەمىمىيەتسىز بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭغا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشى ھەققىدە بېسىم قىلىش يەنىلا مۇمكىن ئىكەن.
ساراھ بروكس يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بۇ تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىشتا قانچىلىك كۆپ ياكى ئاز سەمىمىيەت كۆرسىتىشىدىن قەتئىي نەزەر، سودا سۆھبەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ياكى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە ياكى خەۋپ ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپلىرىگە كاپالەتلىك قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆزگەرتىشىگە بېسىم پەيدا قىلىش يەنىلا مۇمكىن. كومىتېتنىڭ خىتايغا بەرگەن تەۋسىيەلىرى دائىرىلەرنىڭ نېمىلەرنى يوشۇرماقچى ۋە نېمىلەردە سۈكۈت قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بەردى.»
ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ 31 ماددىلىق تەۋسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خۇلاسە دوكلاتى، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئېكران ئارقىلىق سۆز قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىغا سۇئال قويۇشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. چىن گاڭ، 27-فېۋرال كۈنى قىلغان سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىقنى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزى قارار قىلىشى، دۆلەتلەرنىڭ باشقىلارغا «كىشىلىك ھوقۇق دەرسى بېرىشى ۋە بارماق كۆرسىتىشىنىڭ رەت قىلىنىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان.
بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي، 17-فېۋرال كۈنى بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن 38-قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدىمۇ تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. بۇ مەسىلىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.