كېلەر ھەپتە ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر نەچچە دۆلەت بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش قىلمىشلىرى ئۈستىدە ب د ت دا بىرلەشمە پائالىيەت ئۆتكۈزىدىكەن.
كېلەر چارشەنبە كۈنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتتە ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ باش ئەلچىلىرى، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كېن روت ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد قاتارلىقلار ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىدىكەن.
بۇ پائالىيەتتە ب د ت سىستېمىسى، ئەزا دۆلەتلەر ۋە پۇقراۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا ئۆتەيدىغان رولى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
پائالىيەتكە يۇقىرىقى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا بىر قانچە دۆلەتمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.
ھالبۇكى خىتاينىڭ ب ت د تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرگە نوتا يوللاپ، ئۇلارنى يۇقىرىدا پىلان قىلىنغان ئۇيغۇر پائالىيىتىگە قاتناشماسلىققا چاقىرغان.
خىتاي بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى،» دەپ ئەيىبلىگەن.
رويتېرسنىڭ نەقىل قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت ئىشلىرى دىرېكتورى لۇئىس چاربونناۋ بېيجىڭ يىللاردىن بۇيان باشقا ئەللەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە زۇۋان سۈرمەسلىككە قىستاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان جىنايى قىلمىشلىرىدىن يىرگەنگەن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ يىل 19-يانۋار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.