خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئالدىدا، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە يەنە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى 12-ماي ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئېچىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ياخشىلاشتا ئوينايدىغان رولىنى مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلىغان.
خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، 2020-يىلى 6-ئايدا، ب د ت ئالاھىدە تەرتىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 50 نەپەر ئەزاسى ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئاگاھلاندۇرۇشقا بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغانىدى.
بۇ نۆۋەت ب د ت دا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، يېڭى زېلاندىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن باشقا، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئالبانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ب ت دە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتنىشىدىكەن.
پائالىيەتكە ئامېرىكا CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى بېكي ئاندېرسون رىياسەتچىلىك قىلغاندىن باشقا، يىغىننىڭ تەبرىك سۆزىنى ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس گرىنائېيلد خانىم، ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى باربارا ۋۇدۋارد ۋە گېرمانىيەنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى كرىستوئا ھاۋسگېن قاتارلىق ئەربابلار سۆزلەيدىكەن.
پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋھەر ئىلھام، يېپىلىش نۇتقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلەيدىكەن.
بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەت توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ مەزكۇر پائالىيەتكە 16 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىشتىراك قىلغاندىن باشقا يەنە بىر نەچچە نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت بۇ نۆۋەتلىك پائالىيىتى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ب د ت ئەمەلدارلىرى، پۇقرالار جەمئىيىتى ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلارنىمۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلغان. شۇنداقلا ئۇلار بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ب د ت سىستېمىسى، ئەزا دۆلەتلەر ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قانداق قوللاش ۋە تەشەببۇس قىلىشنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتتە بېرىلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ب د ت دا بۇ نۆۋەت پىلان قىلىنغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىننى ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى يىغىنغا قاتناشماسلىققا چاقىرغان ۋە بار كۈچى بىلەن بۇ يىغىننى توختىتىشقا ئۇرۇنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ب ت د دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرگە نوتا يوللاپ، ئۇلارنى يۇقىرىدا پىلان قىلىنغان ئۇيغۇر پائالىيىتىگە قاتناشماسلىققا چاقىرغان. 10-ماي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ب د ت دا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىننى ب د ت غا «ھاقارەت» دەپ ھۇجۇم قىلغان.
دولقۇن ئەيسا، خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي بۇ پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپىدە ھازىرچە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەئىسلىكىنى بۇ يىل ئىيۇندا ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، دەپ رەت قىلىپ كېلىۋاتقانىدى.
ھالبۇكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن-7ماي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى قاتناشقان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بىر يىغىندا: «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە ئىنسانلارنى قۇل قىلىش، قىيناش، غايىب قىلىۋېتىش، ئۆز خەلقى ئۈستىدىن ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش، ياكى ھەرقانداق باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھوقۇقى بەرمەيدۇ»، دەپ خىتاينى ۋاسىتىلىك ھالدا ئەيىبلىگەن.
تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، بايدېن ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېچىلغان تۇنجى يىغىن بولغاچقا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. ئەمما نوپۇزلۇق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە تېخى بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەت گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا تۈرتكە بولامدۇ؟
مەمەتتوختى ئاتاۋۇللانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى تۈپەيلى گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى كەينىگە سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بۇنى ھامان ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.