تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» تەشۋىقاتى ئالدىن تەييارلانغان ئويۇننىڭ بىر قىسمى

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىدە ساختا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى مەلۇم. يىللاردىن بېرى ئىسلام ئېتىقادىنى «رۇھىي كېسەللىك» دەپ قاراپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇپ، دىنىي زاتلارنى يوقىتىپ، مەسچىتلەرنى چېقىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن بۇ جىنايەتلىرىنى تامامەن ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك «دىنىي زاتلىرى» نى سۆزلىتىپ، «شىنجاڭدىكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى» تەشۋىق قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 10-ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش تور يىغىنى» ئۆتكۈزگەن بولۇپ، دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارلار، ھۆكۈمەتتىن تەيىنلەنگەن دىنىي زاتلار ۋە ئاتالمىش «مۇسۇلمانلار ۋەكىلى» تور ئارقىلىق سۆز قىلىپ، «شىنجاڭدىكى ئېتىقاد ئەركىنلىكى» نى تەشۋىق قىلغان. خىتاي مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەلقئارا قانىلى قاتارلىق تاراتقۇلار بۇ يىغىننىڭ ئەھۋالىنى 60 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا بىۋاسىتە تاراتقان.

بۇ يىغىندا شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنى تونۇشتۇرغان ۋە بۇ يەردە «سىستېمىلىق تەربىيە» ئالغانلارنىڭ كەلگۈسىدە شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ تەشۋىقات يىغىنىدا يەنە قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمام-خاتىپى مەمەت جۈمەمۇ سۆز قىلىپ: «نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىز ھېيتگاھ مەيدانىدا ساما ئوينىدۇق. كۆپچىلىك بىر-بىرىنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەپ بايرام خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. كىشىلەر ھازىر مەسچىتتىمۇ، ئۆيىدىمۇ ئىبادەت قىلالايدۇ، روزا تۇتالايدۇ، دىنىي بايراملارنى ئۆتكۈزەلەيدۇ» دېگەن. خوتەن شەھىرى گۈجەنباغ يېزىسىدىكى مەھمۇد نۇرمۇھەممەد تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىپ كەتكەنلىكى، ھېيت-بايراملارنى ياخشى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئىلى ۋە سانجىدىكى ۋەكىللەرمۇ دىنىي تۇرمۇش ۋە ئىبادەتلەردە ئەركىن ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ موللىلارنى تەشۋىقات قورالى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى، خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندىمۇ ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ سۆزىگە باھا بېرىپ: «ئۇنىڭ بۇ گېپى ئاق-قارىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق. پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار، ئەڭ قورقۇنچلۇق. ماۋزىدۇڭنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئەڭ قورقۇنچلۇقم،» دېدى.

بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈي گۇيشياڭ ئامېرىكانى ئەيبلىگەن ھەمدە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن پاكىتلارنى، يەنى مەسچىت چېقىش، دىنىي زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش، مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلغان. ھالبۇكى، يۇقىرىقى جىنايەتلەر ئېنىق دەلىللەنگەن خەۋەرلەر، سۈرەتلەر، ۋىدىيولار ۋە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغانىدى.

بۇ يىغىندا يەنە خىتاينىڭ «ئىسلام دىنى شىنجاڭدا» دېگەن تەشۋىقات فىلىمى كۆرسىتىلىپ، «ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەركىن بەختىيار تۇرمۇشى» نامايەن قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات يىغىنلىرى ئىلگىرىكى يىللاردىن قارىغاندا روشەن كۆپەيگەن ۋە قاراتمىلىقى كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ ئاساسەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ پات ئارىدا خىتايغا ۋە ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ زىيارەت قىلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى رامازان مەزگىلى ۋە ھېيت كۈنلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك خۇشال كۆرسىتىپ، ساما ئوينىتىپ تەشۋىق قىلىشى، مىشېل باچېلېتنىڭ زىيارىتىگە قىلىۋاتقان تەييارلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان ئويۇندىن ئىبارەت، خىتاي بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلىپ كەلگەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ.»

يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ قوللانغان سۆز-ئىبارىلىرىدىن خىتاينىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئاڭنى تەدرىجىي يوقىتىش تاكتىكىسىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە «ئۇيغۇر» نامىنى ئىشلەتمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئېتىقادچى ئامما» ياكى «ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن؛ دىنىي تۈس بېرىدىغان «ھېيت» سۆزىنىڭ ئورنىغا «بايرام» دېيىشنى تەشەببۇس قىلغان، «دىنىي ئىبادەت» نىڭ ئورنىغا سامانى تەرغىپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل بۇ تەشۋىقات يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «شىنجاڭدا 56 مىللەت باراۋەر ۋە ئىتتىپاق ياشايدۇ؛ ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خرىسىتان دىنى، كاتولىك دىنى، داۋجياۋ دىنى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە دۇنيادىكى دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىش، ئۆمەكلەرنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇش ئارقىلىق خەلقئاراغا، بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىگە «شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، زۇمرەت ئوبۇلنىڭ زىيارەت ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ياخشى ئۇزىتىپ قويۇش دېگىنى ئەمەلىيەتتە كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتى بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا بارماقچى بولغان دىنىي ئۆمەكلەرنى كۈتۈۋېلىپ، ئالدىن تەييارلانغان زىيارەتگاھلارغا، چىرايلىق سورۇن ۋە سەھنىلەرگە باشلاپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۆرمەكچى بولغانلىرىنى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ كۆرسەتمەكچى بولغانلىرىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى ئىكەن. تېڭ بىياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بەزى خەۋەرلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ ئۇسسۇل ئوينىتىپ يالغان كۆرۈنۈش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئادىتى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ياكى غەربلىك مۇخبىرلاردىن بىرەر ئۆمەك كېلىمىز دېسىلا، ئۇلار بىلەن كۆرۈشىدىغان ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ياكى ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمەتنىڭ گېپىنى دېگۈزىدۇ».

تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئۆمەكلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىشىنىڭ ئەسلىدە ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يېپىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتىمۇ ئەكسىيەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇ تېررورلۇققا ۋە ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىدى. ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئالىقاچان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرۈپ بولدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، خىتاي تەرەپنىڭ چەت ئەل ئۆمەكلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىمىز دېيىشى، ناھايىتى مەسخىرىلىك بىر ئىش. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقىنى نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقانلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، شۇڭا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار خىتايدا نورمال دىنىي پائالىيەت قىلالمايدۇ».

تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇنداق كۆز بويامچىلىقى ۋە تەتۈر تەشۋىقاتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ 13-ماي كۈنى جەنۋەدە نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.