گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 14-ئىيۇن جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50-نۆۋەتلىك يىغىنىدا 47 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. باياناتتا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، «قايتا تەربىيە ئېلىش» قا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئىتىقادىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلىكى ۋە تەن جازاسىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ «يولۋاس ئورۇندۇق» قا ئولتۇرغۇزۇلۇپ قىينىلىۋاتقانلىقى، ئاشكارا بولغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 5-ئايدا خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭغا قويۇلغان چەكلىمىلەر، ئۇ كۆرۈشمەكچى بولغان كىشىلەر ۋە ئۇ بارغان ياكى بارماقچى بولغان جايلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مىشېل باچېلېتتىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرلانغان، بىراق بۈگۈنگىچە ئېلان قىلىنمىغان جازا لاگېرلىرىغا دائىر دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى كاتېرن خانىم بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە توختىلىپ، «بىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالالمايمىز ۋە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپمۇ تۇرالمايمىز، بەلكى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان بۇ تاجاۋۇزچىلىقلارنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىمىز،» دېگەن.
خەۋەرلەردە كاتېرن خانىمنىڭ يوقۇرىقى سۆزى بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزنىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى قىلغان سۆزىدىكى ئورتاقلىق بايان قىلىنغان. ئولاف شولىز، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە توختالغاندا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، «بىز شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى كۆرمەسكە سالالمايمىز،» دېگەن جۈملىنى قوللانغان.
خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى 47 دۆلەتنىڭ بۇ بىرلەشمە باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بىر قىسىم دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا داۋاملىق ئارىلاشماقتا» دېگەن كونا مۇقامىنى تەكرارلىغان.
جەنۋەدە ب د ت نىڭ 50-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ب د ت دا ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرغان دۆلەتلەر سانىنىڭ بۇندىن 3 يىل ئىلگىرىكى 14 تىن ھالقىپ، بۈگۈن 47 گە يەتكەنلىكىنىڭ زور بىر ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ب د ت دىكى بۇ كۈرەشنىڭ كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، كۇبا، پاكىستانغا ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە چاپان يېپىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.