خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چىلىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 23-ماي خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، خەلقئارادىكى يۈزلەرچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە باياناتلار ئېلان قىلىپ ھەم ئۇنىڭ ئۆزىگە مەخسۇس خەتلەر ئەۋەتىپ ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلىۋېتىپ ئاندىن زىيارىتىنى باشلاشنى تەلەپ قىلىشقان. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت بۇ دوكلاتنى ھازىرلاشقا 3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرىگە دائىر نۇرغۇنلىغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىراق، مىشېل باچېلېت خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى تەكشۈرىمەن دەپ خىتايغا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ، بۇ جىنايەتنىڭ باش جاۋابكارى بولغان شى جىنپىڭ بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ قايتىپ كەلگەن. مەتبۇئاتلار شۇ چاغدا «مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى ب د ت نىڭ يۈزىگە قارا سۈرتكەن، ب د ت نىڭ ئوبرازىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان ئاپەت خاراكتېرلىك ھادىسە» دەپ ئاتاشقان. نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى مىشېل باچېلېتقا غەزەبلەنگەن. شۇنداقتىمۇ، «ئۇنىڭ 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلىۋېتىش مەجبۇرىيىتى بار» دەپ قاراشقان. ئەمما 2021-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنىشى كېرەك بولغان دوكلات ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنمىغان. سەۋەب نېمە؟
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسىنىڭ 20-ئىيۇل كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل ئالغان «خىتاي ب د ت نىڭ شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى توسۇپ قالغان» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ مىشېل باچېلېتنى خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە يالغان سەھنە ھازىرلاپ ئالداپلا قالماي، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى ئاز دېگەندە 3 دۆلەتنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق 3 نەپەر دىپلوماتىنىڭ ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر مۇتەخەسسىسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا خىتاينىڭ تۈرلۈك يوللاردا قارشى تۇرغانلىقىنى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خىتاينىڭ يازغان بىر پارچە خېتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنىمۇ قولغا چۈشۈرگەن.
ب د ت دىكى 4 نەپەر شاھىتنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە بىر پارچە خەت تەييارلاپ، بۇ خەتكە بەزى دۆلەتلەرنىڭ دىېپلوماتلىرىدىن ئىمزا قويۇپ، خىتاينى قوللاشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر خەتتە خىتاينىڭ جىددىي تەلەپپۇزدا «بۇ دوكلاتقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتايىن قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى چەكلەش كېرەك» دېگەنلىكى يېزىلغان.
ئۇشبۇ خەتنىڭ مىشېل باچېلېتنىڭ ئىشخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر شىنجاڭ توغرىسىدىكى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىنسا، ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ سىياسىيلىشىشىنى ھەم تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بولغان ئىشەنچنى ۋەيران قىلىدۇ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بىز ئالىي كومىسسار خانىمدىن بۇنداق بىر باھا دوكلاتىنى ئېلان قىلماسلىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىمىز».
رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ بۇ خېتىگە زادى قانچە دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىنىڭ ئىمزا قويغانلىقىنى ئېنىقلىيالمىغان. شاھىتلاردىن بىرى، ئۆز دۆلىتىنىڭ خىتاينى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ قېتىمقى يىغىندا 47 دۆلەت ئۇيغۇرلارنى قوللاپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولسا، 90 دىن ئارتۇق دۆلەت خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن ئىدى.
بىراق، رويتېرس ئاگېنتلىقى ب د ت دىن خىتاينىڭ مەخسۇس مىشېل باچېلېتقا قارىتىپ يازغان يەنە بىر پارچە خېتىنىڭ كوپىيەسىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، خەتتە مىشېل باچېلېت قاتتىق تەنقىدلەنگەن ۋە ئۇنىڭدا «ھېچقانداق ئىجازەت بېرىلمەستىن تۈزۈپ چىقىلغان ئاتالمىش شىنجاڭ دوكلاتى، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپتۇر. بۇ ئالىي كومىسسارغا بولغان ئىشەنچكىمۇ دەخلى يەتكۈزىدۇ» دېيىلگەن.
خىتاينىڭ ب د ت دىكى تۈرلۈك ئويۇنلىرىنىڭ شاھىتى بولغان، كۆپ قېتىم ب د ت مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي دىپلوماتلىرى بىلەن يۈزمۇ يۈز تىركەشكەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ نەتىجىسىنىڭ خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئېچىلىشىغا، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زېدىلىنىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، خەلقئارادا ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىش سەپەرۋەرلىكى قوزغىغان ۋە دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىغا خىتاينىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، ھەتتا مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايغا سېتىلغان بولۇشى مۈمكىنلىكىنى نۇرغۇن ئادەملەر پەرەز قىلغان بولسىمۇ، پاكىت بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشتىن چېكىنگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنگە كەلگەندە بۇنى ئىسپاتلاپ چىققانلىقى چوڭ بىر ھادىسە. كىشىلەر بۇنىڭدىن، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن خىتاينىڭ نەقەدەر ئالاقزادە بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ب د ت نىڭ ئېغزى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن خىتاينىڭ قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ. بىز ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىشېل باچېلېت خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا، ئۇنىڭدىن ئالدى بىلەن بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ھېلىھەم مىشېل باچېلېت 8-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ ئىنسانىي تۇيغۇغا ئىگە بىر شەخس بولغانلىقىنى ئىسپاتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».