خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئ‍ۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ جەنۋەدىكى دىپلوماتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى تەييارلاپ، ئېلان قىلىشنى ھازىرغا قەدەر كېچىكتۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى 19-ئىيۇل بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدىكى دىپلوماتلىرىغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ تەلىپىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىمزا توپلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خېتىنى كۆرگەنلەردىن 3 دۆلەتنىڭ جەنۋەدىكى دىپلوماتلىرى بۇنداق بىر خەت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى دەلىللىگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئ‍ىشخانىسى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا رادىيومىزغا دوكلاتنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى تەييار بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق دوكلاتنى ئېلان قىلىش ھازىرغا قەدەر ئىزچىل كېچىكتۈرۈلۈپ كەلگەن.

بولۇپمۇ، باچېلېتنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن كېيىن خىتايدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان سۆزى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، باچېلېتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. باچېلېت كېيىنرەك جەنۋەدە قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىلىق ۋەزىپىسىنى قايتا قوغلاشمايدىغانلىقى، شۇنداقلا «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەرگەنىدى.

بىز 20-ئىيۇل كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، باچېلېتنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئېلان قىلىش پىلانىدا ئۆزگىرىش بولغان بولمىغانلىقى، خىتاينىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان-ئالمىغانلىقى، ئالغان بولسا بۇ خەت باچېلېتنىڭ قارارىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى سورىدۇق. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ باياناتچىسى جەرىمىي لاۋرېنس شۇ كۈنى مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا، خىتاينىڭ خېتىگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان، ئەمما دوكلاتنىڭ تەييار بولغانلىقى ۋە دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى قەدەملەرنىڭ بېسىلغانلىقىنى ئېيتقان.

باياناتتا: «دوكلاتنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى تەييار بولدى، شۇنداقلا ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى باسقۇچلار بېسىلدى. بۇ، دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئالاقىدار ئەزا دۆلەتنىڭ پىكىرىنى ئېلىشتەك ئۆلچەملىك باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەلۇم بىر مۇناسىۋەتلىك دۆلەتكە ئالاقىدار دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن شۇ ئەزا دۆلەت بىلەن ئورتاقلىشىش ئ‍ۆلچەملىك بىر مەشغۇلات تەرتىپىدۇر. دوكلات ئالاقىدار دۆلەتنىڭ پىكىر بېرىشىگە سۇنۇلدى. ئىشخانا دوكلاتنىڭ ئاخىرقى نەشرىدە پاكىت ماھىيىتىدىكى پىكىرلەرنى ئەمەلىي ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېيىلگەن. باياناتتا يەنە دوكلاتنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما باچېلېتنىڭ ئۆتكەن ئايدا قىلغان دوكلاتنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتى نەقىل كۆرسىتىلىپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىكى خىتاينىڭ خېتىگە دائىر باياناتلارغا باھا بەرمەيدىغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 20-ئىيۇن رادىيومىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا، باچېلېتنى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭنىڭ دوكلاتنى توسۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ھەر قانداق ئۇرۇنۇشىغا «ناھايىتى دىققەت» قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا: «بىز ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى باشقىلار بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئالىي كومىسسارنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىپ كەلدۇق. ئالىي كومىسسارنىڭ ئىشخانىسى بۇ دوكلاتنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىغا كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئېلان قىلىنمىدى. بىز ئالىي كومىسسارنى دوكلاتنى كېچىكتۈرمەي ئېلان قىلىشقا چاقىرىمىز، شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ھەر قانداق ئۇرۇنۇشىغا ناھايىتى دىققەت قىلىمىز» دېيىلگەن.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ دوكلاتقا قارىتا بۇنداق بىر مۇداخىلىدە بولۇشى «ھەيران قالارلىق ئەمەس» ئىكەن. خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى، دوكتور سوفىيە رىچاردسون 20-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە، بىز بۇ خەتنىڭ تۈنۈگۈن كىملەرگە تارقىتىلغان-تارقىتىلمىغانلىقىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دەلىللىتىش ۋەزىيىتىدە بولمىساقمۇ، بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇنداق بىر ھادىسىنىڭ بولغانلىقىنى قەيت قىلدى. بەلكىم ھەممىدىن مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت سىستېمىسى ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق ئا‍لى كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسىغا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىق توغرىسىدا بېسىم قىلىشى ھېچقاچان ھەيران قالارلىق ئەھۋال ھېسابلانمايدۇ. ئەسلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھەرقانداق تەنقىدنى يوق قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ياكى رەت قىلىشقا ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەھدىنامىلەردە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتايدىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسى بىلەن ماسلىشىشىنى مۈمكىنسىز قىلىپ قويدى. شۇڭا، بۇ ناھايىتى پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەر بولسىمۇ، ئەمما ھەيران قالارلىق ئەمەس».

سوفىيە رېچاردسون يەنە خىتاي بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك قاتتىق بىئارام بولىدۇ، دېگەن سۇئالىمىز ھەققىدە توختىلىپ، بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن نازۇك بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكىدىن بەكمۇ خاپا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سوفىيە رېچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ناھايىتى ياخشى بىر سوئال بولدى. چۈنكى، باشقا نۇرغۇن سىياسىى سىستېمىلاردا ئالىي كومىسسارنىڭ ئ‍ىشخانىسى ئېلان قىلغان تەنقىد خاراكتېرلىك دوكلاتلاردىكى پىكىرلەرگە مۈرىسىنى چىقىرىپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بەك كارى بولۇپ كەتمەيدۇ، ھەتتا چاتىغىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ پەرقلىنىدۇ. تەنقىدلەرگە ئەسەبىي دەرىجىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئىنكار قىلىشتا ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە پائالىيەت قىلىپ كەلدى. مېنىڭچە، بەلكىم ئۇلار بولۇپمۇ بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىدىن بەكمۇ خاپا. چۈنكى، بۇ كومپارتىيەنىڭ 11-ئايدا چاقىرىلىدىغان 20-قۇرۇلتىيىغا ئاز قالغان بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. بۇ، ھەرگىزمۇ شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقداشلىرى خالايدىغان تەشۋىقات ئەمەس».

جەنۋەدىكى 3 نەپەر چەتئەل دىپلوماتى ۋە بىر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ خېتىدە ب د ت نىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» دىن «قاتتىق ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشتىن توختىتىلىشى تەلەپ قىلىنغانىكەن. جەنۋەدىكى مۇتەخەسسىس ۋە دىپلوماتلار يەنە خىتاينىڭ بۇ خەتنى 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلار ئارىسىدا تارقىتىپ كەلگەنلىكى، دىپلوماتلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇپ، خىتايغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خېتىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىغا رەسمىي تەھدىت سالغان. خەتتە: «ئەگەر شىنجاڭ توغرىسىدىكى باھالاش ئېلان قىلىنسا، بۇ كىشىلىك ھوقۇقتا سىياسىيلىشىشنى ۋە گۇرۇپپىلار بويىچە قۇتۇپلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئ‍ىشخانىسىنىڭ ئىناۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئالىي كومىسسارىيات ئ‍ىشخانىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا زىيان يەتكۈزىدۇ» دېيىلگەن. شۇنداقلا يەنە «بىز ئالىي كومىسسار خانىمنى كۈچلۈك رەۋىشتە بۇنداق بىر باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلماسلىققا چاقىرىمىز» دەپ كۆرسىتىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رېچاردسون يەنە خىتاينىڭ نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مەركەزلىشىشىنى توسۇپلا قالماي، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە مەركەزلىشىشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. سوفىيە رېچاردسون: «بىزنىڭ نۇقتىينەزىرىمىزدىن ئالغاندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئۇنىڭ دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشى، باشقا ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنى جاۋابكارلىققا تارتىپ كەلگەندەك ئۇنىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىشى ئىنتايىن مۇھىم» دەپ كۆرسەتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئ‍الى كومىسسارىياتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشىغا خىتاينىڭ مۇداخىلە قىلغانلىقىنى جەنۋەدىكى مۇتەخەسسىس ۋە دىپلوماتلارنىڭ دەلىللىگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ جەنۋەدىكى دىپلوماتىيە ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ئالىي كومىسسارى ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىغا بۇنداق بىر خەت ئەۋەتكەن-ئەۋەتمىگەنلىكىنى ئېيتىشنى رەت قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ باياناتچىسى ليۇ يۈيىن، يېقىندا 100 گە يېقىن دۆلەتنىڭ خىتاينى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قوللىغانلىقى، شۇنداقلا «ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى رەت قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان قانچە دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. خەۋەردە، رويتېرسنىڭ مۇخبىرىغا خىتاينىڭ خېتى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن جەنۋەدىكى دىپلوماتلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ خېتىگە ئىجابىي جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.