باچىلېت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنىڭ تەس كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 8-ئاينىڭ 25-كۈنى جەنۋەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. شۇ قاتاردا ئۆزىنىڭ بېرما ۋە ۋىنسۇئېلادا كۆرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلىگەن. ئارقىدىن دۇنيادا ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق زوراۋانلىقلىرىنى تىلغا ئالغاندا بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا قەتلىئامغا ئۇچرىغان ئوكرائىنا خەلقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما مۇخبىرلارغا دېگەن گېپىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇنىڭدىن بىز مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق» دېدى.

CNN تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىشېل باچېلېت مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ ھەر جەھەتتىن دائىم بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، خادىملارنىڭ ئۆلچەم-تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش-قىلماسلىق بېسىمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن، لېكىن مەن ھەر قانداق دوكلاتنى بېسىم ئاستىدا ئېلان قىلمايمەن ياكى يوشۇرمايمەن».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفى رىچاردسون خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ گەپتىن قارىغاندا، بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش ۋە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدىن ھېساب سوراش ئىشى يېڭى كومىسسارغا قالغان ئوخشايدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە توغرا ئىش قىلىپ بېرىشتە، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ ئىشتىكى ھۆرمەت-ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى مەسئۇلى جون فىشېر (John Fisher) مىشېل باچېلېتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن يوللىغان تىۋېتىدا مۇنداق دېگەن: «يەنە بىر غەيرەت! بۇ ئىش چالا قالسا مىشېل خانىمنىڭ ئىشخانىسىغا ھاقارەت، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا خىيانەت بولىدۇ!»

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىشېل باچېلېت ئىشخانىسى مىشېل باچېلېتنىڭ 6-ئايدا ئېيتقان، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋېتىپتۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ھازىر خىتاي تەرەپتىن كەلگەن «ئەمەلىي پىكىرلەر» نى تەكشۈرۈپ كۆرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلالمايدىكەن.

«ABC خەۋەرلىرى» تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىشېل باچېلېت بىر يىلنىڭ ئالدىدىلا ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىش ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان؛ يېقىنقى ئايلاردىن بېرى يەنە 40 نەچچە دۆلەتتىن كۆپلىگەن خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار ئىكەن، ئەمما خىتاينىڭ خېتىدە مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقى تەلەپ قىلىنغان.

سوفى رىچاردسون خانىم بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا خىتاينىڭ داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما قارشىلىقنىڭمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا. شۇڭا ئۇلار بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. مەنچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىشېل باچىلېت ئىشخانىسىغا بېسىم قىلىپ، ئۇ دوكلاتنى ئېلان قىلدۇرماسلىقى كىشىلەرنى ئەنسىرىتىدۇ ھەم خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە جىنايەتلەرنى قىلىپ تۇرۇپ جازاغا تارتىلماسلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ۋە قارشى چىقماقتا».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنداق كۈچلۈك بىر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىش خىتاي بىلەن قارشىلىشىشتىن دېرەك بېرىدىكەن. خىتاي ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر ۋە مۇتەخەسىسلەرنى يېنىغا تارتىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قارشى كۈچ توپلاۋاتقان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋاملىق ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەلگەن.

دوكلات ئېلان قىلىنىپ قالسا قانداق بولىدۇ، بۇ تېخى نامەلۇم ئىكەن. بۇ ھەقتە نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پروفېسسورى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئالاھىدە دوكلاتچىسى فىلىپ ئالستون (Philip Alston) مۇنداق دېگەن: «مۇھىم بولغىنى شۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشقا تەرەپتىن بولسىمۇ كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر بۇ دوكلات كۈچلۈك بولسا، ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە چوڭ ياردىمى بولىدۇ. بۇ دوكلات ھېچ بولمىسا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايغا كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداقلا خىتاينى ئۆز سىياسىتىنى ياخشىلاشقا قىستايدۇ».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئەگەر بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىپ قالسا، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىشېل باچېلېتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئۇنى مەزكۇر دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن: «بىر نەچچە ئايدىن بېرى، بىز خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ب د ت ئالىي كومىسسارىنى ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەييارلىغان شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىپ كەلدۇق. گەرچە ئالىي كومىسسار بۇ دوكلاتنى پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى دەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ تېخىچە ئېلان قىلمىدى. بىز ئۇنى بۇ دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشقا، ئاشكارا ياكى ئۆز ئىچىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا، ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى شۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشكە چاقىرىمىز».