ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 31-ئاۋغۇست ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ ئارقىدىنلا 7-سېنتەبىر كۈنى ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ب د ت باش كاتىپى ۋە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان چاقىرىقتىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ب د ت ئومۇمى كېڭىشى ياكى ب د ت باش كاتىپى ئانتونى گۇتېررىسنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىشىنى، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى ياكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشى، ئانالىز قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. تەلەپتە يەنە يەنە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر، د ب ت ئاپپاراتلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىشى چاقىرىلغان.

ب د ت نىڭ تەرەپسىز مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئ‍ۆزىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىشى، شۇنداقلا دۇنيامۇ بۇنىڭغا كۆز يۇمۇۋالماسلىقى كېرەك ئىكەن. بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 7-سېنتەبىر ب د ت باش كاتىپى ئانتونى گۇتېررىسنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن گۇتېررىسنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۇقىرىقى چاقىرىقىغا بولغان ئىنكاسىنى، ئۇنىڭ ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەش پىلانى بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق.

دۇجارىك سوئاللىرىمىزنى ئېلخەت بىلەن يازما ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئېلخەت بىلەن ئەۋەتكەن سوئاللىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ 1-سېنتەبىر كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قوشۇمچە قىلىدىغان ھېچقانداق سۆزى يوقلىغىنى ئېيتقان. دۇجارىك 1-سېنتەبىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەش پىلانى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن. ئاخبارات يىغىنىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى توغرىلىق نۇرغۇن سوئاللار چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سوئاللار جاۋابسىز قالغان. ئۇ پەقەت «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ باھالاش دوكلاتى باش كاتىپنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە ئۇزۇندىن بېرى تەكىتلەپ كەلگەنلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى، ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە بۇنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى» دېگەن. ئۇ يەنە باش كاتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى، پارلامېنت كيۇبېك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكىس برۇنېلل دۇسەپنىڭ Alexis Brunelle Duceppe ئېيتىشىچە، كانادا ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇشىدا رەھبەرلىك رولى ئوينىشىنى كېرەك. ئالېكىس برۇنېلل دۇسەپ ئەپەندى 7-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن كانادا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئالدىدا كۆزىنى يۇمۇۋالماسلىق، ئاجىز بولماسلىق، بەزى ھەرىكەتلەردە بولۇشنى تەلەپ قىلىمەن. ئەلۋەتتە، بىز كانادانىڭ دەرىجىدىن تاشقى ئىقتىسادىي، ھەربىي كۈچ ئەمەسلىكىنى بىلىمىز، ئەمما كانادا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كەلگەندە رەھبەرلىك رولىنى ئوينىيالايدۇ.»

ئالېكىس برۇنېلل دۇسەپ كانادانىڭ 1970-يىللىرىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا ئ‍ىرقىي ئايرىمىچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە رەھبەرلىك رولىنى ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ترۇدو ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئوخشاش رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالېكىس برۇنېلل دۇسەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ترۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش رول ئوينىشىنى، ب د ت دىن شىنجاڭغا ئالاھىدە ۋەكىل ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. كانادا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا خىتايغا قارىتا ئاجىزلىق قىلىشقا خاتىمە بېرىشى كېرەك. بىز ھەممىمىز ئىنسان، بىز ئىنسانلارنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئۇلار ھازىر ئىزتىراپ چېكىۋاتىدۇ. بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا قىلالايدىغان ئەڭ قەبىھ جىنايىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق. ئىنسانىيەتكە قىلىنغان بۇ قەبىھ جىنايەت ئالدىدا قاراپ تۇرامدۇق، ئۇنداق ئىش يوق.»

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ چاقىرىقى خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ بىر يىلدەك كېچىكتۈرۈپ 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى «خىتايغا قىلىنغان تۆھمەت» دەپ ئىنكار قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا، «‍ئىشەنچلىك دەلىللەر» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىنىڭ «خەلقئارالىق جىنايەت» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ دوكلات خەلقئارادا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى چۇقانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ب د ت بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللانمىسا، بۇ دوكلات قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالىدىكەن. بۇ سۆزلەرنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا 7-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتتى. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ چاقىرىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار ئىكەن.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، نوپۇزلۇق ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز 7-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار بۇ ب د ت نىڭ دوكلاتىنى قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دوكلاتقا سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. چۈنكى، باچېلېت خوشلىشىشتىن بۇرۇن بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىپ قويۇشنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق ئىش قىلمىدى. بۇ دوكلاتنى ئىجرا قىلىشتا ھەرقانداق بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. شۇڭا، بۇ باياناتنىڭ زامانىۋى قۇللۇق ئەمگىكى بويىچە ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت، دەپ باھالىغان.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ چاقىرىقى ئىنتايىن مۇھىم بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىستراتېگيەلىك بىر تەلەپ ئىكەن. لېكىن ئادرىيان زېنز، ب د ت نىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە يەنىلا ئېھتىيات بىلەن ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە ئۇلارنىڭ تەلىپى ناھايىتى ئىستراتېگىيەلىك. ئەلۋەتتە، ئۇلار ب د ت سىستېمىسى ئىچىدە قانداق قىلىشنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر. بۇ دوكلاتتىن كېيىن ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ئۇنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى. شۇڭا، ھازىرقى مەسىلە، بۇ ۋۇجۇدقا چىقامدۇ-چىقمامدۇ. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلمىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى ئۆزىنى تورمۇزلىسا بولمايدۇ. مەن بەلكىم ب د ت نىڭ بەزى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشىغا ئېھتىيات بىلەن ئ‍ۈمىدۋار قارايمەن. چۈنكى، ئامېرىكاغا ئوخشاش بىر قانچە غەرب دۆلىتى ھەرىكەتكە ئ‍ۆتۈشكە قىزىقىدۇ. ئۇلار ب د ت نىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن ھەرىكەت قوللىنىشنى ئولىشىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ چاقىرىقىدا، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى قىلمىشلىرىنىڭ «خەلقئارالىق جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى» دېگەن يەكۈننى قوللايدىغانلىقى، بۇ دوكلاتنىڭ ئەتراپلىق ۋە پرىنسىپال بولغانلىقى، دوكلاتنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بايقاشلىرى ۋە كۆزىتىشلىرى ئاساسىدا يېزىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.