مەركىزى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە بولغان «مەركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ قانۇن تەتقىقاتچىسى كاتيا درىنھاۋسېن 6-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى سادا يوق، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلماقتا، دۇنيا قاراپ تۇرماقتا» ناملىق ماقالىسىدە ب د ت نى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە چاقىرغان.
گېرمانىيەدىكى ئاخبارات قانىلى بولغان «NTV» تېلېۋىزىيە قانىلى 7-سېنتەبىر كۈنى ئاپتورنى زىيارەت قىلىپ بۇ ماقالىنىڭ ئاۋازلىق شەكلىنى كەڭ تارقاتتى. بۇ ماقالە 6-سېنتەبىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدا ئۇيغۇر بوۋاقلار ئەخلەتنىڭ ئورنىدا تاشلىۋېتىلىدۇ» ناملىق ماقالىدىن كېيىنكى گېرمانىيەدە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر قوزغىغان يەنە بىر ماقالە بولۇپ قالدى.
«ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى سادا يوق، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلماقتا، دۇنيا قاراپ تۇرماقتا» ناملىق ماقالە مۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ: «يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى›گە قاماپ، يالغۇز ئۇزۇن يىللىق ئەن ئەنئەنىسىنى، تىلىنى ۋە ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىمۇ شەپىسىز، قانسىز ھالدا يوقىتىشقا باشلىدى. دۇنيا بولسا سۈكۈت ئىچىدە تاماشا كۆرۈپ تۇردى.»
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەڭ غەربىدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستانلارغا چېگرىداش بولغان بىر تۇپراقتا ياشايدۇ. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، كوممۇنىزمغا ئەمەس، بەلكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدۇ، خىتاي تىلىدا ئەمەس. ئۇلار خىتاي ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتايدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بولسا بارلىق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، بۇنداق بىر ئاقىۋەتنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا».
ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنى كۆزدىن يوقىتىش مەقسىتىدە ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نى قۇرۇپ تەربىيەلىنىشكە ئېھتىياجى بولمىغان يۇقىرى مەلۇماتلىق نۇرغۇن زىيالىيلارنىمۇ قامىغانلىقى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرغانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئەقلىي تېلېفونلىرىدىكى ھەربىر سۆز، ئۇچۇر، يۇمتاللارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقى، ئاندىن ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، ھېچ قانۇنىي سوت تەرتىپلىرى بولمىغان ھالدا جازا ھۆكۈمى چىقارمايلا يىللارچە قاماپ قويۇۋاتقانلىقى، بۇ قاماقتىكىلەرنىڭ ئۇخلىسىمۇ، ھاجەتخانىغا بارسىمۇ نازارەتتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ مىليوندىن ئارتۇقلۇقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي يۈرگۈزگەن نوپۇس قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك 2015-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 2018-يىلى نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 60 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ تولۇق ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.
د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش توغرىسىدىكى سادالارنىڭ خەلقئارادا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى سادا يوق، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلماقتا، دۇنيا قاراپ تۇرماقتا» ناملىق ماقالىدە، ئازراقلا قىممەت قاراشلىرى دەخلى-تەرۈزلەرگە ئۇچرىسا بىرلىكتە كۆتۈرۈلۈپ چۇقان سالىدىغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلگەندە سۈكۈتكە چۆمىۋالغانلىقى، تارىخىدا مۇشۇنداق بىر پاجىئە يۈز بەرگەن گېرمانىيەنىڭمۇ جىم تۇرۇۋالغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ سۈكۈتلەرنىڭ سەۋەبىنىڭ يالغۇز خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىققىلا باغلىق ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ۋە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىلىدۇ: «بۇ سۈكۈتلەرنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ئامىل بىلەن مۇناسىۋىتى بار: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىنتايىن شەپىسىز ۋە قانسىز داۋام قىلماقتا. تامنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويۇلۇپ قىرغىن قىلىنغانلار يوق. ئۆيگە قامىلىپ زەھەرلىك گازلار بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر يوق. جادۇغا بېسىلىپ كاللىسى كېسىلگەنلەر يوق. يەنى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ بىر چىرايى (كۆزگە كۆرۈنىدىغان روشەن بىر قىياپىتى) يوق».
ئەمما بۇ لاگېرلاردا ھەقىقەتەنمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاپتور، خىتاينىڭ ئىنتايىن شەپىسىز بىر ئۇسۇلدا بۇ جىنايەت بىلەن ھېلىھەم شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارىسى ئۈستىدە ب د ت قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك» دەيدۇ ھەمدە «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىست گېرمانىيەسىدە، 1990-يىلى رۇئاندادا ۋە سېربىيەدە يۈز بېرىپلا قالماستىن، بەلكى بۈگۈن زامانىۋى ئۇسۇلدا، تېخنىكىلىق، شەكىلسىز ھالدا بىر خەلق ئۈستىدە ھېلىمۇ يۈز بەرمەكتە» دەپ، «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ مەسىلە ئۈستىدە جاراڭلىق ئاۋازدا نىدا قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى، ئەكسى تەقدىردە كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى تىلغا ئالىدۇ.
«ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى سادا يوق، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلماقتا، دۇنيا قاراپ تۇرماقتا» ناملىق ماقالىدا ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشلارنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، بۇنى يالغۇز «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپلا ئاتاشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قۇرۇلتاينىڭ بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ زور تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭمۇ مۇشۇ مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاپتور كاتيا درىنھاۋسېن ئىلگىرى بېيجىڭدىكى سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، جازا لاگېرلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىغا بىر قېتىم زىيارەتكە بارغان. ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «سىز ماشىنىڭىزنى ھەيدەپ شىنجاڭنى كەزگەندە ھېچقانداق بىر لاگېرنى ياكى سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىنسانلارنى كۆرەلمەيسىز. ئەكسىچە دۆلەتنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن كۆرىدىغىنىڭىز بەختكە چۆمگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە بەخش ئەتكەن پۇرسەتلەرگە قارىتا ئىپادە قىلىۋاتقان مىننەتدارلىقى بولىدۇ».
0:00 / 0:00