ۋولكەر تۈرك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالمىغان

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 57-نۆۋەتلىك يىغىنى 9-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك يىغىن ئەھلىگە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر ئومۇمىي دوكلات بەرگەن.

ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەئىسى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرىگە خىتاب قىلىپ تۇرۇپ سۆزلىگەن نۇتقىدا ئىنسان ھوقۇقى، ئاياللار ھوقۇقى، ئىرقچىلىق، ئۆچمەنلىك، كەمسىتىش، ھەمجىنىسلار مەسىلىسى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكلەر ھەققىدە سۆز قىلغان بولسىمۇ بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ھازىرمۇ «داۋام قىلىۋاتقانلىقى» باھالاپ چىقىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

ئۇ يىغىندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە توختالغاندا پەقەت «خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق نامىدا ئىجتىمائىي ئەركىنلىكلەر ئورۇنسىز چەكلىمىلەر قويۇلدى» دېگەن جۈملىنى ئىشلەتكەن.

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈركنىڭ 57-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بىر مۇھىم سورۇندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالماسلىقى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى.

كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى، دوكتور سوفى رىچاردسون ۋولكەر تۈركنىڭ ب د ت خىتابنامىلىرىدە ئەڭ ئېغىر جىنايەت دەپ ئاتالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالماسلىقىنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەنچە بۇ تولىمۇ غەلىتە نۇتۇق بوپتۇ. ۋولكەر تۈركنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئەسلىدە دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋە زىيانكەشلىكتىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئىدى. مەن ۋولكەر تۈركنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بايانلىرى خىتايدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى، دەپ ئويلايمەن. ئۇ نۇتقىدا ئىنسانلارنى تىلغا ئالماي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىجتىمائىي ئەركىنلىك دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپتۇ. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى بويىچە ئەڭ ئېغىر جىنايەت دەپ بېكىتىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالالمىدى.»

سوفى رىچاردسون: خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك
سوفى رىچاردسون: خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى ۋە خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمى دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن ۋولكەر تۈركنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە نىسبەتەن كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋولكەر تۈركنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدەك بۇنداق چوڭ بىر سورۇندىكى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى، دوكتور ئادرىيان زېنزمۇ «X» تىكى ئىنكاسىدا ۋولكەر تۈركنى تەنقىد قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ۋولكەر تۈرك ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن ئىككى يىل كېيىن كەلگەن ۋە شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكنى ئەيىبلەيدىغان بۇ غايەت زور پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى بەك ئاجىز.»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا نۇرغۇن خەلقئارالىق بېسىملاردىن كېيىن ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى خۇلاسە قىلىپ چىققانىدى. ئەينى چاغدا بۇ دوكلات خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق ب د ت خىتاي ئۈستىدىن بىر تەكشۈرۈش باشلىيالمىغان.

مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغا ئىككى يىل تولغاندا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتكە چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە بىر بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئالىي كومىسسار ۋولكەر تۈرك ھەمدە ئىشخانىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە سىياسەتلىرى، جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسى، ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسەتلەر قاتارلىق بىر قاتار ھالقىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى».

ئۇلار باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز بولۇپمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى نۇرغۇنلىغان چاتاق سىياسەتلەرنىڭ يەنە شۇ پېتى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بىز ھۆكۈمەتنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تولۇق تەكشۈرۈشكە چاقىردۇق. قىيىن-قىستاق قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر ئەيىبلەشلەر ئۈستىدىن تولۇق تەكشۈرۈش ئەپ بېرىلىشى كېرەك.»

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى باياناتى داۋامىدا يەنە «بىز ئايرىم دېلولارنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويدۇق، ھۆكۈمەتنى تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردۇق ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان بەزى كىشىلەرنىڭ ئورنى ۋە ئىز-دېرىكىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق باياناتىدا ئىككى يىل ئاۋۋال دېيىلگەن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تېرمىنىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى دىققەت قوزغىدى.

سوفى رىچاردوسون خانىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ باياناتنى ۋولكەر تۈركنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئىشخانىسىنىڭ چىقىرىشى ھەمدە يەنە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تېرمىنىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقىنى خىتاينىڭ تەسىرىدىن بولغانىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئېنىقلا ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن يۈزلىشىشنى خالىمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دىققەت قىلسىڭىز، بۇ بايانات ۋولكەر تۈرك تەرىپىدىن بېرىلمەي، ئۇنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئەلۋەتتە بايانات ئىشخانا تەرىپىدىن بېرىلسىمۇ ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە. ئەمما ئۇنى ۋولكەر تۈرك بەرگەن بولسا ئۇ ھالدا ئۇ تېخىمۇ كۈچلۈك بولاتتى، تېخىمۇ چوڭ ئەكس سادا پەيدا قىلاتتى. كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، ۋولكەر تۈرك ئۇنداق قىلىشنى خالىمىغان. ئۇ قانداقتۇر بۇ ئىشنى خىتاي بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلالايمەن، دەپ ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك. بۇ خاتا. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان ۋە ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان بۇ كىشىلىك ھوقۇق قاباھىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئارىلىشىدىغان پۇرسەتنى ئارقىمۇئارقىدىن كەتكۈزۈپ قويۇۋاتىدۇ.»

دەرۋەقە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ 2 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بۇ ئىزاھات خاراكتېرلىك باياناتىدا رايوندىكى مەسىلىنى ئۆزلىرى ئىككى يىل ئاۋۋال دېگەندەك «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئەمەس، بەلكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى» نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلغان. ئۇلار باياناتىدا «بۇ يىل 6-ئايدا ب د ت نىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ۋە جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە نۇقتىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە سىياسەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يۈرگۈزۈشنى تەكىتلىدى» دەپ بايان قىلغان.

ئادرىيان زېنز «X» تىكى ئىنكاسىدا بولسا بۇنى تەنقىدلىگەن. ئۇ سۆزىدە: «ۋولكەر تۈرك خىتاينىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› قانۇنى بىلەن يېقىندىن ئالاقىدە بولۇش ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ قانۇن رامكىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىپ دىپلوماتىيە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ خىتاينىڭ بىر مىللەتنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك تارمار قىلىش ئىستراتېگىيەسىدۇر. بۇ بىر مىللەتكە قىلىنغان ئومۇمىي ھۇجۇمدىن ئىبارەت» دەپ كۆرسەتكەن.

47 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنى 9-سېنتەبىردىن 11-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالاش، مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن مۇزاكىرە، پەلەستىن مەسىلىسى ۋە يانداش پائالىيەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەسلىھەتچىلىك ھەيئىتىنى سايلاپ چىقىشقا ئوخشاش بىر قاتار كۈن تەرتىپلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم.