بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-قېتىملىق يىغىنى جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تەشكىلاتى (Advocates for Justice and Human Rights)، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch)، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (Uyghur Human Rights Project)، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى (International Service for Human Rights)، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty International) قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، 51-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزا ۋە كۈزەتكۈچى دۆلەتلىرىنى يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى ( OHCHR ) ئېلان قىلغان دوكلاتتىكى بايقاشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان.
ئۇلار مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقنىڭ دوكلاتى چوقۇم 51-نۆۋەتلىك كېڭەشنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى كېرەك. ب د ت نىڭ ئەڭ يۇقىرى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ۋە كۆزەتكۈچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، بۇ دوكلاتتىكى بايقاشلارغا ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئەمدى سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىزدۇر.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ كېڭەشكە قويغان كونكىرېت تەلەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
مەزكۇر باياناتتا مۇنداق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنى كېڭەشنىڭ رەسمىي كۈنتەرتىپىگە قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىنىڭ نەتىجىسى ۋە ب د ت ئالاھىدە تەرتىپلىرى ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇلما ۋە سىستېمىلىق رىقابەتلەرنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، خىتايدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈستىدىن مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىش.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى، دوكتور سوفى رىچاردسون رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بىرىنچى مۇھىم قەدەم دوكلاتنى كېڭەشنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇش، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ھازىر قىلىشقا تېگىشىلىك بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم ئىش، بۇ دوكلاتنى 51-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەسمىي كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت. ئەسلىدە كېڭەش بۇنى ئاكتىپلىق بىلەن قىلىشى كېرەك. ئاندىن ئۇنىڭدا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئاۋاز تاشلايدىغان بىر قارارنامە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، بۇ ئاۋاز تاشلاشتا خىتاي ئۆزىگە يېقىن دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ قارارنامىگە قارشى ئاۋاز تاشلىشى مۇمكىن. بىراق مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ دوكلات رەسمىي كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشى كېرەك. نورمال تەرتىپمۇ ئەسلىدە شۇنداق.»
8-ئاينىڭ 31-كۈنى يېرىم كېچىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سابىق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئاخىرى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى باستۇرۇپ قويغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، قېيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلىشتەك كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەر بىرمۇ-بىر ئىسپاتلىرى بىلەن يېزىپ چىقىلغان ۋە ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى يەكۈنلەنگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار ئەسكەرتىلگەن ئىدى: «رايوندىكى شارائىت بۇ خىل قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلارنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تەكرارلىنىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ھالەتتە تۇرماقتا. شۇڭا بۇ ئەھۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدەك ھۆكۈمەتلەر ئارا ئورگان ۋە كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنىڭ جىددىي دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ».
سوفى رىچاردسون خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مەخسۇس «تەكشۈرۈش مېخانىزىمى» قۇرۇپ چىقىش ئاسانلىقچە قولغا كەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى بىر يەردىن باشلاش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر تەكشۈرۈش مېخانىزىمى قۇرۇپ چىقىشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلـتۈرۈش ئۈچۈن بەلكىم بىر قانچە كېڭەش يىغىنى سەرپ قىلىنىشى مۇمكىن. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ ئىش بىر يەردىن باشلىشى كېرەك. بىلگىنىڭىزدەك، بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دوكلات بولغاچقا، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەسمىي كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆزىدە، مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جىددىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
نۆۋەتتە ھەرقايسى خەلقئارالىق ئورگانلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرگە بولغان بېسىمىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە.