ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلىۋاتقان ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ جېنىغا تەككەن. بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ، گېرمانىيە ئۈچۈنمۇ بىر يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن، يەنى 21-سېنتەبىر «خىتاي، شولىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش تەلىپىنى رەت قىلدى» دېگەندەك ناملاردا بەس-بەستە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، 20-سېنتەبىر ب د ت يىغىنىدا سۆزگە چىققان گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينى «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياخشىراق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان». ئولاف شولىز بۇنىڭغا ئۇلاپلا «بۇ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە قۇدرەتنىڭ ئىشارىتى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ياخشى تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىشنىڭ كاپالىتى سانىلىدۇ» دېگەن.
خىتاي دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 21-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چۈشكەن بۇ ھەقتىكى سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتىنى «خاتا ئۇچۇرلارنىڭ ئارىلاشمىسى» دېگەن. ئۇ: «جۇڭگونى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقان بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي قورالى» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئولاف شولىزنىڭ 150 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىۋاتقان ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى كېچىكىپ مەيدانغا چىققان بىر ھادىسە بولسىمۇ، ئالقىشلاشقا ئەرزىدىغان تارىخىي بىر ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، گېرمانىيەنىڭ ئەسلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا باش بولۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى توختىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD نىڭ بۈگۈن 21-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش: خىتاي شولىزنىڭ تەشەببۇسىنى رەت قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «خەلقئارالىق جىنايەت، بەلكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى 1949-يىلى بېسىۋالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيەنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرە، ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ خىتاينى ئەيىبلىشىنى «گېرمانىيەنىڭ سىياسىي رېئاللىقىغا نىسپەتەن زور ۋەقە» دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، ئولاف شولىزنىڭ ئەسلىدە خىتايغا بۇرۇندىن ئىجابىي قاراشتا بولۇپ كەلگەن بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشتا پەۋقۇلئاددە زور جاسارەت كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى.
ھالبۇكى، گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. ئۇ 26-ئىيۇن باۋارىيەدە چاقىرىلغان G7 يىغىنىدا «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەل قارىيالمايمىز» دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى ۋاستىلىق ئىما قىلىپ ئۆتكەن بولسا، بۇ يىل 5-ئايدا شىۋېتسارىيەنىڭ داۋۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا «بىز شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالالمايمىز» دەپ ئۆز مەيدانىنى ئوچۇق ئىپادە قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مەركىزى ۋاشىڭتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ خۇسۇستا بۈگۈن لوندۇندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزنىڭ ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىغا قارىتا ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.