پرېزىدېنت ترامپ: «ب د ت قىلمىشلىرى ئۈچۈن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.»

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75-قېتىملىق يىللىق يىغىنى 15-سېنتەبىر باشلانغان بولۇپ، 30-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75-قېتىملىق يىللىق يىغىن ئارقىلىق ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ھالدا كۆپ تەرەپلىمىلىك رول ئوينىشىنى تەشەببۇسى قىلىدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 21-سېنتەبىر باشلانغان. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كورونا ۋىرۇسى، ھاۋارايى بۇلغىنىشى ۋە بىرقىسىم دۆلەتلەر ئارىسىدا تىنچىمايۋاتقان ئۇرۇش قاتارلىق خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا سۆز قىلغان بولۇپ، خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە ئۇ خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز يوشۇرۇن بىر دۈشمەن بىلەن ئېلىشىۋاتىمىز، ئۇ بولسىمۇ ‹خىتاي ۋىرۇسى›. خىتاي ۋىرۇسى 188 دۆلەتكە تارقىلىپ سان-ساناقسىز كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بىز پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن بۇ ۋىرۇسنى تارقاتقان دۆلەت-خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشىمىز كېرەك. يەنە خىتاي ھەر يىلى مىليون توننا ئەخلەتنى دېڭىزغا تۆكۈۋېتىدۇ. ب د ت دۇنيانىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى مەسىلىسىدىمۇ خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بالايىئاپىتىگە سەل قاراپ، ئامېرىكانى ئەيىبلەۋاتقان دۆلەتلەر ھاۋارايىغا ئەمەس، بەلكى پەقەتلا ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان دۆلەتلەردۇر. مەن بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمەن. ئەگەر ب ب ت راستىنلا رولى بار تەشكىلات بولىدىغان بولسا، دۇنيادىكى ھەقىقىي مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، تېرورىزىم، ئاياللارنى خورلاش، مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنى-ئېتىقادنى باستۇرۇش، دىنىي گۇرۇپپىلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار. ئامېرىكا ھەر ۋاقىت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ رەھبىرى بولۇپ كەلدى. بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز دىنىي ئەركىنلىك، ئاياللار ھوقۇقى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.»

فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانوئېل ماكرون سۆزىدە خىتاينىڭ رېجىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ تەشەببۇس قېلىپ كېلىۋاتقانلىرىمىز ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلار، ھەرگىزمۇ غەربنىڭ ئىدىيەلىرى ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بەرگۈچىلەر بۇ ھوقۇقلارنى قوغدىشى كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق بولمايدۇ. بۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي پىرىنسىپلىرىدۇر. بۇلار ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم ۋە ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلىرىدۇر. دەل شۇ سەۋەبتىن فىرانسىيە بىر خەلقئارالىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ب د ت نىڭ باشچىلىقىدا شىنجاڭغا بېرىپ، ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى، يەنى ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئېممانوئېل ماكرون يەنە نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ كەسكىن كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كۆزەتكۈچىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75-قېتىملىق يىللىق يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنىڭ خىتاي بولغانلىقىغا دىققەت قىلىشماقتا.

مەزكۇر يىغىندا گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا زور تۈركۈمدىكى «سىياسىي قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» ۋە كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش سىستېمىسى مەۋجۇتلۇقى، شۇنداقلا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكنىڭ سىستېمىلىق چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كانادانىڭ باش ئەلچىسى لېسلېي نورتون بۇ رايوندىكى «كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش، نازارەت قىلىش، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق سىياسەتلەر» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى جون فىشېر 300 دىن ئارتۇق پائالىيەتچىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھېچقانداق بىر دۆلەت قانۇندىن ئۈستۈن بولماسلىقى كېرەك، ئەمدى خىتايغا نۆۋەت كەلدى.» دېگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75-قېتىملىق يىللىق يىغىنىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تۈرك دىپلومات ۋولكان بوزكىر ئەپەندى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان بۇنى دۇنيانىڭ تۈركىيەگە ئىشەنگەنلىكى دەپ باھا بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 25 مىنۇتلۇق نۇتقىدا پەلەستىن، سۈرىيە، يەمەن، ئافغانىستان ۋە كەشمىر قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەت ۋە رايونلار ھەققىدە ئايرىم ئايرىم توختالغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ياكى خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە ئالىقىدار ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دوست قارا كۈندە ئايرىلىدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغان مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ خاراكتىرىدۇر. بىر قىسىم دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۈچ تالىشىشى سۈرىيە، پەلەستىن، يەمەن، ئاۋغانسىتانغا ئوخشاش دۆلەتلەردە مۇقىمسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.»

ئۇ ئاخىرىدا پەلەستىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىنسانىيەتنىڭ قانىغان يارىسى بولغان پەلەستىندە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋىجدانلارنى ئازابلاشنى داۋام قېلىۋاتىدۇ. ئۈچ چوڭ دىننىڭ مۇقەددەس مىراسلىرىغا ئىگە بولغان قۇددۇسقا قولنى سوزۇۋاتقانلارنىڭ جاسارىتى تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ. دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كىلىشەلمەسلىكىنىڭ ب د ت نىڭ باشچىلىقىدا سەمىمىي سۆھبەتلەر ئارقىلىق ھەققانىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. "» ئەردوغان سۆزىدە يېڭى زىنلاندىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى، ئىراقتىكى مۇقىمسىزلىق، ئىراندىكى ياردرو قورالى مەسىلىسى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەزەربەيجان ۋە ئەرمەنىستان ئارىسىدىكى ئۇرۇشنىمۇ تىلغا ئالغان. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى ۋە ياكى ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن.

مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن پاكىستان مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولىغانلىقى ھەققىدە توختالغاندا، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا 2017-يىلدىن بىرى دېيىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولىغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمەسلىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ئىمران خان مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇن دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلار زۇلۇمنىڭ نىشانى بولماقتا. مۇھەممەت پەيغەمبەر ھاقارەت قىلىنماقتا، قۇرئانلار كۆيدۈرۈلمەكتە. ھىندىستاندا ھۆكۈمەت قوللىغان ‹ئىسلامغا ئۆچمەنلىك› ئەۋج ئالماقتا. خۇددى ناتسىستلار ي نىشانلىق ھالدا يەھۇدىيلارنى يوقېتىشنى پىلانلىغاندەك، ھىندىستان مۇسۇلمانلارنى نىشانغا ئالماقتا. تەخمىنەن ئىككى ملىيوندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار كەمسىتلىشكە، كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانماقتا. دوكلاتلارغا ئاسالانغاندا، زور كۆلەملىك ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› مۇسۇلمانلار بىلەن تولغان.»

كۆزەتكۈچىلەر غەرب ئەللىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى باستۇرۇشى ۋە ئىرقى قىرغىنچلىقىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشى بىلەن تۈركىيە، پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئىلىپ قويمىغانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك سىېلىشتۇرما بولدى، دېيىشمەكتە.

مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرگىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پۇرسەت بېرىلگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى زۇمرەت خانىم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاللىقاچان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بەھرام سىنتاش ۋە زىبا مۇرات قاتارلىقلار ئاتا-ئانىلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇم ۋە پاجىئەلەرنى ئەمەلىي پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە خەلقئاراغا بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان. شىۋىتسارىيەدە تۇرۇشلۇق ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جازا لاگېرىغا ئىلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.