ب د ت دىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە قارار قوبۇل قىلىش كۈرىشىدە غەرب بىلەن خىتاينىڭ ئارىسى تېخىمۇ ئېچىلغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا باشلچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئالدىنقى ھەپتىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا بايان قىلىنغان ۋەھشىيلىكلەرگە قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش-بارماسلىق ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا ب د ت غا بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان ئىدى. ئۇنىڭ نەتىجىسى بۈگۈن، يەنى 6-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت دا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەندى.

جەنۋەدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلىش ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت ئىچىدىن ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى 17 ئاۋازغا، خىتاي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى 19 ئاۋازغا ئېرىشكەن. 11 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. نەتىجىدە 2 ئاۋاز پەرق بىلەن، يەنى 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن خىتاي تەرەپ ئۇتۇپ چىققان بولغان.

UN-uyghur-mesilisi-10-6.png

ئەمما بۇ قېتىمقى ئاۋاز بېرىشتە ئەسلىدىلا خىتايغا دوست ۋە دۈشمەن بولغان ئارگېنتىنا، مېكسىكا، ھىندىستان، ئۇكرائىنا قاتارلىق 11 دۆلەتنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ 47 دۆلەتنىڭ يېرىمىنىڭ بولسىمۇ ئاۋازىغا ئېرىشەلمەسلىكى، ئۇنىڭ دۇنيادا بارغانسېرى يېتىمسىراشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر دەلىلى بولۇپ قالغان.

جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ سەلبىي قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ ناھايىتى كۆپ ئويۇنلارنى ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار بىلە قان-قېرىنداش قېرىنداش بولغان ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكىدىن، ئۇيغۇرلارغا دىنداش بولغان ھىندونېزىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتاي تەرەپتە تۇرغانلىقىدىن قاتتىق پەرىشان بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ كۈتۈلمىگەن نەتىجىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەسلىكىنى، بۇنىڭ بۇندىن كېيىن ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ زور تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھەپتىلەردىن بۇيان جەنۋەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇرمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينى خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ قوللىغانلىقىنى، ئەمما نەتىجە قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەر سانىنىڭ زور دەرىجىدە كېمەيگەنلىكىنى ب د ت دىكى بۈگۈنكى رېئاللىقنىڭ ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.