ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى: ھەققانىيەت بىلەن زالىملىقنىڭ كۈرىشى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-10-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كرىستوفىر خۇسگېن ب د ت نىڭ باش شتابىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 27-يانۋار، نيۇ-يورك.
گېرمانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كرىستوفىر خۇسگېن ب د ت نىڭ باش شتابىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 27-يانۋار، نيۇ-يورك.
AP

نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت ) كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 6-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئومۇمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىردى. يىغىنغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشقان بولۇپ، ب د ت نىڭ بۇ يىللىق چوڭ يىغىنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. يىغىندا نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش قىلمىشىنى چۆرىدىگەن مۇزاكىرىدە گېرمانىيەنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى كرىستوف خويزگىن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ھېچقانچە پەردازلىماستىن ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قويدى.

باش ئەلچى خويزگىن سۆزىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قامىۋالغانلىقىدەك تۈپكى پاكىتنى چۆرىدىگەن ھالدا دىنىي ئېتىقاد، سۆز ۋە يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنىڭ تارتىۋېلىنىشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە مەنسۇپ تىل، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «بىز ب د ت نىڭ بۇ جايغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش ئارقىلىق زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە يول ئېچىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

گېرمانىيە باش ئەلچىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىشى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماس بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يەنە بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. يىغىندا ئوقۇلغان بىرلەشمە باياناتقا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، ئىسپانىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق 38 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەردىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 39 غا يەتتى. بىرلەشمە باياناتتىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۆمەك باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىش ھەمدە بۇ جايلاردا توسقۇنسىز تەكشۈرۈشىگە يول قويۇش ھەققىدىكى تەكلىپلەر بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولدى. خىتاي دىپلوماتلىرى ئىزچىل «بىز باچېلېت خانىمنىڭ بۇ خىل تەكشۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز» دەپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «توسقۇنسىز ۋە ئەركىن» تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلماسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق سەمىمىيەتلىك پوزىتسىيەسىدە ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.

يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى جاڭ جۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكادىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ قانداق ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «ئامېرىكا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىپ، ئاندىن باشقىلارغا ئەقىل ئۆگىتىشى لازىم» دېدى. خىتاينىڭ ب د ت دىكى مۇئاۋىن باش ئەلچىسى گېڭ شۇاڭ بولسا گېرمانىيە باش ئەلچىسى ئوقۇپ چىققان باياناتقا ئۆزلىرىنىڭ قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەيىبلەشلەرنى «پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دېدى. (ئاۋاز. قىسقا). گېڭ شۇاڭ سۆزىدە گېرمانىيە ئەلچىسى قاتارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى «يىغىن مەيدانىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئورنىغا ئەمەس، بەلكى ئاچچىقىنى چىقىرىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى» دەپ ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ «ھەققانىي ۋە زۆرۈر» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىدە ئىران، شىمالىي كورېيە، سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق 45 دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنى قوللاپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بۇنىڭغا دەلىل قىلدى.

ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىش مەسىلىسى دۇنيادىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئورۇن ئالدى. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە تۈرلۈك مۇھاكىمىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشتەك بۇ ھادىسىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينى قوللاش تەرەپدارلىرىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارادا تېخىمۇ كەڭ مىقياستا ئېتىراپ قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسىنىڭ، شۇنداقلا ب د ت نىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى ئەڭ تۈپلۈك پىرىنسىپلاردىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى دۆلەتلەر سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ئەمەلىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھادىسىلەردىن ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ كەسكىن تەنقىدلىگەن غەرب دۆلىتىنىڭ بىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دېيىشكە بولىدۇ. بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى جاڭ جۈننىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا بىرلەشمە باياناتنى ئوتتۇرىغا قويغان گېرمانىيەنى ئەمەس، ئەكسىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى چىشلەپ تارتىشىنى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بولغان بىر تۈرلۈك ئۆچ ئېلىش، دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ جاڭ جۈننىڭ «ئامېرىكادا ئېغىر ئىرقىي كەمسىتىش مەۋجۇت» دېيىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىماقچى بولۇشىنى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئانالىزچىلار «زادىلا پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغان ئاقماس نەزەرىيە» دەپ قارايدۇ. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا «ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاپ ئوتتۇرىغا چىققان دۆلەتلەر ئىچىدە ئىسلام دۆلەتلىرى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دولقۇن ئەيسا بۇ دۆلەتلەردىكى دىكتاتورا ھاكىمىيەتلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پۈتۈنلەي پەرقلىق قاراشتا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆز خەلقىنى باستۇرۇۋاتقان ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا نىسبەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشىغا قاراپلا بۇنى «ئىسلام دۈشمەنلىكى» نىڭ مىسالى قىلىۋېلىشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان شىمالىي كورېيە، سۇدان، كۇبا دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلارنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ «قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ» دېگەندەك قەبىھلىك، ئىستىبداتلىق ۋە زالىملىقتا ئۆزئارا ھەمتاۋاق ۋە شېرىك ئىكەن. ئەمما نۆۋەتتىكى تارىخنىڭ سىنىقى ئۇلارنىڭ ھەققانىيەت ياكى زالىملىقنىڭ قايسىسىغا ھېمات بولۇشىنى جىددىي كۈتۈۋاتقان بولۇپ، بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسى تارىخ بەتلىرىگە ئەبەدىيىلىك خاتىرە بولۇپ يېزىلىدىكەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئۆتكەن مەزگىللەردە ئىزچىل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر قايسى جەھەتلەردىن يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىلىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە تۇتقۇننى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك ب د ت ۋە خەلقئارا ئىسلام بىرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. .

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق بېسىملار بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۆز سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بۇ جەھەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان خىرىسلارنىڭ يەنىلا ئېغىرلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت