43 دۆلەت ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى تەكرار ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى شەرتسىز ۋە توسالغۇسىز تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى» نىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى «ياۋروپا-ئامېرىكا شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يەنە تەنقىد قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 21-ئۆكتەبىر كۈنى سىن ئېكرانى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا ئامېرىكا باشلىق 43 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە خىتايدىن ب د ت نىڭ مەخسۇس خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە بىر زىيارەت گورۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلىمىسىز، توسالغۇسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا دەرھال يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئومۇمىي يىغىنى 76-قېتىملىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-سېنتەبىر، نيۇ-يورك.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئومۇمىي يىغىنى 76-قېتىملىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-سېنتەبىر، نيۇ-يورك.

«فرانسىيە ئاۋازى رادىيوسى» نىڭ بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان «43 دۆلەت ب د ت دا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى» ناملىق خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتتىق ئەيىپلەنگەن بۇ بىرلەشمە باياناتنى فرانسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس دېرۋىي 43 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە مۇنداق ئىبارىلەر يەر ئالغان: «ھەرقايسى قىتئەلەردىن كەلگەن 43 دۆلەت خىتاينى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. فرانسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس دېرۋىي پەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەخسۇس سىن يىغىنىدا 43 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى».

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا دەرھال ۋە توسالغۇسىز يول قويۇشقا چاقىرىمىز». «ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامالغان. بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر قېيىن-قىستاققا، رەھىمسىز ۋە ئىنسانىيەتسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىماقتا، بۇ يەردە مەجبۇرىي تۇغماسلىق، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە بالىلارنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشتەك ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھۆكۈم سۈرمەكتە».

خەۋەردە تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جۈن بۇ بىرلەشمە باياناتقا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ بايانات ھېچقانداق پاكىتقا ئاساسلانمىغان، پۈتۈنلەي ئىغۋا، خىتايغا قارشى سۈيقەست» دېگەن. ئۇ يەنە «شىنجاڭ تەرەققىي قىلماقتا، خەلق ھەر كۈنى قولغا كەلتۈرىۋاتقان ئىلگىرىلەشلەردىن ئىپتىخارلانماقتا،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا 2019-يىلى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 23 بولغان بولسا، 2020-يىلىغا كەلگەندە كۆپىيىپ 39 غا يەتكەن. بۇ يىل تۈركىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سانى ئۆرلەپ 43 كە يەتكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىپادە قىلىشىچە، بۇ قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا 43 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي زۇلۇمىنى ئەيىبلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەب قىلىشى ئىجابىي قەدەم بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىرىنى ھەل قىلىشقا كۇپايە قىلمايدىكەن. ئۇ سۆزىدە، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىم جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا قارشى سەپكە قوشۇلۇشىنىڭ زور بىر ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى، مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، گەرچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا 43 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇشى زور بىر نەتىجە بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەھدىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاينى قوللىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سانىمۇ ئاشقان. كۇبانىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى 62 دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: «شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى» دېگەن.

بىراق رېئاللىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە خەلقاراغا ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ياكى لاگېر سىياسىتىنى پەردازلاپ ئىپادىلەش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە نەتىجە قازىنالمايۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ب د ت غا 200 دەك دۆلەت ۋە رايون ئەزا بولۇپ، خىتاي سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ شۇنچە ئۇرۇنۇشلاردىن كېيىنمۇ ئىندەككە كەلتۈرەلىگەن دۆلەتلەرنىڭ سانى ب د ت غا ئەزا دۆلەت ۋە رايونلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يەتمىگەن. 130 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون يەنىلا خىتاينى قوللىمىغان، بىتەرەپ بولىۋالغان ياكى قارشى چىققانلار تەۋەسىدە تۇرماقتا ئىكەن. خىتايغا دوست بولغان دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرەب ئەللىرى كەبى خەلقئارادا تېگىشلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورنى بولمىغان دۆلەتلەر ئىكەن.