ب د ت دىكى 23 دۆلەت ئۇيۇشتۇرغان يىغىنىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.10.27
ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس-گىرىنفېلد (Linda Thomas-Greenfield) ب د ت نىڭ باش شتابىدىكى يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى -12ئۆكتەبىر.
AP

26-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنغا سەھنە بولدى. يىغىندا ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفېلد سۆز قىلىپ، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاشنى، خىتايغا ب د ت نىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى، شۇنداقلا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فېرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزىۋاتقان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋىتىگە كۆز يۇمۇشىغا بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق 23 دۆلەتنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك بۇ يىغىن «ب د ت ئەمەلدارلىرىنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى، ژۇرنالىستلارنى، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەملەپ، ب د ت نىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش» نى كۆزلىگەن.

يىغىندا ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفېلد، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى قورقۇنچلىق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، ئاسساسسىز ئەيىبلەشلەر بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىش، ئېتنىك، دىنىي ۋە مەدىنىيەت كىملىكىگە قاراپ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىش، قەبىھ، غەيرى ئىسانىي ۋە خورلاش خاراكتېرلىك جازا بېرىش، شۇنداقلا دوكلاتتىكى جىنسىي زوراۋانلىق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىدۇ» دېگەن. لىندا توماس گرېنفېلدنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا خىتايغا ب د ت نىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى، شۇنداقلا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ دوكلات ۋە باشقا بايقاشلار، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق شۈبھە قويمىدى. بۇ يەردىكى مەسىلە، بىز قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك، دېگەن مەسىلىدۇر. مېنىڭ بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى، ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي ھەم ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئاشكارلاشنى، خىتايغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي ھەم ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى قوللاپ، بۇ جىنايەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

يىغىندا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئىزچىل ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن تۈركىيەنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. يىغىندا تۈركىيە باش ئەلچى سىنىرلىئوغلۇنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت نىڭ دوكلاتى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە، مەدەنىيىتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىكەن. فېرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەپسۇسكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلە توغرىسىدىكى بارلىق ئەندىشىلىرى دەلىللەندى. ب د ت نىڭ دوكلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى، مەدەنىيەت كىملىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە تىنچ، خاتىرجەم ۋە بىخەتەر ياشاش پۇرسىتى يوقلىقىنى دەلىللىمەكتە.»

فېرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ساقلاپ قېلىشى، تۈپ كىشىلىك ھوقۇققا ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى، شۇنداقلا راھەت ياشىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئەندىشىلىرىنى، شۇنداقلا كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى داۋاملىق ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەمدىكى سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرىگە قاراپ تۇرۇشىمىزغا ياكى ئۇنى كۆرمەسكە سېلىشىمىزغا بولمايدۇ. بۇ دەپسەندىچىلىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشقا ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرىش، بىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتىمىز.»

«ئاسىيا جەمئىيىتى» ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەركىزىنىڭ دېرىكتورى ئورۋېل شېلنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ يىغىندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىگەن. ئۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىدلەپ، بۇ دۆلەتلەرنى «تارىخنىڭ توغرا تەرىپى» دە تۇرۇشقا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئالاھىدە مېخانىزىمى قۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېگەن: «بىز يېڭى سايلانغان كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەسىلىسىدە قەتئىي ۋە ئاشكارا پوزىتسىيە ئېلىشقا، شۇنداقلا ئالىي كومىسسارنىڭ دوكلاتنى ئەزا دۆلەتلەرگە تونۇشتۇرۇشىنى كۈچلۈك رەۋىشتە چاقىرىمىز. بولۇپمۇ قارار لايىھەسى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە چوقۇم قايتا سۇنۇلىشى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ خىتاينى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى تەيىنلىشى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.»

ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىلىرىدىكى ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسى، پروفېسسور فېرناند دې ۋارېنېس، بۇ قېتىملىق يىغىندا دوكلات بەرگەن ب د ت نىڭ مۇتەخەسسىسىدۇر. ئۇ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ يىل 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتىغا چۈشەنچە بېرىپ، دوكلاتتا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللەت سۈپىتىدە كوللېكتىپ جازالاش نىشانىغا ئايلانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فېرناند دې ۋارېنېس مۇنداق دېگەن: «شۇنداق، بۇ دوكلات پەقەت شىنجاڭدا يۈز بەرگەن يۈز مىڭلەرچە، ھەتتا مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا چېتىشلىق ناھايىتى زور، كەڭ كۆلەملىك، كەمسىتىش خاراكتېرلىك نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىلا كۆرسىتىپ بەرمىگەن، بەلكى بۇ دوكلات يەنە ماھىيەتلىك سۈپەتكە ئىگە دوكلاتتۇر. شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا يولغا قويۇلغان سىياسەت ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كوللېكتىپ جازالاشنى مەقسەت قىلغان، دەپ چۈشۈندۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ كوللېكتىپ جازانىڭ نىشانى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەردۇر.»

فېرناند دې ۋارېنېس سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنى كوللېكتىپ جازالاشتا قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقىغا سۇئال قويۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جازالاشتا قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقىنى ئۆزىمىزدىن سوراپ بېقىشىمىز كېرەك. ئۇلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى سىياسەتلىرىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن جازالىنىۋاتامدۇ ياكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەر كوللېكتىپ تەھدىت، دەپ بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟ بۇ يەردە دىنىي ئېتىقادى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ياكى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق كوللېكتىپنى نىشانغا ئېلىش ئەھۋالى مەۋجۈت. پۈتۈن بىر كوللېكتىپ توپلۇقنى نىشانغا ئېلىش ۋە ئۇلارنى باشقىلاردىن ئايرىش، ئىنسانىيەت تارىخدىكى بىر زۇلمەت.»

بۇ يىغىنغا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام بىلەن خىتاي تۈرمىسىدىكى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇرات تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇلار سۆزىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىلھام توختى بىلەن گۈلشەن ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرىدىكى نەھەق يېتىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.

زىبا مۇرات مۇنداق دېگەن: «مەن ئاۋازىمنىڭ سىلەر ئۈچۈن بىر مەنا ئىپادە قىلىشىنى، شۇنداقلا ئائىلەمنىڭ تراگېدىيەسى بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممىڭلارنىڭ يۈرىكىگە خۇددى سىلەرنىڭ ئاناڭلاردەك تەسىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

«شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ۋەزىيىتى» ماۋزۇلىق بۇ يىغىندا، نۇرغۇن دىپلوماتلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ب د ت نىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» ھەققىدە توختىلىپ، ب د ت نىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى قانداق قىلىپ ياخشى ئورۇنداش توغرىسىدا بەزى سۇئاللارنى قويغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەققەت دېرىكتورى تىرانا ھاسسان يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغنالىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «يەنە بىر قارار لايىھەسى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلۇشى كېرەك. بۇ قىلىدىغان بىرىنچى ئىش. بىز قارار لايىھەسىنىڭ سۇنۇلۇشىغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىراق سەمىمىلىك بىلەن ئېيتقاندا، بىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىدە بۇ قارار لايىھەسىنى يېتەرلىك، دەپ قارىمايمىز. چۈنكى بۇ دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن چەكلىنىدۇ. بىز پەقەت مۇزاكىرە قىلىپ قويۇشنى يېتەرلىك، دەپ قارىمايمىز. بۇنىڭدىنمۇ جىقراق ئىش بولۇشى كېرەك. بۇنداق قىلىشقا سىلەر ئۈچۈن ھېچقانداق توسقۇنلۇق يوق. بۇ تېخىمۇ كۆپ دەلىل توپلاشنى تەلەپ قىلمايدۇ. سىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئىگىلىشىڭلارغا ھاجەت يوق.»

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ سۇنغان تەكلىپ لايىھەسى، 16-ئۆكتەبىر پاكىىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىە ئاز پەرق بىلەن رەت قىلىنىپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

26-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە رەت قىلىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ب د ت دا ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئېچىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.