كانادا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ب د ت غا ئەزا 50 دۆلەت 31-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 3-كومىتېتى يەنى ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» نى مۇزاكىرە قىلىشنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا خىتاينى «شىنجاڭ دوكلاتى» دىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.
بۇ دۆلەتلەر بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى 16-ئۆكتەبىر خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. 31-ئۆكتەبىر كۈنى 77-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 3-كومىتېتىنىڭ 39-قېتىملىق يىغىنىدا، كانادانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى روبېرت رېي 50 دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۆز ئېلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
روبېرت رېي مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتى، بۇ ئەندىشىلەرنى تەرەپسىز ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرگەن. دوكلاتتا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىشنىڭ كۆلىمى ‹خەلقئارالىق جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۈمكىن› لىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ باياناتقا ئالبانىيە، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترېيە، بېلگىيە، بېلىز، بولغارىيە، چېخىيە، كروۋاتىيە، دانىيە، ئېستونىيە، سومالى، تۈركىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دۆلەت ئىمزا قويغان.
روبېرت رېي 3-كومىتېتنىڭ يىغىنىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدىكى باھالاشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ بۇ دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. بۇ نۇقتىدىن، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇ، شىنجاڭدا ئەركىنلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى، يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئىز-دېرىكىنى جىددىي ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ۋە بىخەتەر ئالاقىلىشىش ۋە ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشقا قۇلايلىق يارىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
روبېرت رېينىڭ ئالدىدا ئامېرىكانىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ سادىر قىلىۋاتقان قەبىھ قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىپ، قانۇنسىز ۋە ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى، مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدا سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى، شۇنداقلا باشقا جايلاردىكى دەپسەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى، جۈملىدىن تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇققا بولغان قاتتىق چەكلىمىسىنى، خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بىز كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن شىنجاڭدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىمىز. كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتى خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇننىڭ كۆلىمى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن› دەپ خۇلاسە چىقاردى. بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سادىر قىلىۋاتقان قەبىھلىكنى دەرھال توختىتىپ، ناھەق ياكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە، غايىپ بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىنجاڭدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمىز.»
50 دۆلەتنىڭ باياناتى دەرھال كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر تەشكىلات 31-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، كىشىلىك ھوقۇق كېڭەشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ئەڭ تېز ئارىدا قايتا مۇزاكىرە قىلىشى ۋە ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش مېخانىزىمىنى قۇرۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئويلىشىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ تەكىتلىشىچە، «بولۇپمۇ بۇنداق بىر مېخانىزىم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ مەسئۇللىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەۋسىيە قىلىشى كېرەك» ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھازىرغا قەدەر ب د ت دا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانات ياكى خىتاپنامىلارغا ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ ئىمزا قويۇشى بولۇپ، ب د ت دا «شىنجاڭ دوكلاتى» نى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دېرىكتورى مەمەت توختى 1-نويابىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى توسۇپ قېلىشى، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىمىنىڭ رولىغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەمەت توختىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، خىتاينىڭ توسقۇنلىق قىلىشى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ب د ت ئومۇمىي كېڭەشىدە ئاۋازغا قويۇشىنىڭ ۋاقتى كەلگەن.
لېكىن ب د ت 3-كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، لائۇس، لىۋىيە، مالى ماۋرىتانىيا، ماراكەش، پەلەستىن، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆبېكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 66 دۆلەت خىتاينى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا زىچ باغلانغان دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل خىتاينى قوللاپ كەلگەن. يىغىندا كۇبا ۋەكىلى بۇ 66 دۆلەتكە ۋاكالەتەن بايانات بەرگەن بولۇپ، باياناتتا «شىنجاڭ، خوڭكوڭ ۋە تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىدۇر. بىز كىشىلىك ھوقۇقنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا ۋە قوش ئۆلچەم ئىشلىتىشكە ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارلىشىشقا قارشى تۇرىمىز» دېيلگەن.
لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى، ئۆزىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلغان ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆچ ئېلىش بىلەن تەھدىت سېلىپ ياكى قورقۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق 31-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ئورتاق بايانات ئۇنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.