كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسسىلىرى ب د ت نى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پاسسىپلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى تەدبىر ئېلىشتا پاسسىپ تۇرۇۋالغانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە. يېقىندا ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئاياللار مەسىلىلىرى بويىچە ۋەكىلى كېللىي كۇرىي سۆز قىلىپ: «ب د ت ئەسلىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايتتى» دېگەندىن كېيىن، بۇ مۇنازىرە يەنە قايتا قوزغالدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېللىي كۇرىي خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، لاگېرغا قاماش ۋە لاگېرلاردىكى جىنسىي زوراۋانلىق ھەققىدىكى دوكلاتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ دوكلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەندىزىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى، ب د ت نىڭ بۇنچە ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماي، ئۇنىڭغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆزلىيەلمىدى، ئۇ يەرگە ھەقىقىي يوسۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلالمىدى ۋە يۇقىرىدىكىدەك ئىنتايىن ئىشەنچلىك ئەيىبلەشلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئەپ بارمىدى،» دېگەن.

بىز بۇ ھەقتە ئامېرىكادىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇكنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن ب د ت نىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلالمايۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ساراھ كۇك خانىم بۇنىڭدا ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق ئورگانلىرى بىلەن ئۇنىڭ قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرى ۋە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە ب د ت قارمىقىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ۋە شۇنىڭدەك بىر قاتار مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە ھەقىقەتەن مۇھىم دوكلاتلارنى تەييارلىغانلىقىنى بىراق بۇ مەسىلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ياكى ئومۇمىي كېڭەشلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا كەلگەندە ئاندىن خىتاينىڭ ئۆز كۈچىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ياكى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى ۋە ھەتتا خىتايدەك بىر دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق كېڭشىگە ئەزا بولۇپ كىردى، دېگەن مەسىلىدە پۈتۈنلەي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قۇرۇلما سىياسەتلىرى سەۋەبچى بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. خىتاي مانا بۇ نۇقتىدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆزىنى تەنقىدلىشى ۋە ياكى ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇنىڭدا قوللانغان ئۇسۇللىرىمۇ ھەر خىل. مەسىلەن، خىتاي مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ھەل قىلالمايۋاتقان بىر ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىش، ساتالمىغان مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۇ دۆلەتنىڭ سۈكۈتىنى سېتىۋالغانلىقىنىمۇ كۆردۇق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ھاكىمىيەتلىكىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تەنقىدلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرى پەقەت خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى يوقىتىش بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن، ئەكسىچە ئۇلار ب د ت نى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرى ئۈچۈن قالقان قىلىپ قوللىنىشقا ئۇرۇنماقتىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كرىزىس خىزمەتلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئاكشايا كۇمار بۇ ھەقتە يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىندا «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە مۇقاۋا ماقالىسى ئېلان قىلىپ، رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ باھالىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى مۇھەررىرلىرىگە مەكتۇپ يازغان. ئۇ مەكتۇپىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى» قاتارلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە خەلقئارالىق ھۆججەتلەردە گەۋدىلەنگەن پرىنسىپلارغا تۈپتىن ماس كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

ئاكشايا كۇمار ماقالىسىدە خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزلىرىگە قارشى چىقىپ: «ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پرىنسىپى شىنجاڭدىكىگە ئوخشاش مۇتلەق نازارەت، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنى مەجبۇرىي سىياسىي قايتا تەربىيىلەشنى قوللىغان ئەمەس،» دېگەن.

ئۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نامىنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «ب د ت نى مۇنازىرىگە سۆرەپ كىرىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەپ ئاتاش ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، كەڭ كۆلەملىك جىنايەتلىرىنى كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ قانۇنلۇقلىقى بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنماقتا. ئىلگىرى ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەمىشە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەپ سۈپەتلىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىشنى خالىمىدى ياكى شىنجاڭنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلمىدى. ئەمما ھەممە ئادەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىزىقى بىلەن ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ. ھازىر كۆپلىگەن ئەزا دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە جەڭ ئېلان قىلىشنى خالايدۇ.»

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بىزگە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا تەسىرى بولغان تەقدىردىمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا ب د ت قارمىقىدىكى كومىتىتلار ۋە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دېموكراتىك دۆلەتلەر ئورتاق بايانات ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەپ چىقالايدۇ. ئاندىن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قول قويغان كېلىشىملەر بويىچە مەسىلەن، ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ياكى قېيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كېلىشىملىرى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەقققىدىكى ۋە بۇنى تەكشۈرىدىغان كومىتېتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشتا كۆپرەك كۈچى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. مەن بۇ كومىتېتلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشىنى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن گۇمانلىنىۋاتقان ياكى ئۇنى ئامېرىكانىڭ ئويۇنى، دەپ قارايدىغان بىر قىسىم دۆلەت ۋە خەلقلەرنى قايىل قىلىشتا ۋە ئاقىۋەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۇشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

دەرۋەقە، بۇ يىل خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ قېتىم تۆۋەن ئاۋاز بىلەن، يەنى 2016-يىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىغا ئەڭ كۆپ ئاۋاز بولغان 180 ئاۋاز بىلەن سايلانغان بولسا، بۇ يىل ئەڭ تۆۋەن 139 ئاۋاز بىلەن سايلىنىپ كىرگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئەينى چاغدا خىتاينىڭ بۇ قېتىم 41 ئاۋاز يوقاتقانلىقىنى ياخشى بىر ئۆزگىرىش دەپ باھالىغان ۋە «بۇ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز چېگراسى ئىچى ۋە سىرتىدا جاھىللىق بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى،» دېگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كرىزىس خىزمەتلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئاكشايا كۇمارنىڭ ماقالىسىدە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يۈز بەرگەن بىر قانچە زوراۋانلىق ھۇجۇمىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، رايون مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە باشقا زۇلۇم ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى تېررولۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ھەرگىزمۇ مىليون ئادەمنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشقا باھانە سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئاخىرىدا ب د ت باش كاتىپىغا خىتاب قىلىپ: «ب د ت نىڭ باش كاتىپى كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ب د ت پرىنسىپلىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىلىپ، قورقۇنچلۇق جىنايەتلەرنى ئاقلايدىغان قالقان قىلىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، خىتايغا ئوخشاش ۋىجدانسىز (ئەخلاقسىز) ھۆكۈمەتلەر ب د ت نىڭ سۆزلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، ئۆز ۋەھشىيلىكىنى ئاقلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ،» دېگەن.