ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھرىيەتچىلەردىن بولغان مەسئۇل ۋەكىلى مايكېل مىككائۇل ب د ت نىڭ خىتاينى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى تەكشۈرىدىغان بولغان.
مايكېل مىككائۇل بۇ ئەھۋالنى بىر سابىق ب د ت خادىمى ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، سابىق ب د ت خادىمى ئېمما رايلى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئەنگلىيەلىك پائالىيەتچى ۋە ژورنالىست مەجىد ناۋازنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ب د ت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بەرگەنلىكى، بۇنىڭ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تەھدىتكە دۇچار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل مىككائۇلنىڭ ئىشخانىسى 4-نويابىر رادىيومىزغا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇنىڭ ئالدىدا مىككائۇل «ۋاشىنگتون ئەركىن ماياك گېزىتى» گە «ئەگەر بۇ ۋەقە راست بولۇپ چىقسا، بۇنىڭ ئادەمنى بەك بىئارام قىلارلىق ئىش بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېگەن ئىدى. ئېمما رايلىنىڭ تەكىتكلىشىچە، ب د ت 2006-يىلدىن بېرى خىتاينى تىزىملىك بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ئىكەن.
ئۇ 4-نويابىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2012-يىلى ب د ت غا خىزمەتكە كىرگەنلىكى، 2013-يىلى بۇ ئەھۋالنى بايقاپ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ب د ت نىڭ خىتاينى داۋاملىق تىزىملىك بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئېمما رايلى مۇنداق دەيدۇ: «ب د ت بۇ ئىشنى 2006-يىلدىن بېرى قىلىپ كەپتىكەن. مەن بۇنى 2013-يىلى بايقاپ مەلۇم قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل مەلۇم قىلىپ كەلدىم. ب د ت تىزىملىك بېرىشنى ئاساسەن توختىمىدى. مەن بۇ ئەھۋالنى بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكاغىمۇ مەلۇم قىلغان. خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىمىنىڭ ھەر يىللىق يىغىنىدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى سورايدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر سورايدۇ، لېكىن ب د ت تىزىملىكنى باشقا دۆلەتلەرگە بەرمەيدۇ. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى پەقەت خىتايغىلا بېرىدۇ. شۇڭا ھەر قېتىم خىتاي تىزىملىكتىكى كىشىلەر قاتنىشىدىغان يىغىنلارغا ئىشتىراك قىلىپ كەلدى.»
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ب د ت خىتايغا بەرگەن تىزىملىكتىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇ تىزىملىكتىكىلەرنىڭ ئىچىدىكى رابىيە قادىر، دولقۇن ئەيسا، ئەسقەر جان ۋە ئالىم سېيتوف قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە يېتەكچىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئېمما رايلى مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ئىچىدە رابىيە قادىر، ئەسقەر جان قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر بار. مەن خىتايغا بەرگەن تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ، دېيەلەيمەن. مەن بۇ تىزىملىكنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىنى بايقاشتىن بۇرۇن، يەنى 2012-يىللىرىدا تىزىملىكتىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇغانلىقلىرىنى ئاڭلىغان. مەن ئۇ چاغدا خىتاينىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا قانداق ئېرىشكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. بۇ ئۇچۇرنى ب د ت نىڭ بەرگەنلىكى خىيالىمغا كەلمىگەن. بىراق مەن بۇ ئىشنى ب د ت نىڭ قىلغانلىقىنى كۆردۈم.»
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 4-نويابىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى، ئۇلارنى خىتاينى ئىزچىل ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ياكى تەمىنلىمەيۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ بايانتچىسى رۇپېرت كونۋېل 4-نويايبىر مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى خىتاينى تىزىملىك بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن تىزىملىك بىلەن تەمىنلەشنىڭ 2015-يىلدىن بېرى توختىتىلغانلىقى، «ئەمما رايلىنىڭ بۇ ئىشنى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتىدۇ، دېيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «رايلى خانىمنىڭ بايانى توختاپ قالغان بىر تارىخىي ھادىسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چەكلىك شارائىتتا قىسمەن دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى بىلەن تەمىنلەش، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ ھەرقانداق پائالىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زىيان سالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. بىز ئىشخانىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرقانداق ھەرىكىتىنىڭ قاتناشقۇچىلارغا زىيان سالغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق دەلىلنى بىلمەيمىز.»
ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، 2015-يىلدىن باشلاپ ب د ت نىڭ بۇ «چەكلىك ھەرىكىتى» توختىغان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن باشلاپ ھېچقانداق دۆلەتنى يىغىنغا قاتنىشىدىغان شەخسلەرنىڭ ئىسمى بىلەن تەمىنلەپ باقمىغان. باياناتتا: «رايلى خانىمنىڭ بۇ مەشغۇلاتنى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتىدۇ، دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىشىنىڭ خاتائىكەنلىكى» تەكىتلەنگەن، لېكىن بۇ ئىمتىيازنىڭ نېمە ئۈچۈن پەقەت خىتايغىلا بېرىلگەنلىكى، «چەكلىك شارائىت» دېگىنىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، ئەمما رايلى بۇ مەسىلىنى 2013-يىلى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن يەنە داۋاملاشتۇرغانلىقىغا ئىزاھات بېرىلمىگەن.
قانۇنشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئەنگلىيەدىكى «لوندون خەلق كوللېگىيەسى» نىڭ ئادۋوكاتى ھامىد سابى 4-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلار، فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۆكتىچىلەرگە ۋەھشىيلىك قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بارلىق قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، يەنە ب د ت نىڭ بارلىق سىستېمىسى ۋە قۇرۇلۇش مەقسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ئۇنىڭ نىزامنامىسى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ب د ت نىڭ نىزامنامىسىدە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشى تەكىتلەنگەن. لېكىن خىتاي ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئىشلىتىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى.»
ھامىد سابىنىڭ تەكىتلكىشىچە، ب د ت نىڭ خىتاينى تىزىملىك بىلەن تەمىنلىگەنلىكى راست بولسا، بۇ يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ۋەقەسى ئىكەن. ئۇ ب د ت ئومۇمىي قۇرۇلتىيى يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلمىسا، ئۇنىڭ پۈتكۈل ب د ت سىستېمىسىنى پالەچ قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھامىد سابى مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ چوڭ دەپسەندىچىسى. ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلغۇچى. ئۆزىنىڭ مىليونلىغان تىنچ پۇقرالىرىنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغۇچى. شۇنداقتىمۇ ب د ت ئۇنىڭ قىلمىشىنى تەكشۈرۈشكە بىرەرمۇ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى تەيىنلەپ باقمىدى. چۈنكى ب د ت نى خىتاينىڭ تەسىرى چىرمىۋالدى. دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر ب د ت ئومۇمىي قۇرۇلتىيىغا باش ئۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىمتىيازلىرىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىدىكى ئەزالىقى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلمىسا، ئۇ ب د ت نىڭ پۈتۈن سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن.»
ئەمما رايلىنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلە ب د ت نىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى، بەلكى ب د ت نىڭ سىرتىدا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ ب د ت نىڭ باياناتىدا ئۇنىڭ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما رايلى مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلە ب د ت نىڭ ئىچىدە ئەمەس، بەلكى سىرتىدا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. مەن 2013-يىلى ب د ت تەكشۈرۈش ئورگانىنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئۇلار تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان. ئۇلار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشنى خالىمىغان ئىدى. ئۇلار پەقەت بۇنىڭ بەك يامان ئىش بولغانلىقىنى ئېيتىپ، باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالىمىدى. بۇ ۋەقەنى ب د ت سىرتىدىكى بىر ئورگاننىڭ تەكشۈرۈشى لازىم. ب د ت نىڭ جاۋابى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇلار تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېنىق ئېتىراپ قىلغان. دېمەك، ئۇلار 10 يىل مابەينىدە بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن خىتاينى دەپ ب د ت نىڭ قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلدى.»
ب د ت نىڭ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، ئېمما رايلى خانىم بۇرۇن ب د ت نىڭ مۇستەقىل ئىختىلاپ سوتى ۋە ئەرزىيەت سوتىنىڭ بۇ ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە داۋاسىغا قاتناشقان بولۇپ، ب د ت نىڭ ئىچكى سوت كوللېگىيەسى ئۇنىڭ دەلىل ۋە ئەرزىنى رەت قىلغان ئىكەن. ئۇلار باياناتىدا «مەزكۇر مەسىلە ھازىرمۇ ب د ت نىڭ ئىچكى سوتىدا كۆرۈلۈۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئېمما رايلىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە تېخىمۇ تەپسىلىي جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
0:00 / 0:00