ئامېرىكا، ئىتالىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەزالار 16-نويابىر ب د ت باش كاتىپى ئانتونيۇ گۇتېررېسقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنى ب د ت مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان كرىزىسنى جىددىي تەكشۈرۈشكە چاقىرغان. مەكتۇپتا تەكىتلىنىشىچە، ب د ت باش كاتىپى بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە «ئالاھىدە ۋەكىل، ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ياكى باشقا تەكشۈرۈش مېخانىزملىرىنى بېكىتىشى، شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىنى چاقىرىشى كېرەك» ئىكەن.
مەكتۇپتا: «بىلگىنىڭىزدەك ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىش توغرىسىدىكى چاقىرىقى دۇنيادىكى 400 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن قايتا تەكىتلەندى. بىز بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ بۇ مەكتۇپنى يازدۇق. كۈچلۈك ۋە كەسكىن ئەيىبلەشنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى ۋەزىيەت سىزنىڭ بىر تەرەپلىك ھەرىكەت قوللىنىپ، ب د ت نىڭ شىنجاڭ كرىزىسىنى تەكشۈرۈشى، بېسىم قىلىش كۈچىنى تولۇق ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا» دېيىلگەن.
سابىق كانادا ئەدلىيە مىنىستىرى، «رائول ۋوللېنبئېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئېرۋىڭ كوتلېر، يۇقىرىقى مەكتۇپقا ئىمزا قويغان قانۇن مۇتەخەسسىسى ۋە سىياسىيونلارنىڭ بىرى. ئۇ 17-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئانتونيۇ گۇتېررېسنىڭ ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچى-سىرتىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئېرۋىڭ كوتلېر مۇنداق دېدى: «مەن ب د ت باش كاتىپىنىڭ ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، بىز مەكتۇپىمىزدا ئوتتۇرىغا قويغان تەرەپلەردىكىدەك خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش مېخانىزمى تەيىنلەپ، شىنجاڭدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى چەكلىمىسىز، خالىغان شەكىلدە تەكشۈرۈپ چىقىشىنى، ب د ت روھىڭگادا يولغا قويغان مۇستەقىل تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ دوكلات قىلىشى ۋە شۇنىڭغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تۇتقان سوغۇق مۇئامىلىسى ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ كەلدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 17-نويابىر ب د ت باش كاتىپى ئانتونيۇ گۇتېررېسنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ستېفان دۇجارىچ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ب د ت باش كاتىپىنىڭ يۇقىرىقى مەكتۇپقا بولغان ئىنكاسىنى سورىدۇق.
ستېفان دۇجارىچ ئۆزىنىڭ بۇ مەكتۇپنى تېخى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ئۇ مەكتۇپنى بىر كۆرەي. مەن ھازىر جاۋاب بېرەلمەيمەن، چۈنكى ئۇ مەكتۇپنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. سىز ماڭا سىزنىڭ ئالاقە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى ئەۋەتسىڭىز، مەن سىزگە جاۋاب قايتۇراي» دېدى. بىز ئۇنىڭغا ئېلخەت ئەۋەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى تېد يوخو، تام مالىنوۋىسكى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت، جەف مېركىلېيلارنىڭ باشچىلىقىدا يېزىلغان بۇ مەكتۇپ ماركو رۇبىئو، كەۋىن كرەيمىر، ئىلخان ئۆمەر، جېيمىس مىكگوۋېرىن قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ شۇنداقلا بىر قىسىم ئاۋسترالىيە، كانادا، ئىتالىيە، شىۋېيىتسارىيە پارلامېنتىلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ئىمزا قويۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار مەكتۇپىدا گۇتېررېس بىلەن ب د ت سىستېمىسى ئىچىدە «شىنجاڭدىكى ئېتنىك ۋە دىنىي باستۇرۇشلار» غا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر ھەققىدە سۆزلىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار خىتاي ب د ت دا ھازىرقىدەك كۈچلۈك ئورۇنغا چىقىۋالغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە بەك ئۈمىدۋار قارىمايدىكەن. ئەنگلىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى لۇك دې پۇلفورت ئەپەندى 17-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئەھۋالدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باشقا يول تۇتۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
لۇك دې پۇلفورت مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ب د ت دا بۇنداق كۈچلۈك ئورۇننى ئىگىلىۋالغان ئەھۋالدا ب د ت نىڭ بىز تەلەپ قىلغان بۇنداق ھەرىكەتتە بولۇشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى باردەك قىلمايدۇ. ئاشۇ سەۋەبلىك بىز باشقا ۋاستىلارنى قوللىنىشىمىز، باشقا يوللارنى ئىزدىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئورتاق قىممەت ئۆلچىمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىدىكى ئورتاق نىزامنى قوغدايدىغان بىر ئورگاننىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى، خەلقئارا جامائەتچىلىك ئۈچۈن بىر تراگېدىيە».
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ب د ت يۇقىرىقى چاقىرىققا سەل قارىسا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. لۇك دې پۇلفورت، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى قۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ياكى يۈرگۈزمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يۇقىرىقى ئامىللار سەۋەبلىك بىز باشقا يول تۇتۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش مەجبۇرىيىتى يۈكلىگەن. ئۇنىڭدا سىز بۇنى ب د ت ئارقىلىق قىلىسىز، دېيىلمىگەن. ئۇنىڭدا بۇ ھەر بىر دۆلەتكە يۈكلەنگەن. شۇڭا، ب د ت ئۆزىنىڭ رولىنى يوقاتسا، بىز باشقا يولنى ئىزدىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ نۇرغۇن يولى بار. بۇنىڭ بىرى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سوت قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتۇر».
پارلامېنت ئەزالىنىڭ مەكتۇپىدا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىشى ياكى ئالاھىدە يىغىن چاقىرىشى، ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش مېخانىزمى تەسىسى قىلىشى، بۇ مېخانىزمىنىڭ ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنى، ب د ت مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى ۋە ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تەلەپكە ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىقى مەكتۇپ كانادانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، مەزكۇر رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان مەزگىلدە يوللاندى. كانادا باش ئەلچىسىنىڭ سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغانىدى.
0:00 / 0:00