بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ۋەزىپىسىدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلىشنىڭ ئاخىرقى مىنۇتىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك مىڭلىغان شەخسلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى باھالاش دوكلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ خۇلاسىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇپ قېلىشقا جان-جەھلى بىلەن كۈچەپ كېتىشىدىكى بەزى سىرلار يېشىلگەندەك بولدى.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى دەپ قارىلىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن، جىنسىي خورلۇق، مەجبۇرىي چارىلار ئارقىلىق تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، تىل ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىش دېگەندەك بىر قاتار مەزمۇنلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان تۈرلۈك ئوبزورلار ۋە باشقا پىكىرلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم دەلىللەندى. چۈنكى ھەر ئىككىسىدىكى ئەھۋال بىر-بىرىگە تولۇق ماس كەلگەنىدى. ب د ت نامىدىكى بۇ دوكلاتنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ ئېلان قىلىنىشى يەنە بىر ياقتىن «بۇ دوكلات مۇشۇنداقلا ئەبەدىيلىككە غايىب بولۇپ كېتەرمۇ؟» دەپ بۇ ھەقتە ۋايىم يەۋاتقان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تەشۋىشلىك قەلبىگە ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولغانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە خەۋەر قىلغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى بەزى دېلىغۇللۇقنى زور دەرىجىدە تۈگەتتى.
يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشلىرىنى ئاشكارا تەنقىدلەشتە بارغانسېرى ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ياپونىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى ماتسۇنو خىروكازۇ (Matsuno Hirokazu) بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ؛ «ياپونىيە ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن بەكمۇ قاتتىق ئەندىشىدە بولۇۋاتىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى ئەركىنلىك، ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دېگەندەك ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشلىرىغا كېپىللىك قىلىش بەكمۇ مۇھىم» دېگەن. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك «بۇ دوكلات بىز ئەندىشە قىلىۋاتقان شىنجاڭ ھەققىدىكى ئەھۋاللارنىڭ راست ئىكەنلىكىنى تەستىقلىدى» دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا «خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن خۇلاسە ھەمدە «زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ئەقىلگە ئۇيغۇن» دېگەن قۇرلار بەكمۇ كۈچلۈك ھۆكۈم بولمىسىمۇ يەنىلا بۇ قېتىمقى دوكلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. يەنە كېلىپ ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئاساسىي نۇقتىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك خەلقئارالىق تەشكىلات بولغان ب د ت نامىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش رولىنى ئوينىغانلىقى، بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك، «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلاردا داۋام قىلىۋاتقان روھىي ۋە جىسمانىي قىيناق، تۇغۇت كونتروللۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي شەكىلدىكى تۈرلۈك تېببىي ۋاستىلارنىڭ قوللىنىلىشى، جىنسىي خورلۇق قىلمىشلىرى دېگەنلەرنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدىكى بايانلارغا ئورۇن بېرىلىشى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
1-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ قارار ئالغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر دوكلات ھەققىدە رەسمىي بايانات ئېلان قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى باياناتتا ئۆزلىرىنىڭ بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ؛ «بۇ دوكلات خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان قاباھەتلىك مۇئامىلىسىنى نوپۇزلۇق ھالدا دەلىللەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دىنىي جامائەتكە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرىدۇ» دېدى. باياناتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى، پۇقراۋى جەمئىيەتلەر ۋە خەلقئارا جامائەت بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ھالدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئادالەت ۋە جاۋابكارلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ياكى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى قۇرلارمۇ ئالاھىدە يەر ئالدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى بىلەن تەڭلا دېگۈدەك ئاقسارايمۇ بۇ دوكلات ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراينىڭ ئاخبارات سېكرېتارى كارىن جېن پىررې (Karine Jean-Pierre) خانىم بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ دوكلاتنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە ؛ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېزدىن بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىشكە دەۋەت قىلىمىز. شۇنداقلا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ تولۇق ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىگە يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.
ئاقساراينىڭ بۇ دوكلات ھەققىدىكى قاراشلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئىنكاسىدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىدۇ. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز تراس (Liz Truss) خانىم ئۆزىنىڭ رەسمىي تىۋېتتېر سەھىپىسىدە ئۇچۇر يوللاپ «بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزىشى ھەققىدىكى يېڭى ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش تىرىشچانلىقىغا باشلامچىلىق قىلىپ كەلگەن. بىز خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ شىنجاڭدىكى ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا تىرىشىمىز» دېدى.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى، خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارالىق پارلامېنتلار بىرلەشمىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى قوللاپ باياناتلار ئېلان قىلدى. جوش روگىن (Josh Rogin) قاتارلىق بىر قىسىم ئوبزورچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ دوكلاتى گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقنى بىۋاسىتە ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلىمىگەن بولسىمۇ بۇ ھەقتىكى بىر قاتار رېئاللىق ھەققىدە تەپسىلىي شەرھلىگەن لاگېر سىستېمىسى، بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي قىيناققا ئۇچرىشى، جىنسىي خورلۇق، مەجبۇرىي تۇغۇت نىسبىتىنى چەكلەش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، تىل ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىش قاتارلىق ھادىسىلەر دەل ب د ت نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرلەردە ئېيتىلغان مەزمۇنلار ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دوكلاتتا «قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ بۇ رايوندىكى ئەھۋالنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دېيىشكە بولىدىكەن. ئەنە شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
دوكلات ئېلان قىلىنغان كۈننىڭ ئۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت تا تۇرۇشلۇق دائىمىي باش ۋاكالەتخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ؛ «بۇ دوكلات پۈتۈنلەي يالغانچىلىق بىلەن تولغان. ئۇنىڭدا غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر دۆلىتىمىزنىڭ يۈزىگە قارا سۇۋاش ئۈچۈن پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، بۇنى بىر تۈرلۈك سىياسىي قورالغا ئايلاندۇرۇۋالماقچى بولغان» دېگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن 48 بەتلىك دوكلاتقا قارشى 131 بەتلىك رەددىيە دوكلاتى تەييارلاپ ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان» لىقىنى، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى «مۇداپىئە تەدبىرلىرى» نىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما نەچچە ئون ئادەمنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى زورلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى جازالاشنىڭ قايسى مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن ب د ت نىڭ ئۆزىدىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا بولغانلىقى مەلۇم. ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونيو گۇتتېرىس (Antonio Guterres) مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلەرنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەققىدىكى غۇلغۇلا ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملەر ھەققىدە سورىغان سوئاللارىمىزغا قارىتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مىشېل باچېلېت نامىدىن ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بەردى. ئۇنىڭدا مۇنۇ قۇرلار ئۇچرايدۇ:
«مەن باھالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمدەك ئاخىرقى خۇلاسە كۆپلىگەن خىزمەت ۋە باھالاش ئارقىلىق چىقىرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تاپشۇرۇۋالغان بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارنى بىر ياقلىق قىلغاندىمۇ غايەت زور دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش لازىم دەپ قارايمەن. ھازىر ئۇ جايدىكى ۋەزىيەت ناھايىتى ئېغىر. مەن بۇ ئىشلارنى خىتاينىڭ يۇقىرىى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە رايون رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىمدە تىلغا ئالدىم. شۇنىڭدەك ئۆزۈمنىڭ (خىتاي) زىيارىتىدە ئالدىنقى مەسىلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلدىم. گەرچە ھېچقانداق ئىمكانىيەت بولمىغان ئەھۋالدىمۇ سۆھبەت ۋە قول سېلىپ ئىشلەش يەنىلا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقنىڭ يوللىرىدۇر. ئەمما سۆھبەت دېگەنلىك بۇ ئىشلارغا يول قويۇش ياكى كۆز يۇمۇۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئاكتىپ ھالدا بۇ خىل تەنقىدلەرگە قارشى چىقىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى قوبۇل قىلىش ھەمدە مۇناسىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ.»
نۆۋەتتە مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى مۇلاھىزە ۋە بەس-مۇنازىرىلەر يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئاخباراتىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەمدىكى قەدەمدە تېخىمۇ كۈچلۈك يوسۇندا نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.