ۋولكېر تۈرك ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويماقچى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى ئا ر د نىڭ بۈگۈن 12-سېنتەبىر جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يېڭى ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك مىشېل باچېلېت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. بۇ خەۋەرنى گېرمانىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ياردەمچى ئالىي كومىسسارى كاتارىنا ستاش بۈگۈن 12-سېنتەبىر سەھەر ئاشكارىلىغان. بىراق قايسى كۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق دېمىگەن.

«كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تولۇق پروگراممىسى» ناملىق مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: «خىتايغا مۇناسىۋەتلىك پارتلاش خاراكتېرلىك دوكلات ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە ئىشخانىسىدىن چىقتى. بۇ ئىشخانا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بېقىنمىغان ھالدا مۇستەقىل خىزمەت قىلىدۇ. جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى، خىتايغا قارىتىلغان ئېغىر ئەيىبلەشلەرنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر. باشقا مەسىلىلەردىن سىرت، بۇ يەردە خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى تۇتقۇنلارنى قىيناش ۋە خورلاش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ.»

خەۋەردە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ياردەمچى ئالىي كومىسسارى كاتارىنا ستاشنىڭ «دوكلات ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ھازىرلانغان. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئوچۇق-ئاشكارا دەخلى-تەرۈز قىلغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، بۇنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرىدۇ› دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىسى روشەنكى، بۇ دوكلات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 8-سېنتەبىر كۈنى مىشېل باچېلېتنىڭ ئورنىغا ئالىي كومىسسار بولغان ئاۋسترىيەلىك ۋولكېر تۈركنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىگە قارىتا پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ئېنىقكەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە گۈزەل بىر تىل بىلەن بايان قىلىشىدىن ئۈمىد بارىكەن. ئەمما بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە 5 دۆلەت ئىچىدىن خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشىمۇ ئېنىقكەن. بىراق، نىمىلا دېگەن بىلەن بۇ دوكلاتنىڭ ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى بولغان بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى يەنىلا مۇھىمكەن.

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى، جازا لاگېرى تەتقىقاتچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرىگە قويۇلۇشىنى «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت دىكى ئورنىنىڭ زور دەرىجىدە يۈكسەلگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى» دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى بۈگۈن 12-سېنتەبىر جەنۋەدە باشلاندى. 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوننىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى، دىپلوماتلار، ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەتقىقاتچىلىرى، ئالىي كۆزەتكۈچىلەر ۋە ب د ت دا كۆزىتىش سالاھىيىتى بولغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم مۇخبىرلار قاتنىشىدىغان بۇ ئومۇمىي يىغىندا مەزكۇر دوكلاتنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلۇشىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپنى ئىگىلىشىنى ھەممىدىن بەكرەك د ئۇ ق ئۈمىد قىلماقتىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىش د ئۇ ق نىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيانقى مۇھىم ۋەزىپىسى بولغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزلىرىنىڭ 51-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى بۇ ساھەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە د ئۇ ق يەنە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ب د ت دا كۆلىمى زور بولغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن.

«كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تولۇق پروگراممىسى» ناملىق خەۋەردە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قىرغىنچىلىقنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى داۋاملىق ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ب د ت دىكى تەسىرى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ياردەمچى ئالىي كومىسسارى كاتارىنا ستاش خىتاينىڭ ب د ت دىكى بېسىمى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا ئۇيغۇرلارغا دائىر رېئاللىقتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، خىتايغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بىز بۇنىڭدىن باشقىچە بىر ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلالمايمىز، بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق بولسا پارچىلانماستۇر» دېگەن.