HRW: «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ قارار بېرىدۇ»

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر 6-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەھشىيلىكلەرگە قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش-بارماسلىقنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە بىلەت تاشلاپ، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە ئون نەچچە مۇسۇلمان تەشكىلاتىدىن تەشكىل تاپقان بىر خەلقئارالىق مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ پەيشەنبە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قوللاپ ئاۋاز بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ تەشكىلاتلار خېتىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىك «خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز سىلەرنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلىشقا ئۈندەيمىز» دېگەن. بۇ مۇراجىئەت ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا قارشى خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋازى تەڭلىشىپ قېلىشتەك نازۇك ۋەزىيەتتە، بىرەر دۆلەتنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى قوللىشى ياكى ئۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بېرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن بىر تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدىغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم مالايشىيا پارلامېنتىدا. 2022-يىلى ئۆكتەبىر.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاۋاز بېرىشتە بۇ ئورگان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگىلا ئەمەس، ئۆزىنىڭمۇ ئىناۋىتى ۋە قانچىلىك ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگىمۇ قارار بېرىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى، دوكتور سوفى رىچاردسون(Sophie Richardson) 4-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قۇلۇپ قىلىپ، ب د ت تارىخىدا بۇنداق بىر مۆتىدىل تەكلىپنىڭ بۇنچىلىك تارىخىي يوشۇرۇن كۈچى بار بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوفى رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «دۇرۇسلۇق بىلەن ئېيتقاندا ھېچبىر ۋاقىت بۇنداق بىر مۆتىدىل تەكلىپنىڭ بۇنچىلىك تارىخىي يوشۇرۇن كۈچى بولۇپ باقمىغان. چۈنكى، ئادەتتە ئالىي كومىسسارنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى دوكلاتىنى مۇنازىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتىرىسىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق بولۇشى. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە بېرىپ تاقالغان كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىك بۇنچىلىك ئوچۇق بىر رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتنىڭ ئارقىسىدىن بىزنىڭ كۈتكەن باشقا ھەرقانداق شەرتلىرىمىزنى سىز بىلىسىز».

سوفى رچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىلەت تاشلاپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ ب د ت ئاپپاراتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئۈچۈنمۇ بىلەت تاشلايدىكەن. سوفى رىچاردسون: «ئەسلى مۇنازىرە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ياكى قانداق شەكىلدىكى تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇش توغرىسىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق بىز ئىشلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى ۋە ب د ت نىڭ سىستېمىسىدىكى كۈچىگە قارىتا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا، بىز دۆلەتلەرنىڭ بىلەت تاشلاشتا ئويلىشىپ ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا بىلەت تاشلىمايدۇ، بەلكى بۇ ئورگاننىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئۈچۈنمۇ بىلەت تاشلايدۇ» دېدى.

مالايشىيا بىلەن ھىندونېزىيە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى رەنجىتىپ قويماسلىق، بىتەرەپ تۇرۇش ياكى سۈكۈت قىلىش سىياسىتى تۇتۇپ، ب د ت دىكى مۇنازىرىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. ھەتتا ئاتالمىش تېررورلۇق مەسىلىسىگە چېتىشلىق دېلولاردا خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتقان. ھىندونېزىيە تېخى يېقىندىلا تېررورلۇققا چېتىشلىق، دەپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنى، قاماق جازاسى توشقاندىن كېيىن خىتاي ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ مالايشىيا، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلا ر مىنىستىرلىرىغا يازغان خېتىگە ئىمزا قويغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. بۇ خەت مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. روشەن ئابباس 4-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مالايشىيادا ئۆزى ئۇچراشقان پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىش ياكى بىتەرەپ تۇرۇشنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك بولۇش ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلا ر ئۇچراشقان ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە «تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش» توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى دوكتور رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەتلەرنىڭ پەيشەنبە كۈنكى بىلەت تاشلاشتا قانداق پوزىتسىيە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۈتۈشكە توغرا كەلسىمۇ، شۇنداقلا ئۇلار خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ قويۇشنى خالىمىسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنىمۇ جىددىي ئويلىشىدىكەن.

سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدە بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى قوللىماسلىق توغرىسىدا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەزا دۆلەتلەر بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ قانداق بېلەت تاشلىشىى كېرەكلىكىنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئەزا دۆلەتنىڭ قانداق بىلەت تاشلايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ھۆكۈمەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئويلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر ئاپپارات سۈپىتىدىكى بىر پۈتۈنلۈكىنىمۇ جىددىي ئويلىشىدۇ.»

مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى، مالايشىيا ئىسلامى تەشكىلاتلارنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئائىلە ۋە ساپالىق مائارىپ خەلقئارا ئاياللار ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى، ئىسلامى ئۇچۇر ۋە خىزمەت فوندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 15 تەشكىلاتنىڭ مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا يازغان بۇ خېتىنىڭ ئاخىرىدا: «بىز، مۇسۇلمان ئۈممەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان ۋەھشىيلىك ئېتىراپ قىلىنغان باچېلېت دوكلاتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىغا ‹قوللاپ› ئاۋاز بېرىشىڭلارنى مۇراجىئەت قىلىمىز» دېيىلگەن.