ب د ت 2025-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە %57 نى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىل قىلغان

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2025-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە داۋام قىلىدىغان 18-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 57% دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر بولۇشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىگە سەۋەب بولماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىمقى 18-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى شىۋېيتسارىيە ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە خىتاي، كۇبا، قاتار، سۇدان، ئالجىرىيە، بولىۋىيە، كۇۋەيت، برۇندى، ۋىيېتنام، قىرغىزىستان، بېنگال ۋە كونگودەك دۆلەتلەرنىڭ بولۇشى ھەققىدە، خەلقئارالىق قانۇنشۇناس، يازغۇچى، ب د ت دىكى سىياسىي پائالىيەتچى ھىللەل نويېر X ھېسابىدا «57% كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر» دەپ يازغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن(سولدىن ئىككىنچى) خانىم ب د ت يىغىنىدا. 2024-يىلى دېكابىر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن(سولدىن ئىككىنچى) خانىم ب د ت يىغىنىدا. 2024-يىلى دېكابىر. (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەر خىتايغا يانداش دۆلەتلەر كۆپرەك ساننى تەشكىل قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ب د ت دا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى ھەققىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي مەسلىھەتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 18-نۆۋەتلىك كېڭەشنىڭ خىزمىتى ھەققىدە ب د ت تور بېتىدە يېزىلىشىچە، «بۇ كېڭەش، ھەر بىر دۆلەتنى دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ۋە خەلقئارادىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلەر ۋە دۇچ كېلىدىغان خىرىسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنە خىتايغا ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سايلىنىشى ھەققىدە: «كېڭەشكە سايلانغان دۆلەتلەر ب د ت نىڭ بارلىق مېخانىزملىرى بىلەن بولغان تولۇق ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ يۇقىرى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە سادىقلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك. بۇلار ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ 60/251 قارارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتلەردۇر. كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىي جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدا - كامېرون، خىتاي، ئېرىترىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سۇداننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار دۆلەتلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنىشىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.» دەپ يېزىلغان.

جەنۋەدىكى ب د ت باش ئەلچىسى، ب د ت نىڭ 18-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەئىسى يۈرىگ لاۋبېر(Jürg Lauber).
جەنۋەدىكى ب د ت باش ئەلچىسى، ب د ت نىڭ 18-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەئىسى يۈرىگ لاۋبېر(Jürg Lauber). (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسى دىرېكتورى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى غەيۇر قۇربانمۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن ب د ت بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەمما بۇنىڭ يېڭى بىر ھادىسە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت دا داۋاملىشىۋاتقان ئوبوروت كىرىزىسى سەۋەبىدىن كېڭەش مالىيە چەكلىمىسىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن، بۇ بەزى كىچىك يىغىنلار ۋە يانداش يىغىنلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېڭەشنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. دونالد ترامپ سايلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ب د ت غا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ، ، ب د ت ئەزالىرى ئارىسىدا ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىغا ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئازايتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە غەيۇر قۇربان، ئامېرىكانىڭ ب د ت نى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى خىتاي ئۈچۈن بىر پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بەردى، خىتاي بۇ بوشلۇقتىن پايدىلاندى، دەپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنىمۇ ئورتاقلاشتى.

ب د ت دىكى سىياسىي پائالىيەتچى ھىللەل نويېرنىڭ X ۋە ئىنستاگرام ھېسابىدا تارقاتقان «57% كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر» دېگەن رەسىمى.
ب د ت دىكى سىياسىي پائالىيەتچى ھىللەل نويېرنىڭ X ۋە ئىنستاگرام ھېسابىدا تارقاتقان «57% كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر» دېگەن رەسىمى. (X / Hillel Neuer)

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، بەزى قارارلارغا خىتاي ۋە ئۇنىڭ يانداشلىرىنىڭ قارشى چىقىشى مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ھەر تۆت يىلدا بىر ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىدا ئىرقىي ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېڭەش ب د ت نىڭ ۋەھشىيلىك جىنايىتىنى تەھلىل قىلىش رامكىسىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك خەۋپىنى باھالاش ۋە قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش، كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىك جىنايىتىنىڭ خەۋپى بايقالسا، مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، مۇناسىپ خەلقئارالىق دىپلوماتىك ھەرىكەتنى سەپەرۋەر قىلىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. كېڭەشنىڭ تۆت مۇئاۋىن رەئىسى نۆۋەت بىلەن كېڭەش رەئىسنى قوللاپ، ب د ت كىشىلك ھوقۇق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

شىۋېيتسارىيە تۇنجى قېتىم بۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان بولۇپ، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدىكى ب د ت باش ئەلچىسى يۈرىگ لاۋبېر(Jürg Lauber) مۇنداق دەيدۇ:

«كۆپ تىللىق، كۆپ دىنلىق، كۆپ مەدەنىيەتلىك، دېموكراتىك قىممەت قارىشى، دىيالوگ ۋە ئورتاق تونۇشقا چوڭقۇر سادىق بولۇش - شىۋېيتسارىيەنىڭ قىممەت قارىشى، بىز ھەر قاچان بۇ قىممەت قارىشىمىز ئاساسىدا دۇنيانىڭ دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىمىز».