22 دۆلەتنىڭ ب د ت دا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىغا قارىتا ئىنكاسلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ب د ت نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش شتاتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 29-ئاۋغۇست، نيۇ-يورك.
ب د ت نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش شتاتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 29-ئاۋغۇست، نيۇ-يورك.
AFP

22 دۆلەتنىڭ 10-ئىيۇل ب د ت دا ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىزىق تېما سۈپىتىدە كەڭ تارقالماقتا. باياناتتا «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش، قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قاماش سىياسىتى» ئەيىبلەنگەن.

10-ئىيۇل كۈنى يەنە سىلوۋاكىيە پرېزىدېنتى كاپۇتوۋا خانىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۆزىنىڭ «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى» ئىپادە قىلغان. پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ شۇ كۈنى ئاشكارىلىشىچە، كاپۇتوۋا خانىم ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئوچۇق توختالمىغان بولسىمۇ، سۆزىدە «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر، دىنىي ساھەدىكىلەرگە بولغان باستۇرۇشلىرىنى ئەيىبلىگەن».

11-ئىيۇل خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان 22 دۆلەتنى ئەيىبلەپ «ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قالايمىقان ئارىلاشتى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇردى» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى «خىتايغا قارشى بىنورمال ھەرىكەت» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترىيە، ھەتتا بىتەرەپ دۆلەت بولغان شۋېتسارىيە دىپلوماتلىرىنىڭ جەنۋەدە بىر ئارىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ ئورتاق باياناتقا ئىمزا قويۇشى، كەم ئۇچرايدىغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بۇ 22 دۆلەت: ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، لىيۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، ئەنگلىيە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئاسىيا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە ۋە شىمالىي ئامېرىكا بولۇپ 4 قىتئەدىكى 22 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نىسبەتەن ئۈمىدلەندۈرگەن بىر يېڭىلىق بولغان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 22 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى پىكىر بىرلىكىدە بولۇشى ۋە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى بېسىلغان يەنە بىر دادىل قەدەم ھېسابلىنىدىكەن.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ «22 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ب د ت دا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» دېگەن سوئالغا قارىتا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەركىزى بىريۇسسېلدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO) پروگرامما خادىمى لۇسىيا پاررۇچى خانىممۇ بۇ باياناتقا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «UNPO بىلەن د ئۇ ق ئۇزۇندىن بۇيان زىچ ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا دائىما كۈنتەرتىپتە تۇرۇشى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ئىدۇق. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزالىرى بىلەن كۆپ قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىمىز بولغانىدى. بۈگۈن بۇنىڭ بىر نەتىجىسىنى ب د ت دا كۆردۇق. ئالدىنقى يىلى 4-ئۆكتەبىردە ياۋروپا پارلامېنتىمۇ 15 ماددىلىق قارار قوبۇل قىلغان ۋە چاقىرىقلار ئېلان قىلغانىدى. بۇ خىل قارار ۋە باياناتلارنىڭ سۈكۈتتىكى دۆلەتلەرنى ئويغىتىشقا تۈرتكە بولۇش رولى بار، دەپ قارايمەن».

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى كەبى زوراۋان سىياسىتى ئۆزگەرمىسە، يالغۇز دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭلا ئەمەس، كەلگۈسىدە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت