رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە لاگېرلىرىنى قوللىشىغا كۆزەتكۈچىلەر قانداق باھا بەردى؟
2019.07.15
12-ئىيۇل جۈمە كۈنى، رۇسىيە، شىمالىي كورېيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 37 دۆلەت ب د ت غا ئىمزالىق خەت تاپشۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.
رويتېرس ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر خەتتە «تېررورلۇق ۋە رادىكاللىقنىڭ غايەت زور تەھدىتىگە ئۇچرىغان خىتاي، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش يولىدا كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالدى» دېيىلگەن. شۇنداقلا يەنە، «بۇنىڭ بىلەن رايوندا بىخەتەرلىكنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىپ، ھەممە مىللەت خەلقىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، بۇ سەۋەبلىك 3 يىلدىن بۇيان رايوندا بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى ۋە كىشىلەر بەخت ۋە خاتىرجەملىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولدى» دېگەن سۆزلەر ئورۇن ئالغان.
مەزكۇر ئورتاق ئىمزالىق خەتكە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر بولسا رۇسىيە، شىمالىي كورېيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە، پاكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، ئومان، كۇۋەيت، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، ۋېنسۇئىلا، كۇبا، بېلارۇسىيە، بىرما، فىلىپپىن، ۋە بىر قاتار ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا قېلىشى تولىمۇ بىچارىلىك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «راست گەپ قىلسام، مەن خىتايغا ئىچ ئاغرىتىپ قالغىلى تاس قالدىم. چۈنكى، خىتايغا ئوخشاش 5 ھالقىلىق ئەزا دۆلەتنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر قېلىشى، يەنە كېلىپ شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ئېھتىياجلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى تولىمۇ بىچارىلىك. بۇ، خىتاينىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چارىسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ناھايىتى كۈچلۈك بىر پاكىت، دەپ قارايمەن. يەنە تېخى سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋېنسۇئىلا، تاجىكىستانلارمۇ بار. خىتاي ھۆكۈمىتى تاللىغان بۇ دۆلەتلەر ئۆزى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن جازالانغان، بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەسكى نامى پۇر كەتكەن دۆلەتلەر تۇرسا. مېنىڭچە، خىتاينىڭ بىر قاتار دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىگە قاراشلىق دۆلەتلەرنى ئىمزا قويغۇزۇشىنىڭ ئۆزى بىر پەۋقۇلئاددە ھادىسە ۋە بۇ خىتاينىڭ ئىناۋىتىنى كۈچەيتىش ئەمەس دەل ئەكسىچە ئۇنى يەنىمۇ چۈشۈرۈۋەتتى».
خىتاينى قوللاپ قول قويغان 37 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بولسا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئەڭ قاتتىق تەنقىد ئوبيېكتى بولدى. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلىگەن 22 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالمىغان ئىسلام دۆلەتلىرى بۇنى ئاز دەپ خىتاينىڭ ئۇلارغا قاراتقان سىياسىتىنى نومۇسسىزلارچە مەدھىيەلىدى» دەپ باھا بېرىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ خىل پىكىردە بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى قوللاپ ئىمزا قويۇشىنى ھەرقانداق قىلىپمۇ ئاقلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينى قوللاپ قول قويغان بۇ دۆلەتلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى خىل كاتېگورىيەگە ئايرىشقا بولىدىكەن. ماگنۇس ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ 37 دۆلەت ئىچىدە خىتاينىڭ ئىككى تۈرلۈك شېرىكى بار. بۇلارنىڭ بىرى، دېموكراتىيەنى ياخشى كۆرمەيدىغان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇلار خىتاينى ياقلاش ئۈچۈن ئىدېئولوگىيەلىك تايانچىغا ئىگە. رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مانا شۇ خىل ھاكىمىيەتلەردۇر. ئۇلار دېموكراتىيەگە، پىكىر ئەركىنلىكىگە قارشى ۋە بۇ جەھەتتە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەردۇر. شۇڭا بۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردا كۆرۈۋاتقان زۇلۇمى ئوخشاشلا ئەھمىيەتسىز. ئۇلار ھەتتا بۇنى خىتاي بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ غەرب دېموكراتىيەسىگە قارشى تۇرىدىغان پۇرسەت، دەپ قارايدۇ. ئەمدى بۇ 37 دۆلەت ئىچىدىكى ئىككىنچى تۈردىكى دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار خىتايغا بېقىنىپ قالغان دۆلەتلەردۇر. مەسىلەن ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا قاراپ قالغان. شۇڭا ئۇلار خىتاي نېمە قىل دېسە شۇنى قىلىدۇ.»
10-ئىيۇل كۈنى، ب د ت قارمىقىدىكى 22 ئەزا دۆلەت ئىمزالىق مەكتۇپ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان نازارەت ۋە تەقىبلەشنى ۋە شۇنداقلا زور كۆلەملىك تۇتقۇننى دەرھال توختىتىشقا، ب د ت ۋە باشقا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا ھەقىقىي يوسۇندا توسالغۇسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان ئىدى. ئاۋسترالىيە، ئاۋىستريە، بېلگىيە، كانادا، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن دېموكراتىك دۆلەتلەر قاتارىدا تۈركىيەنىڭ ئورۇن ئالمىغانلىقى دىققەت قوزغىغان ۋە ھەتتا تەنقىدلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى. ئەمما تۈركىيە خىتاينى قوللاپ مەكتۇپ ئەۋەتكەن 37 دۆلەت ئىچىدىمۇ يوق بولۇپ كۆزەتكۈچىلەر بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنىڭ تەرەپسىز تۇرۇۋېلىش يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تىزىملىكتە يەنە، خىتاي بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ يوقلۇقىمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندى تۈركىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ تەرەپسىز تۇرۇۋېلىشىنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزماسلىق ئاساسىدا، خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلماي، خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مىللەتداشلىرىنىڭ مەسىلىسىنى يەڭ ئىچىدە ھەل قىلىش تاكتىكىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە بۇ 22 دۆلەتنىڭ باياناتىدىن قاتتىق نارازى بولغانىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ باياناتىدا «بۇ 22 دۆلەت پاكىتنى كۆرمەسكە سالدى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇردى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى» دېگەنىدى. بىراق، يەنە شۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا يۇقىرىدىكى 37 دۆلەتكە ئۆزىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ چەتئەلدىكى تەشۋىقات ئاۋازى بولغان «CNS news» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چېن شۆ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلغاندا يۇقىرىدىكى دۆلەتلەر ۋەكىللىرىگە «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ناھايىتى ئوبيېكتىپ ھالدا باھا بەرگەنلىكى» ئۈچۈن ھەشقاللا ئېيتقان.
خىتاينىڭ پاكىستاندىكى مۇئاۋىن ئەلچىسى جاۋ لىجىيەن بولسا تىۋىتتىردىكى ئىنكاسىدا «يۇقىرىدىكى 37 دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللاپ يازغان ئىمزالىق خېتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاق» دېگەن.
ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، دۇنيادىكى كۆپ سانلىق خەلقنىڭ ئۇلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە بۇنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان شاپىلاق دېيىش ئارقىلىق بۇنى ئۆزىنىڭ بىر غەلىبىسىدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق، بۇ خىتاينىڭ غەلىبىسى ئەمەس. قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى دۇنيا ئۈچۈن ياخشى ئۆرنەك بولالىغان دۆلەتلەر ئەمەس. شۇڭا ھېچكىم ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىممۇ بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە خىتاي ئۈچۈن پايدىسىزلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە «يۇقىرىدىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىمزالىق خېتى پەقەتلا خىتاينىڭ بىر قاتار دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنىلا ئىپادە قىلىدۇ. ئەمما ب د ت دا خىتاينى نازارەتكە ئېلىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بار ۋە بىز ئەلۋەتتە يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى بۇ 22 دۆلەتنىڭ مەكتۇپىغا ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ئۇزۇن مۇددەتتىن ئالغاندا، بىز خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز بولغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى.