16-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى، بولۇپمۇ «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى توغرىسىدا كەسكىن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 17-سېنتەبىر شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋام قىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر يىغىن 9-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، 16-سېنتەبىر كۈنىدىكى يىغىندا خىتاينى قوللاۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى تەنقىدكە ئۇچرىغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنى 9-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، 25-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن. د ئۇ ق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىگە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن شۇنىڭدەك خىتايمۇ ب د ت دىكى بۇ خىل تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، 40-نۆۋەتلىك يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنى سۆزلەتكەن بولسا بۇ قېتىمقى يىغىندا، يەنى 16-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇنجان خوجائەخمەت ئىسىملىك كىشىنى سۆزلىتىپ، ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشقانلىقىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 17-سېنتەبىر كۈنى ب د ت دا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى بىرلىكتە «خىتاينىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرغانلىقى، يىغىندا د ئۇ ق پروگرامما مۇدىرى پېتىر ئىرۋىننىڭ سۆزلىگەنلىكىنى، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
18-سېنتەبىر كۈنى د ئۇ ق ۋەكىللىرى يەنە ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىدىكەن.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئۇلار كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن ھەمدە ب د ت دا چاقىرىلغان تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى يىغىنلارغا قاتنىشىدىكەن.
0:00 / 0:00