مېشىل تەيلور: «بىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىمىزدە قەتئىي تەۋرەنمەيمىز»
2022.10.07

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى 6-ئۆكتەبىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە رەسمىي ئاۋازغا قويۇلدى. مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى 17 دۆلەتنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى، 19 دۆلەتنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى ۋە 11 دۆلەتنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە رەت قىلىندى.
بۇ مۇناۋسىۋەت بىلەن ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى باش ئەلچىسى مېشىل تەيلور بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىمىزدە قەتئىي تەۋرەنمەيمىز» دېگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى بۇ يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغانىدى. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» لىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ دوكلاتقا ئاساسەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، شىۋېتسىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىرلىكتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، تەكلىپ لايىھەسى سۇنغانىدى.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن، يەنى ئىككى ئاۋازنىڭ كەملىكى بىلەن رەت قېلىنىشى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسى پائالىيەتچىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئىجرائىيە دىرېكتورى كېنىس روس ئۆزىنىڭ تۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە ھەتتا مۇنازىرە قىلىشىنمۇ رەت قىلغانلىقىنى «نۇمۇسسىزلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ ياغان: «ئەيىبلەشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم. لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئاۋاز بەرمەستىن خىتاينىڭ داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويدى. ھىندونېزىيە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈدى. ھىندىستان مۇنازىرىنى قوللاشنى رەت قىلدى. ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىگە قارشى خەلقئارادىن ياردەم تەلەپ قېلىۋاتقان بىرى تۇرۇپ، ئۇمۇ سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللىدى.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى بىزنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈتكىنىدەك چىقمىدى. لېكىن يەنىلا 17 دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىشنى قوللاپ بېلەت تاشلىدى. بۇ شى جىنپىڭ كۈتكەن نەتىجىمۇ ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە يەنە نۇرغۇن مېخانىزىملار بار، ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى. خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر. خىتاينىڭ جىنايىتىنى بولدى قېلىۋېتىش ياكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلماسلىقتەك تاللىشىمىز يوق. بۈگۈنكى ئاۋاز بېرىشتە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن ۋە قارشى چىققان دۆلەتلەرگە شۇنى دەيمىزكى، سلەرنىڭمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشنىڭ سىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىڭلارنى قوغدىشىغا مۇھتاج بولىدىغان ۋاقتىڭلار كېلىدۇ. ئەسلىدە بۈگۈن بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال ئاشۇلانى ئويلىشىشىڭلار كېرەك ئىدى.»
مەزكۇر مۇنازىرىنى ئېلىپ بېرىشقا قارشى ئاۋاز بەرگەن 19 دۆلەتنىڭ قاتارىدا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ھىندونېزىيە، پاكىستان قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئېتنىك ياكى دىنىي قېرىنداش بولغان دۆلەتلەر بار ئىدى.
سوفى رىچاردسون، بۇ قېتىملىق ئاۋازغا قويۇش ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۆز تەرىپىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئاۋازغا قويۇشنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىغان سابىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىمى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئېمما رايلى خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ بەك چوڭ ئۈمىدسىزلىك بولدى. بېلەتنىڭ تاشلىنىشى مۇھىم ئىدى. خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا تىرىشىش ئەلۋەتتە مۇھىم بىر قەدەم. لېكىن ھەقىقەت شۇكى، خىتاي ب د ت دىكى ھەر بىر ئورگاننى سېتىۋېلىپ بولغان. تاشلانغان بېلەتنىڭ نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىكى دۆلەتلەردىن بىر شەكىلدە بېلەت تاشلاش تەلەپ قېلىنغان. ئەسلىدە خەلقئارالىق قانۇنلارنى ئىجرا قىلىدىغان ھەر بىر مېخانىزىم ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. دەسلەپتە ب د ت خىتاينى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھەققىدە سۆزلەشتىن توسقان ئىدى. ئەمدى بولسا ئۇلار خەلقئارالىق قانۇن-قائىدىلەرنى بۇزۇپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە باشقىلارنىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ قىلىشتىن توسۇۋاتىدۇ.»
ئامېرىكانىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات بەرگەن. باياناتتا ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كىڭىشىدىكى ئەلچىسى مېشىل تايلور مۇنداق دېگەن: «بىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندۇق. ئىشەنچلىك مەنبەلەر بۇ ئەندىشىلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھەر قانداق بىر دۆلەت كېڭەشتىكى مۇزاكىرىدىن خالىي بولماسلىقى كېرەك. بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە ۋە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەت ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىمىز. بىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىمىزدە قەتئىي تەۋرەنمەيمىز، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئەھمىيەتلىك مۇنبەر بولالايدىغانلىقى ۋە چوقۇم بۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشىنى داۋاملىق تەكىتلەيمىز. بىز بېيجىڭنى كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا، ھەممىمىز ئورتاق تىرىشىشقا تىگىشلىك غايە بويىچە ئىش كۆرۈشكە چاقىرىمىز.»
ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىمۇ تۋىتتېردا ئارقا-ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ يازما ئېلان قىلغان. ئۇلار يازمىلىرىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، 7-ئۆكتەبىر كۈنى تۋىتتېردا مۇنداق دەپ يازغان: «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش مىللىي ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە. ھېچقانداق غەرب دۆلىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوق. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا ئارىلىشىشتا باھانە قىلىپ ئىشلىتىدۇ.»
ھىندىستاننىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى 7-ئۆكتەبىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.» ھىندىستان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنىدى.
«ھىندونېزىيە خەۋەرلىرى» نىڭ 7-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى ئاۋاز بەرگەن ھىندونېزىيە تەرەپ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى «سىياسىي رىقابەت مەقسىتىدە ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنىڭ ناھايىتى ئاز پەرق بىلەن بەلگىلىنىشىنىڭ يەنىلا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.