ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، ب د ت ھەيئەتلىرى تەكشۈرۈشكە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە جەمئىيەتتە گەپ تارقالغانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدە ئۇزۇندىن بېرى تاقاقلىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بېرى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ب د ت زىيارەت ئۆمىكى كېلىشنى پىلانلىغان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە بىرقىسىم مەركىزىي مەسچىتلەرنىڭ جامائەتكە ئېچىۋېتىلگەنلىكى، ئەمما، زىيارەتچىلەرنىڭ بارمايدىغانلىقى مەلۇم بولغانلىقى، غۇلجىدا مەسچىتلەرنىڭ تاقاق ھالىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەر 2016 -يىلىدىن باشلاپ كۆپ قىسمى چېقىلغان ۋە تاقالغان بولسىمۇ، 2020 -يىلىدىن باشلاپ بىرنەچچە نۇقتىلىق مەسچىتلەر كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈنلا ئېچىۋېتىلگەن. ئەمما بۇ مەسچىتلەردە ناماز ئاساسەن دېگۈدەك ئوقۇلمىغان. ئىنكاستا يەنە دېيىلىشىچە، بىر ئايدىن بۇيان، ب د ت دىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىدىغانلىقى ھەققىدە جەمئىيەتتە گەپ تارقالغان، بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرى كىشىلەرنى ئۈرۈمچىدىكى ئاق مەسچىت قاتارلىق بىرنەچچە نۇقتىلىق مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا باشلىغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاق مەسچىت تەۋەلىكىدىكى غالىبىيەت ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق ۋە ئالاقىدار ساقچى خادىمىدىن ئاق مەسچىت ھەيئەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مەزكۇر خادىم، ئاق مەسچىت ئىمامىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەسچىتتە ئىمامەتچىلىك قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، بۇ مەسچىتنىڭ نۆۋەتتە كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
يېقىنقى خەلقئارا خەۋەرلەردە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتى داۋامىدا ئۇنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە بارىدىغانلىقى بايان قىلىنغانىدى. شۇڭا بىز قەشقەردىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرىغا تېلېفون قىلىپ، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىبادەتكە ئوچۇق ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدۇق. ئالاقىدار خادىم، مەزكۇر مەسچىتتە 2016 -يىلىدىن باشلاپ ئىبادەتنىڭ توختىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ مەسچىتنىڭ مۇشۇ روزا ھېيتتىن باشلاپ ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ بۇ مەسچىتكە قانچىلىك كىشىنىڭ نامازغا كېلىۋاتقانلىقى ۋە كەلگەنلەرنىڭمۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن كېلىۋاتقان ياكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تەشكىللەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
رادىيومزغا كەلگەن ئىنكاستا، ئۈرۈمچىدىكى ئاق مەسچىتنىڭ پەقەت ب د ت زىيارەت ئۆمىكىنى كۆزدە تۇتۇپلا ئېچىلغانلىقى ئىشارەت قىلىنغانىدى. بىز ب د ت زىيارەت ئۆمىكىنىڭ بارمايدىغانلىقى مەلۇم بولغان غۇلجىدىكى مەسچىتلەرنىڭ تاقاق ياكى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، ئۆز تەۋەلىكىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا تاقاق ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭمۇ ناماز ئوقۇشنى ئىزچىل ھالدا چەكلەۋاتقانلىقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ناماز ئوقۇمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئۇ بۇ ۋەزىيەتنى ئىجابىي بىر تەرەققىيات دەپ تونۇشتۇردى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 2018 -يىلىدىن باشلاپ، خىتاي تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ تەلەپتە تەكشۈرۈشنىڭ توسالغۇسىز ۋە مۇستەقىل بولۇشى شەرت قىلىنغان. خىتاي تەرەپ، بۇ تەلەپنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كەلگەن. بۇ يىل 3 -ئايغا كەلگەندە، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىم، خىتاي تەرەپ بىلەن كېلىشكەنلىكى ۋە 5 -ئايدا ئۆزىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر كومىتېتنىڭ تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتايغا قەدەم بېسىپ بولغان بولسىمۇ، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە نېمىنى نۇقتا قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەنىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە بەرگەن ئىككى قېتىملىق باياناتىدا، زىيارەت داۋامىدا باچېلېت خانىمنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ زىيارەتنىڭ تەكشۈرۈش ئەمەس، سۆھبەت خاراكتېرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ ئېيتىلىشى ھەم ئەسكەرتىلىش خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە ئۇچرىغانىدى. يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، باچېلېت خانىمنىڭ زىيارىتى خىتاي تەرەپ كۈتكەن شەكىلدە، يەنى تەكشۈرۈش شەكلىدە ئەمەس، پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلىدە پىلانلانغان بولسىمۇ، يەنىلا خىتاي تەرەپنىڭ ئەندىشىدىن خالىي بولالمىغانلىقى ۋە ئېھتىماللىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باچېلېت خانىم بارىدىغان ئىككى شەھەردە سۈنئىي سەھنىلەرنى ھازىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.