«ئاۋاز» (Avaaz) خەلقئارالىق تەشۋىقات ئورگىنى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشىل باچېلېت خانىمغا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىد خېتى» ناملىق بىر كىتاب ئەۋەتكەن. مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېزىلغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەرخىل تىللاردا يېزىلغان 100 پارچە «ئۈمىد خېتى» دىن تۈزۈلگەن ئىكەن.
مەزكۇر كىتابقا كېرگۈزۈلگەن خەتلەرنى ئەۋەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدا 98 ياشلىق پائالىيەتچىدىن تارتىپ ئادەتتىكى تاكسى شوپۇرى، ئىنژېنېر، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى قاتارلىق ھەر ساھە ۋە ھەر مىللەت كىشىلىرى بار ئىكەن. «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىد خېتى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ خەتلەر بىۋاستە باچېلېت خانىمغا قارىتىپ يېزىلغان بولۇپ، باچېلېت خانىمدىن ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ھاياتى، ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقنى سۆزلىشى تەلەپ قېلىنغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلىت خانىمغا خەت يازغانلارنىڭ قاتارىدا «ئاۋاز» خەلقئارالىق تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى دېرىكتورى لۇئىس موراگو ئەپەندى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى قاتارلىقلارمۇ بار.
لۇئىس موراگو ئەپەندى خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ھۆرمەتلىك ئالىي كومىسسار خانىم، ‹ئاۋاز› (Avaaz) نۇرغۇن تىللاردا ‹ئاۋاز› مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. سىز مەزكۇر كىتابقا خېتى كىرگۈزۈلگەن 10 ياشتىن 98 ياشقىچە بولغان 100 نەپەر ئەر-ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭ. ئۇلار دۇنيادا كۈرەش قىلىشتىن قورقمايدىغان باتۇر كىشىلەر بولغاندىلا دۇنيانىڭ ياشىغىلى بولىدىغان بىر جايغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار سىزنى پۈتۈن ھاياتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە دۇنيانى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا بېغىشلىغان، جاسارەتلىك ۋە يىراقنى كۆرەر رەھبەر دەپ قارايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە موھتاج بولۇۋاتقان رەھبەر ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ.»
نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دەپ يازغان: «ھۆرمەتلىك ئالىي كومىسسار خانىم، دۇنيا ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دەپ ۋەدە قىلغان، ئەمما بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خىتايدا بۇ پاجىئە قايتىلىنىۋاتىدۇ. ختاي مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلاش ئارقىلىق بىز 20-ئەسىردە ئاخىرلاشتى دەپ قارىغان تەسۋىرلگۈسىز ۋەھشىيلىكلەرنى قايتا تەكرارلاۋاتىدۇ. ئاشۇ لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئىسمى، ئائىلىسى ۋە ئارزۇسى بار. ئەڭ مۇھىمى ئۇلارمۇ ئىنسان سۈپىتىدە ئەركىن ھالەتتە، ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ياشاش ھوقۇقى بار.»
نۇرى تۈركەل خېتىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «باچېلېت خانىم، بۇ خەتلەردىن ۋەزىپىڭىزنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىرادە ۋە ئىلھام تېپىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ سىزگە ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى ۋەزىيەت ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەخىرسىز. بىزنىڭ ئىنسانلىقىمىز مۇشۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش-ئۆزگەرتەلمەسلىكىمىزگە باغلىق.»
«ئاۋاز» (Avaaz) خەلقئارالىق تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ ئەزاسى، كىشلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مېتالى جەيىن خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمىزغا بىر يىلدىن ئارتۇقراق بولدى. بىز دەسلەپتە ‹ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك› مۇراجىئەتنامىسىنى باشلاتقان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار مىليون كىشىدىن ئىشپ كەتتى. شۇڭا بىز مۇشۇ قوللاشتىن پايدىلىنپ ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا شەخسى كارخانىلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئىشلارغا قارار قىلىدىغان مۇھىم كىشىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىشنى قارار قىلدۇق.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار تېخىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتاتتى. شۇڭا بىز ب د ت غا بېرىپ ئۇلارنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ب د ت دا قارارلارنى چىقىرىشتا ھوقۇقى بولغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلىت خانىمغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشنى ئويلاشتۇق. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قارار چىقىرىشتا يالغۇز ئەمەسلىكىنى، مىليونلىغان كىشىنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق. بۇ ئارقىلىق ئۇنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، ب د ت رەھبەرلىرىنىڭ سۈكۈتنى بۇزۇشقا چاقىرىق قىلدۇق.»
مېتالى جەيىن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتابنى چىقىرىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندىن ھەمكارلاشقان بولۇپ، كىتابنىڭ ئېچىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان رەسىملەرنى ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئالغان ئىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم مەزكۇر كىتابقا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مەزكۇر كىتابنىڭ تەسىرىنىڭ بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدىنمۇ بەكرەك ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «‹ئاۋاز› تۈزۈپ تارقاتقان بۇ كىتاپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنى ناھايىتى ئېنىق يورۇتۇپ بەرگەن. كىتابتا ھەقىقىي كىشىلەرنىڭ ئائىلىسى، مەدەنىيىتى، تارىخى، تىلى، دىنىنىڭ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى جانلىق سۈرەتلىگەن. ھەمدە ب د ت ئالى كومىسسارىغا بۇ كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكىتكە ئۆتمىسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. چۈنكى ۋەزىيەت ھەقىقەتەن جىددىي ۋە بۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈش مۇشۇ ئورگانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى.»
مېتالى جەيىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتاب ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلىت خانىمغا ۋە ب د ت نىڭ نىيۇ-يوركتىكى خادىملىرىغا ئەۋەتىلگەن. مېتالى جەيىن خانىم «ئاۋاز» (Avaaz) خەلقئارالىق تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختلىپ مۇنداق دېدى: «فېيسبۇك ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتىدۇ، ۋە خىتاينى تەشۋىق قىلىدىغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق خىتايدىن پايدا ئېلىۋاتىدۇ. بىز مۇشۇنىڭغا قارشى بىر پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىمىز. يەنە بىر تېما بولسا 2022 يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەزالىرىمىز بىلەن قايسى نۇقتىدىن چىقىپ قىلساق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلقىنى سۆزلىشىۋاتىمىز.»
مېتالى جەيىن خانىم سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنڭ ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتى، سەنئىتى، يېمەك-ئىچمىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. نېمىدىگەن مول، گۈزەل مەدەنىيەت! مۇزىكىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىسى شۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەن. مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، مۇشۇنداق مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنى، مۇشۇنداق گۈزەل بىر مەدەنىيەتنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئاماللارنى قىلىمىز. چۈنكى بۇ مەدەنىيەت بۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم.»