خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش (UPR) خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن 2024-يىلى 23-يانۋار سەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە باشلىنىدىغان يىغىندا باھالىنىپ چىقىلىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ مەزكۇر قەرەللىك باھالاشتا تۆتىنچى قېتىم تەكشۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي، 2-فېۋرالغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر يىغىندا تەكشۈرۈلىدىغان 14 دۆلەتنىڭ بىرى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كىشىلىك ھوقۇقنى ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش خىزمەت گۇرۇپپىسى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى 47 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ب د ت غا ئەزا 193 دۆلەتنىڭ ھەر بىرى قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش خىزمەت گۇرۇپپىسى 2024-يىلى 26-يانۋارغىچە، خىتايغا بېرىلگەن تەۋسىيەلەرنى قوبۇل قىلماقچى. تەكشۈرۈلۈۋاتقان دۆلەت تەكشۈرۈش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرگە قارىتا مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى بۇ يىغىن ئېچىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرىلا جەنۋەگە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكلارىلاش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك نامايىش ۋە كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. ئۇلار يەنە جەنۋەدە نەق مەيداندا ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ب د ت ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەمدە جازالاش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
لېكىن، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان مىللەتلەر ۋە گۇرۇپپىلار خىتاينى بۇ نۆۋەتلىك قەرەللىك باھالاشنىڭ ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ خېلى ئىلگىرىلا ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ۋە تەشۋىقات ھەرىكىتىنى ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن باشلىۋەتكەنلىكى مەلۇم ئىدى. خىتاينىڭ يالغۇز ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە دىپلومات خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يالغانغا چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقات ۋىدىيولىرىنى تۇشمۇتۇشتىن تارقىتىپ، كۈچىنىڭ بارىچە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىسى جاڭ خېچىڭنىڭ 20-يانۋار ئۆزىنىڭ X تىكى شەخسىي ھېساباتىدا تارقاتقان «شىنجاڭ ئەزەلدىن ياخشى جاي» نامىدىكى قەشقەردە ئىشلەنگەن تەشۋىقات ۋىدىيوسى بىر ئاددىي مىسال بولالايدۇ.
ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بولۇپ، بۇ، ب د ت غا ئەزا 193 دۆلەتنىڭ ھەر 4 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك باھالاش يەنى، تەكشۈرۈشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2009-، 2013-ۋە يەنە 2018-يىلىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى.
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوللانغان ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى، ھەمدە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق تەۋسىيەلىرىگە جاۋاب بېرىشى ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىملىرىدىن لۇيىسا گرېۋ (Louisa Greve) خىتاينىڭ بۇ قېتىممۇ مەسئۇلىيىتىدىن يەنە قېچىشنىڭ كويىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالمىغان بولسىمۇ، بەزى كۆز بوياش تاكتىكىلىرىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇلارغا خىتاينىڭ ‹ئىنكار قىلىش›، ‹خاتا ئۇچۇر تارقىتىش›، ‹كاللا يۇيۇش› ئوپېراتسىيەسى دەپ باھا بېرىپ كەلدۇق. ھەتتا بۇنىڭغا 20 يىلدىن ئاشتى دېسەك بولىدۇ. ھازىر قارايدىغان بولساق خىتاي ھەممىدىن بەك ساياھەتچىلىك يەنى شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتچىلىكنى بەكرەك ئوتتۇرىغا چىقىرىش تاكتىكىسىنى قوللانماقتا. خىتاي شەرقىي تۈركىستان ناھايىتى بىخەتەر ۋە پاراۋان دەپ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، ياللانغان تەشۋىقاتچىلىرىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپانلىرىنى، بەزى خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىشقا سالماقتا. بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر سۈرەتلىك ئۇچۇر ياكى بىر ۋىدېيو ئەگەر مەلۇم بىرەيلەننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى كۆرگەنلىرى بولسا بەلكى، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى يوق دېيەلمەيمىز. ھەتتا باھالاش نەتىجىسىنى بېكىتىدىغان بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ قارار ئېلىشىغىمۇ تەسىر قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. شۇڭا، خىتاينىڭ بۇ خىل تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا قېشى، ھازىر جەنۋەدە ئۇيغۇرلار، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلار بىرلەشمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا، ب د ت خادىملىرى ۋە بۇ باھالاشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنى ئېزىلگەنلەرنىڭ ئاۋازىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. بىز ئۇلارنى ھەقىقەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشكە چاقىرىمىز».
لۇيىسا خانىم «مەيلى خىتاي قانداق تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارسۇن، بۇ قېتىمقى باھالاشتا ئۇنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا يەنىلا ئۈمىدلىك قارايدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە، ب د ت نىڭ بۇ قېتىملىق قەرەللىك باھالاش خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىغا تەۋسىيەلەرنى تاپشۇرۇش قەرەلىدىن بۇرۇن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى نۇرغۇن تەشكىلاتلار قاتارىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش جىنايەتلىرى پاش قىلىنغان دوكلات ھەمدە بىرلەشمە تەۋسىيە تەلەپلىرىمىزنى يوللىدۇق. بۇ قېتىم ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، خىتاينىڭ يېقىنقى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتلىرىنى ئىز قوغلاش ۋە گەۋدىلەندۈرۈشتە ئەڭ نۇقتىلىق ۋە رەت قىلغىلى بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم پاكىتنىڭ ئۆزى ب د ت سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزى زىيارەت قىلىپ ئېلان قىلغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دوكلات. ب د ت خىتاينىڭ ئالدىغا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ئىسپاتىنى قويۇشى ۋە خىتايدىن بۇلارغا ھەقىقىي جاۋاب ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
ھالبۇكى خىتاينىڭ يەنىلا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقات تەدبىرىنى كۈچەيتىپ قوللىنىشى كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى تەشكىلات ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ھەم بەزى ئەندىشىلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
يىللاردىن بېرى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ لاگېرغا سولانغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ب د ت مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مىڭلارچە تەلەپ خەتلىرىنى يوللاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك قۇربانى بولغان، ئامېرىكادا ياشايدىغان ياش ئارافات ئەركىن، ئۆزىنىڭ خ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ۋولكېر تۈركنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، دادىسى ئۇيغۇر ژۇرنالىست ئەركىن تۇرسۇنغا ئوخشاش كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئارافات ئەركىن، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ب د كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن خىتاي تەرىپىدىن بىگۇناھ ھالدا قولغا ئېلىنغان ھەمدە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان دادىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتاينى ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش ئاخىرلاشقۇچە ھەر كۈنى بىر ۋىدىيو تارقىتىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ب د ت تور بېتىدىكى ھۆججەتلەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاينى ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاپ تەكشۈرۈشتە ئاساس قىلغان ھۆججەتلەر تۆۋەندىكىچە: 1) دۆلەت دوكلاتى-تەكشۈرۈلۈۋاتقان دۆلەت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار؛ 2) ئالاھىدە تەرتىپ، كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسى ئورگىنى ۋە ب د ت نىڭ باشقا ئورۇنلىرى دەپ ئاتالغان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە گۇرۇپپىلىرىنىڭ دوكلاتىدىكى ئۇچۇرلار؛ 3) مىللىي كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتلىرى، رايونلۇق تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى قاتارلىق باشقا مەنپەئەتدارلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ب د ت دا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان جىنايىتىنى ھەتتا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ۋەكىللىرى» نىڭ ئېغىزى ئارقىلىقمۇ ئاقلاشقا ئۇرۇنغانىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ۋە كۈچەيتىۋاتقانلىقى دىققەتكە ئېرىشمەكتە.