مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك باھالاش يىغىنى» نى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.02.02
CECC-yighin ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) يىغىن چاقىرىپ، 23-يانۋار ب د ت دا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنى» ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئالغان. 2024-يىلى 1-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
X/@CECCgov

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) 1-فېۋرال كۈنى يىغىن چاقىرىپ، يېقىندا يەنى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت دا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنى» ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئالغان.

يىغىن، مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىسنىڭ كىرىش سۆزى بىلەن باشلانغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىغا نۇرغۇن كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن كەلگەن بولسىمۇ، بەرىبىر ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان سەپسەتىسىنى ھەقىقەتكە ئايلاندۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى ھەقىقىي مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى بۇزۇش، كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتلىرىنى تەسىر ئاستىغا ئېلىش، دەپ كۆرسەتكەن.

كىرىستوفىر سىمىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىدا خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، پىكىر ئەركىنلىكى، ئەمگەكچىلەر ۋە ئاياللار ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇشۇ مىنۇتلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر يىغىندا دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى تېكساس-ئوستىن ئۇنىۋېرسىتېتى روبېرت سترائۇس خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە قانۇن مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى رانا سىيۇ ئىنبودېن (Rana Siu Inboden) بولۇپ، ئۇ يىغىندا ب د ت گە ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارنى تەسىر ئاستىغا ئېلىشى ھەققىدە ئەتراپلىق دوكلات بەرگەن. رانا سىيۇ ئىنبودېن خانىم يىغىندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش يىغىنىدىكى ئەھۋاللارنى ئانالىز قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىغىندا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئەھۋالىغا ئادىل ۋە ئەتراپلىق باھا بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ يىغىنىدا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2024-يىلى 1-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ يىغىنىدا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2024-يىلى 1-فېۋرال، ۋاشىنگتون.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ جەنۋەدىكى ھەيئىتى يىغىن ھارپىسىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەيئەتلىرىگە «مەن ۋەكىللەر ئۆمىكىڭىزنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى نەزەردە تۇتۇپ خىتاينى قوللىشىنى ۋە ئىجابىي تەكلىپلەرنى بېرىشىنى سورايمەن» دەپ يېزىلغان رەسمىي خەت ئەۋەتكەن. نەتىجىدە 2024-يىلى 1-ئايدىكى قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىدا 163 دۆلەت پىكىر بايان قىلىشقا تىزىملاتقان بولغاچقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىرىگە ئاران 45 سېكونتتىنلا سۆزلەش ۋاقتى توغرا كەلگەن. رانا خانىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى يىغىنلاردا قوللىنىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق يىغىن ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاينى ماختايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بايانلىرى بىلەن ئىگىلەش ئارقىلىق تەنقىدىي بايانلارنى غەرق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنىدىكەن.

دەرۋەقە، بۇ قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ياكى باشقا خىل قوللاش شەكلىگە تايىنىدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتلىرىنى مەدھىيەلەيدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ بىر قىسىم دەپسەندىچىلىك سىياسەتلىرىنى قوللايدىغان بايانلارنى ئوقۇپ ئۆتكەن. ھەتتا بىر قانچە دۆلەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى «خىتاينىڭ 100 مىليون ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ب د ت نىڭ سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەنلىكى»، «خىتاينىڭ باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەجرىبە-ساۋاقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دېھقانچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى، يېزا تەرەققىياتىنى داۋاملىق ھەل قىلىشى» دېگەندەك خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئوخشاش باھالارنى ئوقۇغان.

رانا خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىغىندا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تەشكىلاتلارنى مۇستەقىل تەشكىلات دەپ كۆرسىتىش، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە ئورگانلارغا تەھدىت قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ چوقۇم ب د ت ۋە شۇنىڭدەك خەلقئارالىق ئورگانلاردا داۋاملىق ئەزا بولۇشى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتىشى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى يېقىندىن قوللىشى ھەمدە ب د ت دىكى غەربلىك بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندە بۇ قېتىملىق يىغىندا بىرازىلىيە، چىلى ۋە مارشال ئاراللىرى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە باھا بەرگەندە ئادىل مەيداندا تۇرغانلىقىنى، سومالىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلىگەن دۆلەتلەر قاتارىدا ئىمزا قويغانلىقىنى مىسال كۆرسىتىپ: «بۇ، بىزگە غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكادىن باشقا جايلاردىمۇ پۇرسەت بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇڭا ئامېرىكا يۇقىرىقىدەك دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك» دېگەن. رانا خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان دوكلاتىدا تېخىمۇ تەپسىلىي پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ يىغىنىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 1-فېۋرال، ۋاشىنگتون.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولسا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئىدى. روشەن خانىممۇ سۆزىدە بۇ قېتىملىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىدا كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، ب د ت سىستېمىسى خىتاينىڭ غايەت زور بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىلى 8-ئايدىكى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرىكەتلىرى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› تەشكىل قىلىشى مۇمكىن، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغانىدى. بىلگىنىڭىزدەك بۇ ئەيىبلەش ئىنتايىن جىددىي ئەيىبلەش بولۇپ، ب د ت دەلىل-ئىسپات بولماي تۇرۇپ بۇنداق بىر ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. بىراق بۇ قېتىملىق قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىدا ب د ت ئۆزى ئېلان قىلغان يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويماي، ئۇنى قالدۇرۇپ قويدى».

روشەن خانىم يەنە، بۇ قېتىمقى قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىغا ئۆزىنىڭ يىغىن مەيدانىدا بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ھۆكۈمەت قوللىشىدىكى ئاتالمىش ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئادەملىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق يىغىن زالىنى تولدۇرۇۋەتكەنلىكىنى، بۇ سۈنئىي پەيدا قىلىنغان قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە سۆزلىشىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يىغىن زالىغا كىرىشىنىڭ قىيىنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روشەن خانىم يەنە خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان كىشىلەرنىڭ سائەتلەرچە بۇ يىغىنغا كەلگەن ئۆزىگە ئوخشاش پائالىيەتچى ۋە گۇۋاھچىلارنى رەسىمگە تارتىش، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى ماراش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روشەن خانىم سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت گە ئوخشاش ئەڭ بىخەتەر بولۇشقا تېگىشلىك جايدا پائالىيەتچىلەرنى، ئۆكتىچىلەرنى قورقۇتۇش، پاراكەندە قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قىلغانلىقىنى» ئەسكەرتىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىڭ جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن بۇ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن. ئۇ، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

مەزكۇر يىغىندا يەنە، «خوڭكوڭنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» قۇرغۇچىسى بېنېدىك روجېرس (Benedict Rogers)، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى مۇنك يەرشارى ئىشلىرى ۋە ئاممىۋى سىياسەتلەر فاكۇلتېتىدىن تەتقىقاتچى نىيل دىركىس (Dirks Neil) ۋە خىتايدا قاماققا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى دېڭ جياشىنىڭ ئايالى سوفېي لو قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئۇلارمۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توردىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى قامال قىلىشى، بۇنىڭغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي ۋە چەتئەل شىركەتلىرى ھەمدە يەنە خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى، خىتاي ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىلەرنى ئايرىم-ئايرىم سۆزلەپ ئۆتكەن ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىنى بەرگەن. يىغىنغا قاتناشقان پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر بەرگەن تەكلىپلىرىدە بىردەك، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كەسكىن بولۇشى، بۇ مەسىلە بىلەن يېقىندىن ئالاقىدار بولۇشىنىڭ ۋە ھەمدە خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىدلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

نىيل دېركىس ئەپەندى سۆزىدە: «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يانتاياق بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئامېرىكالىق شىركەتلەرنىڭ قانداق بولۇپ بۇ جىنايەتلەرگە ناھايىتى ئاسانلا شېرىك بولۇۋاتقانلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشى لازىم،» دېگەن.

يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر يەنە، ئامېرىكانىڭ «قىزىل كرېست» قا ئوخشاش ئورگانلار ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچىگە كىرىشنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشى لازىملىقىنى، خىتاينىڭ ئىچىدە بولۇشنىڭ ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلارنى قوللاشقا پايدىلىقلىقىنى بىلدۈرگەن.

روشەن ئابباس خانىم بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا سوزۇلۇۋاتقان قارا قولىنى مەخسۇس تىلغا ئالغان. ئۇ ئامېرىكا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ چەتئەللەردە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. روشەن خانىم ئامېرىكادىن ماراكەش ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ، ماراكەشتە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىدرىس ھەسەننى مەخسۇس تىلغا ئالغان. روشەن خانىم يەنە، ئامېرىكانىڭ ئۆزىدە سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرى ھەل بولمايۋاتقان ئۇيغۇرلار بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ھېچ بولمىغاندا بۇ كىشىلەرنىڭ ئىشىنى قۇلايلاشتۇرۇشى كېرەك، دېگەن.

كۆپلىگەن مەجلىس ئەزالىرى قاتناشقان بۇ يىغىن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.