خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى ئورگانلارغا، بولۇپمۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى نازارەت قىلىدىغان ئورگانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاقسىتىشى بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىگە يارىشا خىزمەت قىلىشى ۋە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتىكەن. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان بۇ مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى. بولۇپمۇ بۇ مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغان تۇرۇقلۇق، ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن سۇس پوزىتسىيە تۇتۇشى بىلەن يەنىمۇ روشەن ئوتتۇرىغا چىققان.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەر ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى چاقىرىقلار كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.
يېقىندا «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت مەركىزى» (The International Service for Human Rights) ناملىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتقا «ئۇلار بېيجىڭدىن باشقا ھېچقانداق جايدىن بۇيرۇق ئالمايدۇ-خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ئورگان سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە نەزەر» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا ب د نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرى، ب د ت خىزمەتچىلىرى ۋە مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر ۋە شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن سۆزلىشىش ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە ئاساسەن، ئۇنىڭ ب د ت دىكى تەسىرىنى ئانالىز قىلىپ چىققان. ئۇلار بۇ تەتقىقاتى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ تەركىبى، رولى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەم شۇنداقلا ھۆكۈمەتسىز مۇستەقىل تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت غا قوشىدىغان رولىنى ئازايتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاتالمىش تەشكىلاتلارنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىدەك بىر قاتار جىددىي مەسىلىلەرنى بايقىغان.

مەزكۇر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە يۇقىرىقى دوكلاتنىڭ ئاپتورى ساراھ برۇكس (Sarah Brooks) نىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ دوكلاتىدا ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە قول قويغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئەھدىنامىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغان ئاپپاراتلارنى ئاساس قىلغان. ئۇ بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاپپاراتلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلىرىنى بايقىغان.
ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «مەن دوكلاتتا ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئۈچ خىل تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئۈستىدە نوقتىلىق توختالدىم. بىرىنچىدىن، ب د ت كومىتېتلىرىنىڭ ھەر بىرىدە ئاز دېگەندە بىردىن خىتاي كومپارتىيەسىگە چېتىشلىق بىر خىتاي پۇقراسى بار بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ب د ت مۇتەخەسسسلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىدىن ئىبارەت ئاساسىي تەلەپكە خىلاپ. بۇ كىشىلەر ئەلۋەتتە كومىتېتنىڭ سىياسىي تەرتىپ ۋە قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىق قىلماقچى بولغان رەسمىي كۆز قاراشقا ماس كېلىدىغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئەسلىدىكى مەۋجۇت ئۇچۇرلارنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشى ۋە كومىتېت ئەزالىرىنى قايمۇقتۇرۇشىدىن ئىبارەت. ئۈچىنچىسى بولسا، ب د ت خىزمەتچىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئورگان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بېسىمغا ۋە ھەتتا تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالى بولۇپ، بۇ كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلىدۇر.»
ساراھ برۇكس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ خىتاينى نازارەت قىلىشى ۋە تەنقىدلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بۇنىڭدا دائىم مۇۋەپىقىيەت قازىنالمىغان. چۈنكى ب د ت دا بۇنىڭغا بويۇن ئەگمەيۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا بار ئىكەن.

ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بولۇشىدىن قەتئينەزەر، خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ھەرىكىتىدە ھەمىشە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەمەس. خىتاينىڭ بۇ قانۇنسىز ھەرىكىتىنىڭ خەۋىپىگە قارىماي، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭغا يەنىلا قارشى تۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار مۇستەقىل پۇقرالار جەمئىيىتى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاشقا تىرىشقان. ھەمدە ئۇلار بىز شاھىت بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە ناھايىتى كۈچلۈك سۆزلىگەن. شۇڭا بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، مانا بۇ ھەرخىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاپاراتلىرىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ق خاتىرىسى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان سېستىما دەپ قارىشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.»
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلغان بارلىق تىرىشچانلىقىغا قارىماي، تۇنجى بولۇپ ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىتى 2018-يىلى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى دوكلات قىلغان بولسا؛ 2019-يىلى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا 23 دۆلەت خىتاينى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، مىللىي ۋە دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان زور كۆلەملىك نازارەت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يولغا قويغانلىقى» ئۈچۈن بىرلىكتە قول قويۇپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئارقىدىن يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ سابىق كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئىشخانىسىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك سۈكۈتتىن كېيىن ئاخىرى 2022-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئۇچراۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى» ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. مەزكۇر ۋەقە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنىڭ غەلىبىسى، دەپ باھالانغان.
ساراھ برۇك خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ب د ت دا خىتاينىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ب د ت نى قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز دوكلاتىمىزدا ب د ت نى يېتەرلىك مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەش، سىياسىي جەھەتتىن قوللاش ۋە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى نازارەت قىلغۇچى ئاپپاراتلارنى ۋە ئۇنىڭ تەرتىپلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى دېدۇق. يەنە بىر جەھەتتىن، بەزى دۆلەتلەر ئۆزلىرى خىتاينىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇشىغا بىلىپ-بىلمەي يول ئېچىپ بەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، مەسىلەن، ب د ت نى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە مۇتەئەسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇش ئارقىلىق ياكى ب د ت نىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلماسلىق ئارقىلىق دېگەندەك. بۇلارمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئاپاراتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش ياساش كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ سەل قارىغۇسىز دەرىجىدە زورلۇقى ۋە ئۇنىڭ ب د ت ۋە ئۇنىڭ ئاپپاراتلىرىنى ئەسلى قۇرۇلۇش مەقسىىگە لايىق ئىش قىلالمايدىغان قىلىپ قويۇۋاتقانلىقى تەدرىجىي ھالدا تونۇپ يېتىشكە باشلىغان ئىكەن. تېخى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ھەققىدىكى بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋىندى شېرمىن ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سىڭىپ كىرمەكتە. ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق ئورگانلارغا ئۆز ئادەملىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋاتىدۇ» دېگەن ۋە ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرىنىڭ ھازىر بۇ مەسىلىنى نازارەت قىلىپ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.