ئالېنا دۇخاننىڭ خىتايدىن 200 مىڭ دوللار «ئىنئام» ئېلىشى، ب د ت نىڭ خىزمەت پرىنسىپى ۋە ئابرويىغا داغ چۈشۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.01
Alena-Douhan-1.jpg ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى ئالېنا دۇخان (Alena Douhan) يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2021-يىل 12-فېۋرال.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلغان «ئۇزۇن قوللىرى» نىڭ ئەڭ تىپىك مەلۇم بولغان كارتىنىلىرىنىڭ بىرى خەلقئارالىق ھۆكۈمەتلەر بىرلەشمىسى شەكلىنى ئالغان ئەڭ ئالىي خەلقئارالىق تەشكىلات، يەنى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان «ئۇزۇن قولى» نىڭ بىر ئۇچى ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا سوزۇلغانغانلىقى مەلۇم. يېقىنقى خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ب د ت نىڭ كۆپلىگەن ئورگانلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆز پايدىسى ئۈچۈن پايدىلانماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا قوللانغان ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئۆزلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندى بولغان دۆلەتلەرنى ب د ت يىغىنلىرىدا خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تەكلىپلەرگە ئاۋاز بېرىشكە تەشكىللەش بولسا، يەنە بىرى خىتاي ئۈچۈن «زىيانلىق» بولغان شەخسلەرنىڭ ب د ت مۇنبىرىگە يېقىنلىشىشىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن چەكلەشتە ئىپادىلەنگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىرنەچچە قېتىملىق ب د ت يىغىنلىرىدا دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلىرى بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىساللىرى ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ب د ت خادىملىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە دائىر بەزى مەلۇماتلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان بولسا، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنى سېتىۋېلىشى ئەۋج ئالغانلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى

18-ماي كۈنى ب د ت غا دائىر ئەنە شۇ خىل سەتچىلىكنىڭ بىرى قاتارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت خادىمىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قانداق سېتىۋالغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى رەسمىي ھۆججەتلەر ئاساسىدا پاش بولدى. «ب د ت نى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ھىللېل نۇر (Hillel Neuer) ئىمزاسىدا شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان «ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەلۇماتچىسى خىتايدىن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇۋالغان» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ماقالىسىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى ئالېنا دۇخان (Alena Douhan) نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق «ياردەم» ئالغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرقاتار «سودا پائالىيەتلىرى» تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى ئالېنا دۇخان (Alena Douhan) يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2021-يىل 12-فېۋرال.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى ئالېنا دۇخان (Alena Douhan) يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2021-يىل 12-فېۋرال.
AFP

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلى سېنتەبىردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا ئىككى يېرىم سائەتلىك تور مۇھاكىمىسى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە شۇنچە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلار تاغدەك دۆۋىلەنگەن ئەھۋالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭدا قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس» تېمىسىدا بىرلەشمە مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشى ھەمدە بۇ يىغىندىكى مەركىزىي تېمىنىڭ ب د ت خادىملىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلىنىشى، ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يېپىش رولىنى ئوينىغان. ھالبۇكى، ب د ت مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلار قاتناشتۇرۇلغان ياكى ئۇيغۇرلار بىلەن ب د ت خادىملىرى بىر مۇنبەردە تۇرۇپ سۆز قىلغان بۇنداق بىر مۇھاكىمە يىغىنى تا ھازىرغىچە ئېچىلىپ باقمىغان.

 شۇ قېتىملىق مۇھاكىمە مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دولقۇنىدا قانداق «باي» بولغانلىقى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ قانداق كېپىللىككە ئىگە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇ قاتاردا خىتاينىڭ جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن شۈ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزىدە «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل تەرققىياتلارغا كۆز يۇمدى؛ ئۆزلىرىچە ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ نامىغا ئاشكارا قارا سۈركىدى» دېگەندەك مەزمۇندا ئەيىبلىگەن ئىدى.

شۇ قېتىملىق يىغىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى ئالېنا دۇخان ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قاراشلارغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ۋاسىتىلىق ھالدا تەكىتلىگەن. ب د ت  قارمىقىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان بىر ئورگاننىڭ پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسىنىڭ بۇ يىغىندا ئەزىز مېھمان قاتارىدا سۆز قىلىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرىنى، جۈملىدىن يىغىندىكى پىكىرلەرنىڭ «چىنلىق» دەرىجىسىنى «ئاشۇرۇش» رولىنى ئوينىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالېنانىڭ ب د ت نامىدا سۆز قىلىشى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشى ناھايىتى زور «ئۇتۇقلار» غا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە خەلقئاراغا مەلۇم بولغان بايانلارمۇ ب د ت نامىدا يالغانغا چىقىرىلغان.

«ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (UN Watch) نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېلۇرۇسىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى بولغان ئالېنا دۇخان 2020-يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ب د ت نامىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «بەختىيار ھايات» تەسۋىرلەنگەن تور مۇھاكىمە يىغىنىمۇ دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ خىل «توغرا كېلىپ قېلىش» كۆپلىگەن كىشىلەردە تەئەججۈپكە سەۋەب بولغان. ئەمما ئالېنا دۇخاننىڭ ب د ت نامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقات يىغىنىغا قاتنىشىشى ھەمدە شۇ ئارقىلىق بۇنى «قانۇنىي» سالاھىيەتكە ئىگە قىلىشى، بۇ يىغىن بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «غەرب جاھانگىرلىكىنىڭ جازالىرىغا قارشى تۇرايلى» تېمىسىدىكى يىغىندا، ئۇ نۇقتىلىق سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ھىللېل نۇر (Hillel Neuer) ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ئاشكارا «سودىلىشىش مۇناسىۋىتى» نى قانداق بايقىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن بۇ مەسىلىنى بايقىدۇق. ب د ت قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە يېتىلگەن مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆز خىزمىتى ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ چىقىدۇ. ئەنە شۇ دوكلاتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىرى خىزمەتچىلەر تاپشۇرۇۋالغان پۇلغا دائىر مەلۇماتلاردۇر. ئادەتتە دېموكراتىك ئەللەر ب د ت غا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىئانە بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى خىزمىتىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئەمما ھازىر بىر قىسىم دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدىغان بولۇپ، بۇ ھال بىزنىڭ گۇمانىمىزنى قوزغىدى. ئۇلار تەييارلاپ چىققان 83 بەتلىك دوكلاتنىڭ 50-بېتىدە ئالېنا دۇخاننىڭ قاتار ۋە رۇسىيەدىن پۇل ئالغانلىقى، شۇ قاتاردا خىتاينىڭ 200 مىڭ دوللار بەرگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ ئەڭ كۆپ پۇل بەرگۈچى دۆلەت بولغانلىقى ئېيتىلغان. ئادەتتە خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى ئۈچۈن بۇنچە كۆپ پۇل بەرمەيدۇ. ئالېنانىڭ ئىشلىگەن <خىزمەت> لىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش شەكىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ <تەشۋىقاتچىسى> غا ئايلىنىپ، ب د ت نامىدىكى يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ماختاش ھەققىدىكى بايانلىرىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ سورۇندىن پايدىلىنىپ، خەلقئاراغا <شىنجاڭ دېگەن ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ماكان. بۇ جايدا ھېچقانداق زۇلۇم، قىرغىنچىلىق ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەس> دەپ جاكارلىغان».

ھىللېل نۇر ئەپەندى ئوبزورىدا ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا، ئۇ ئالېنا دوخاننى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تاپشۇرۇۋالغان 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى قايتۇرۇۋېتىش ھەققىدىكى تەكلىپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ب د ت قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل مەلۇماتچى خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەتنى بىۋاسىتە ھالدا ئۆزىگە «ياردەم» قىلماقچى بولغان دۆلەتتىن ئەمەس، ئەكسىچە ب د ت دىن ئېلىشى لازىم ئىكەن. مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە ھالدا بۇ خىلدىكى مۇستەقىل تەتقىقات خادىمىغا پۇل بېرىشى، ئەمەلىيەتتە ئاشۇ تەقدىم قىلىنغان پۇلغا چۇشلۇق «خىزمەت كۆرسىتىش» نى تەقەززا قىلىدىكەن. شۇڭا ئەسلىدىنلا بىر دىكتاتور ھاكىمىيەت بولغان بېلۇرۇسىيەدىكى ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى بولغان بىر زىيالىينىڭ بۇ خىل قىلمىشى، ب د ت نىڭ خىزمەت مېخانىزمىغا پەقەتلا توغرا كەلمەيدىغان بىر تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاش ب د ت نى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى ئاقلاشنىڭ قورالى قىلىۋېلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ھىللېل نۇر ئەپەندى بۇنىڭ ب د ت نىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت نىشانلىرى ئۈچۈن ئېغىر بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.


«تولىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 18-ماي كۈنى ئېلان قىلغان خىزمەت دوكلاتلىرىنىڭ بىرىدە مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئالىي مەلۇماتچىسى ئالېنا دۇخان تەييارلاپ چىققان ئىران ھەققىدىكى بايانلار يەر ئالغان. بۇنىڭدىمۇ ئۇ ئىراندىكى نامراتلىق ۋە ئىجتىمائىي مالىمانچىلىقنى >ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىرانغا قانۇنسىز ئېمبارگو ئېلان قىلىشىدىن كېلىپ چىققان. بۇ ھەرگىزمۇ ئىران ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان مەسىلە ئەمەس< دەپ خۇلاسە چىقارغان. ئۇنىڭ سۇدان، ۋېنېسۇئېلا، زىمبابۇۋې قاتارلىق دۆلەتلەر ھەققىدىكى دوكلاتىدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى <ئامېرىكا دۈشمەنلىكى> نۇقتىئىنەزەرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەمما ھازىرغىچە ھېچقانداق چەت ئەل تەكشۈرگۈچىلىرىگە ئىشىك ئېچىپ باقمىغان بۇ دۆلەتلەر ئۆز ئىشىكلىرىنى ئالېنا دۇخان ئۈچۈن <داغدام ئېچىپ بەرگەن>. ئۇنىڭ خىتايدىن غايەت زور سوممىدا پۇل ئېلىشى ھەمدە خىتاي ئۈچۈن <مۇلازىمەت> قىلىشى بىزگە ئۇنىڭ باشقا دىكتاتور ھاكىمىيەتلەردىنمۇ پۇل ئالغان بولۇشى ھەققىدىكى ئېھتىماللىقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.»

ئەنە شۇ تەرىقىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋج ئالغان بىر ھادىسە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى قارارلارنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغان ب د ت نىڭ تاشقى دۇنياغا ئېلان قىلغان خىزمەت نىشانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا پۈتۈنلەي «ئاداشتۇرۇلغانلىقى»، بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، ھەرقايسى خەلقلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن ب د ت نىڭ ئەمەلىيەتتە «كۈچلۈك» دۆلەتلەرگە يانتاياق بولۇپ، «ئاجىز» دۆلەتلەرنى باسىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغانلىقى بولغان. ئەنە شۇ سەۋەبتىنمۇ 2018-يىلى ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.