راين بەررىي: «ب د ت نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى› نى يېپىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ؟»

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنى 24-ئىيۇن جەنۋەدە باشلانغان ئىدى. 12-ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ بۈگۈنكى، يەنى 3-ئىيۇلدىكى كۈنتەرتىپىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈر ماسلاشتۇرغۇچىسى راين بەررىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ب د ت باش كاتىپىنىڭ بۇ مەسىلىدىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەركىن تۇنىيازغا ئوخشاش «خىتايپەرەس» لەرگە رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە «تەتۈر تەشۋىقات» ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ سۆز قىلغان.

راين بەررىي سۆزىنىڭ باشلانمىسىدا ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى» غا قامالغاندىن كېيىن سىياسىي «مېڭە يۇيۇش» نىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرگەن شۇنداقلا بۈگۈنكى زامان ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بەرگەن بۇنداق بىر دەپسەندىچىلىكنىڭ ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تېخىچە يېتەرلىك دەرىجىدە قوزغىيالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئىنساننى مەجبۇرىي يوسۇندا ‹تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى› غا قامىدى. ئۇلار سىياسىي مېڭە يۇيۇش، قاتتىق قىيىن-قىستاق ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك زەرداب چېكىۋاتىدۇ. ھازىرقى زامان ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بەرگەن بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئەڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھادىسىسىنى چوقۇم خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئېچىنىشلىق يېرى، ئىشلار ئۇنداق بولماي كەلدى.»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مېشەل باچىلوتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش تەلىپى 2018-يىلى دېكابىردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل رەت قىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر ۋورونكوف بۇ يىل 13-ئىيۇندىن 15-ئىيۇنغىچە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ۋە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جون ساللىۋان ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترېسقا بىۋاسىتە تېلېفون قىلغان ئىدى. جون ساللىۋان سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى ئەمەلدارىنىڭ خىتايدىكى بۇ زىيارىتىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى، بۇ قىلمىشىنىڭ مەزكۇر ئورگاننىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ۋە ‹كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش› جەھەتتىكى ئىناۋىتى ھەم نام-شۆھرىتىگە داغ تەگكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈر ماسلاشتۇرغۇچىسى راين بەررىي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىمۇ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترېسنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «لاگېرلار ئىككى يىلدىن بۇيان مەۋجۇت، ھالبۇكى، ب د ت دىن بۇنىڭغا قارىشى بىر ئەمەلىي ھەرىكەت ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ب د ت باش كاتىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىشنىڭ ئورنىغا بۇ مەسىلىگە سەل قارىدى ياكى بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردى، ھەتتا خىتاينىڭ ‹بۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش نامىدا ئېلىنغان تەدبىرلەر› دېگەن ئىزاھاتلىرىنى قوبۇل قىلدى. بۇنداق نامۇۋاپىق ۋە خەتەرلىك تەشەببۇسلار خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇشىغا ياردەم قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شادىمان ۋە بەختىيار» ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا ناھايىتى ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئارقىلىق «دىنىي رادىكاللىق بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلاردا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلار باياناتىدا ئەركىن تۇنىيازغا سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، «كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ۋەكىلىگە ئۆز تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۈچۈن بىر نومۇستۇر،» دېگەن ئىدى.

راين بەررىيمۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «ئۆتكەن ھەپتە رايوندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردە بىۋاسىتە قولى بار ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن شىنجاڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىگە بۇ سەھنىدە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلدى. ھوقۇق تەشكىلاتلىرى توسۇلۇۋاتقان شارائىتتا، ب د ت نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىرىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ؟ ب د ت ئەمەلدارلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا، قانداق بولۇپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ‹شېرىك› بولۇپ، بۇنى ئاكتىپلىق بىلەن يوشۇرىدىغان بولۇپ قالدى؟ بۇ بىزدىن يىراقتا بولسىمۇ، ئۇلار ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئەخلاقىي زۆرۈرىيەت تۇيغۇسى نەگە كەتتى؟ بىز ئىشنىڭ توغرىسىنى قىلىدىغان جاسارەت ۋە ئەخلاقىي پۈتۈنلۈكنى تېپىپ بولغۇچە يەنە قانچىلىغان ئادەم زەرداب چېكىشى ۋە ئۆلۈشى كېرەك؟»

ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئىزچىل «بوش كەلمەيدىغان» خىتاي ۋەكىللىرى بۇ قېتىممۇ راين بەررىينىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى «يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ قۇتراتقۇلۇققا ئۇرۇنغان»، «ب د ت نىڭ نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ نام-ئابرۇيىغا زىيان يەتكۈزگەن» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي ۋەكىلى مۇنداق دېگەن: «بەزى ‹ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار› ئاساسسىز شىكايەتلىرى بىلەن بىزگە تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ شىكايەتلىرى ھەققانىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىقتۇر. جۇڭگو بولسا بىر قانۇن دۆلىتى، بۇ يەردە ھېچقانداق كىشىنىڭ قانۇننىڭ چېگراسىدىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ. ئۆتكەن ھەپتە ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالىتى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ئادالەتپەرۋەر ئادەملەر ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى ھېس قىلالايدۇ. ‹ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار› ئەزەلدىن شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغان، ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز. شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار ئەركىن تۇنىيازغا قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئۆزلىرىنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشى ئارقىلىق ب د ت نىڭ نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ نام-ئابرۇيىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدام-خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىككە چاقىرىدۇ.»

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ئامېرىكادىن باشقا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. 21-قېتىملىق ياۋرو-ئاسىيا كېڭىشى مەزگىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»، كۆلەملەشكەن تەقىب سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان باشقا چەكلىمىلەرگە قارىتا قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە رايوننى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلوتقا ئوخشاش مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ئۈچۈن تولۇق ئېچىپ بېرىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.