ب د ت خىتاينى «ئەركىنلىكىدىن قەستەن مەھرۇم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىش» كە چاقىرغان
2024.08.28
مەلۇم بولغىنىدەك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت(Michelle Bachelet) 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىدىغان ئاخىرقى دەقىقىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» لىكىنى جاكارلىغان ئىدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، يەنى 2024-يىلى 27-ئاۋغۇست ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ شىنجاڭدا يەنىلا نۇرغۇنلىغان ‹مەسىلە بار› سىياسەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بېيجىڭنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ئەركىنلىكىدىن قەستەن مەھرۇم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.»
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 28-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ب د ت شىنجاڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى، تەيۋەنلىك تور چولپىنى خىتاينىڭ زور تاشقىي تەشۋىقاتىغا قېتىلغان دەپ گۇمان قىلىنماقتا» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىدىن راۋىنا شامداسانى 27-ئاۋغۇست قىلغان سۆزىدە ئالىي كومىسسارلىق ئىشخانىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ۋە جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسى» قاتارلىق ساھەلەردە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ۋە تىبەتنىڭ تىنچلىقى، ئادىللىقى ھەمدە خوڭكوڭنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
راۋىنا شامداسانى مۇنداق دېگەن: «بولۇپمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىدە، بىز نۇرغۇنلىغان ‹مەسىلە بولغان› قانۇن ۋە سىياسەتلەرنىڭ ھېلىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تېررورىزمغا قارشى قانۇن رامكىسى ئۈستىدىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردۇق. قىيىن-قىستاق قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى قىلمىشلىرى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ تولۇق تەكشۈرۈشلەرگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدۇق.»
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش قېيىنغا توختىماقتىكەن، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرمۇ خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، ب د ت خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى «دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ئەركىنلىكىدىن قەستەن مەھرۇم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىش ھەمدە غايىب بولغانلارنىڭ كىملىكى ۋە ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرغان.»
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ بۇ باياناتى تولىمۇ كېچىككەن ۋە يېتەرلىك ۋەزنى يوق بىر بايانات ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قېلىۋاتقان، خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىر كۈچى زور بېسىم شەكىللەندۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، مەزكۇر باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقئارادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، مەزكۇر باياناتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاز-تولا بولسىمۇ ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ بۇ باياناتىنىڭ خىتايدەك مۇستەبىت بىر دۆلەتكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي كۈچىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى تىلغا ئالدى.
«ب د ت شىنجاڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى، تەيۋەنلىك تور چولپىنى خىتاينىڭ زور تاشقىي تەشۋىقاتىغا قېتىلغان دەپ گۇمان قىلىنماقتا» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى 2023-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ جەنۋەدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن «شىنجاڭدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش» توغرىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بىراق خىتاي تەرەپ بۇنى ئىزچىل رەت قىلغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى (ISHR)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت بىلەن ھەمكارلاشقان ياكى ھەمكارلىشىشقا تىرىشقان كىشىلەرگە قارىتا دەرھال ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىكەن. خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، چەت ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش بېسىمى ئەۋج ئالماقتىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى (ISHR) مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان پاكىتلىق جىنايى قىلمىشلارنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشنى رەت قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازالاش قىلمىشلىرى زور ئازاب-ئوقۇبەتلەر پەيدا قىلدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر كۈچلۈك تەدبىر بىلەن ئىزچىل ھەرىكەت قوزغاپ، شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە دائىر ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، كونكرېت ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، مەسئۇلىيىتى بولغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.»