ب د ت ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا يان بېسىش بىلەن ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 6‏-ئايدا، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بار 100 نەچچە تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قامىغانلىقىغا دائىر بىر شىكايەتكە ئىمزا قويۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تاپشۇرغان. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قائىدىسىدە كۆزەتكۈچى تەشكىلاتلارنىڭ رەسمىي شىكايىتى ئۇنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەركىزى جەنۋەدىكى «ب د ت نى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ باشچىلىقىدا يوللانغان بۇ شىكايەتنى ئۆزىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ يىل 8‏-ئايدا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىس بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشېلىتقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىنى، خىتاينىڭ ب د ت دىكى زومىگەرلىكىگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

«ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى بەزى ئەمەلدارلار يېقىندا مەزكۇر شىكايەتنىڭ توردا ئېلان قىلىنىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، شۇنداقلا ب د ت باش كاتىپىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىرازىلىيە، كانادا، فىرانسىيە، ھىندىستان، پاكىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، تۈركىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، ھىندونېزىيە، ئەنگلىيە، نىگېرىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 135 تەشكىلات ئىمزا قويغان شىكايەتنامىدە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىس بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېت خىتاينىڭ ب د ت قائىدە-تۈزۈملىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ب د ت دا كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشىغا كاشىلا چىقىرىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەشكە چاقىرىلغانىدى.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 11‏-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسى ۋە ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى سورىدۇق. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قىلغان تېلېفونىمىزنى ھېچكىم ئالمىدى. ئەمما ب د ت باش كاتىپى گۇتېررىسنىڭ نيۇ-يوركتىكى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى دېفىنېي ترۇمبېل خانىم تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ ئىشقا دەرھال جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقى، سوئالىمىزغا ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دېفىنېي ترۇمبېل: «مەن بۇنداق بىر مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئالغان-ئالمىغانلىقىمىزنى تەكشۈرۈپ باقسام بولىدۇ. لېكىن بۇ ئىش كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بىز ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈشتىن بۇرۇن بىزنىڭ جەنۋەدىكى ھەقەمسايەلىرىمىز بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلدى، شۇنىڭغا قاراپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەن بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ باقاي. ئەمىسە شۇنداق قىلايلى، مەن سىزگە ئەتە جاۋابىنى بېرىپ قېلىشىم مۇمكىن.»

لېكىن «ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ھىللېل نېئۇرنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ قىلىقىدىن ھەيران قالمايدىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ئۆزلىرىگە ئايدىڭ ئىكەنلىكى، لېكىن ئۇلارنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھىللېل نېئۇر 11‏-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىل 6-ئايدا بۇ مەكتۇپنى ئېلان قىلغاندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەمەلدارلار ئۇنى ئېلان قىلمىدى. ئۇلار مەكتۇپىمىزنىڭ نېمىشقا ئېلان قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمى خاراكتېرلىك چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ لېكىن نېمە ئۈچۈن ئېلان قىلمىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىدى. ئۇلار پەقەت باياناتىمىزدا بىرقانچە مەسىلە بارلىقىنىلا تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇلار بىزگە چەكلىمە قويدى. بىزنى ۋە بىز بىلەن بىللە بۇ مەكتۇپقا ئىمزا قويغان 130 نەچچە دۆلەتنى چەكلىدى. ئەمما بۇ مەكتۇپنى ئېلان قىلىشنى نېمىشقا چەكلىگەنلىكىگە چۈشەنچە بەرمىدى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇشى، ئۇلارنىڭ خىتايدىن قورغاندەك ھەرىكەت قىلىشى مېنى ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.»

ھېللىل نېئۇر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 1‏-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا، خىتاينىڭ كېڭەشنىڭ بىر قارارىنى قوللىسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچىدە بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، قانۇنسىز سىياسىي قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ: «شىنجاڭدا تەقىبلەش ۋە باستۇرۇش شىددەتلىك ئارتتى. پۇقرالارنىڭ بىئومېتىريەلىك ئۇچۇرى توپلىنىپ، پاسپورتى تارتىۋېلىندى. دىنىي پائالىيىتى چەكلەندى. خىتاي ساقال قويۇشنى، چەكلىدى، ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئوقۇشنى ۋە ھىجابنى مەنئى قىلدى. خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇ سورۇندا باشقا گەپ قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە باشقا ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن. ئۇ يەنە ئىسلام دۆلەتلىرىنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئىسرائىلىيە توغرىسىدا بىر ھەپتە ئىچىدە 5 قارار لايىھەسى سۇنغانلىقى، ئەمما دۇنيادا ئەڭ قەبىھ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ قويمىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

ھېللىل نېئۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يۇقىرىقى ئەھۋالنى ب د ت باش كاتىپىغا شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىشقا ئۇچرىغان. ھىللېل نېئۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئەمدى بۇ ۋەقەنى ئەنگلىيە، كانادا، ئامېرىكا، گوللاندىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ب د ت بىلەن سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىللېل نېئۇر مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ۋەقەدە ب د ت باش كاتىپىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭغا ئىلتىماس قىلغانىدۇق. بىراق بىز جەنۋەدىكى ب د ت خادىملىرىدىن ئىلتىماسىمىزنىڭ رەت قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدا ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنى رەت قىلدى. دېمەككى، مەن ئەندىشە قىلغاندەك ئۇلار ھېچقانداق بىر جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىكەن. ئەمدى بىز ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا ئىلتىماس قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ب د ت بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇ چەكلىمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى، ب د ت بىزنىڭ باياناتىمىزنى تورغا قويۇشنى رەت قىلىپ، بۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى.»

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلات ئۆتكەن يىلى بۇنىڭغا ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەن. خىتاي بۇ تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى يېڭىلاشقا قارشى چىققانىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلئىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ مەسىلىلەرگە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرۇۋاتىمىز. ب د ت سىستېمىسى بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنىڭغا تەدبىر قوللانمايۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ تەسىرىدىن قورقىدۇ. بىز ئۇزۇندىن بېرى ب د ت ئورگانلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن بولساقمۇ لېكىن بۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قوللانمىدى.»

دېلىئۇس بۇ سۆزلەرنى 12‏-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قالغاندا تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ب د ت ئۆزىنىڭ بۇ خاھىشىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۇنىڭغا پۇل بېرىۋاتقان دۆلەتلەر داۋاملىق پۇل بېرىش-بەرمەسلىكنى ئويلىشىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىش نوقۇل ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ياكى بەزى ئىندىۋىدۇئال ھۆكۈمەتلەرگە تاشلاپ قويۇلماسلىقى، ب د ت نىڭ ئۆزى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. ئەگەر ب د ت سىستېمىسى ئىچىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار يەكلەنسە، ئۆزىنىڭ نىزامىغا ئەمەل قىلمايدىغان بۇنداق بىر سىستېمىنى پۇل بىلەن تەمىنلەشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. ب د ت نى پۇل بىلەن تەمىنلەۋاتقان (دېموكراتىك) دۆلەتلەر ئۇنىڭ ئۆز نىزاملىرىغا ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.»

شىكايەتنامىدە، «ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ھېللىل نېئۇرنىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنىدا سۆزلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزى ۋە خىتاي بىلەن ب د ت ئەمەلدارىنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى مىسال كەلتۈرۈلگەن. ب د ت نىڭ شۇ قېتىمقى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا نېئۇرنىڭ سۆزى خىتاي ۋەكىلىنىڭ 3 قېتىم كاشىلا قىلىشىغا ئۇچرىغان. يىغىندا ھىللېل نېئۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سېنىگاللىق پرېزىدېنتى كولىي سېك ھىللېل نېئۇرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى «تېمىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەسلىك» كە ئۈندىگەنىدى. شىكايەتنامىدە قەيت قىلىنىشىچە، كولىي سېكنىڭ يۇقىرىقى سۆزىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئىما قىلىنماقتا» ئىكەن.