خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ۋە بىر قىسىم ئاتالمىش «ئۇيغۇر شاھىتلار» نى سۆزلەتكەن، شۇنداقلا رايوندا «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىلىۋاتقانلىقى» ھەققىدە لاپ ئۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنى 2022-يىلى 12-سېنتەبىردىن7-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى يىغىندا سۆز قىلىپ، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قوغدىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
بۇ يىغىن مەزگىلىدە، يەنى 22-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ۋەكىللىرى جەنۋەدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپەقىيەتلىرى» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. شاۋكەت ئىمىن بۇ يىغىندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىغان.

جەنۋەگە كېلىپ يىغىنغا قتناشقان خىتاي ۋەكىللىرى ئىچىدە يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى زۇلھايات ئىسمايىلمۇ بار بولۇپ، ئۇ «شىنجاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «دىنىي ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى» ھەققىدە سۆزلىگەن. ئۆزىنى قەشقەردىكى ياربېشى يېزىسىنىڭ باشلىقى ئايگۈل مەمەت دەپ تونۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئايال، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى» دىكى كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن قۇتۇلۇپ، كەسپىي تەربىيە ئالغانلىقىنى، شۇندىن كېيىن بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىنى ياراتقانلىقى» نى داۋراڭ سالغان.
ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دەك خەلقئارا ئورگانلارنىڭ سەھنىلىرىگە ئۆزلىرى تەربىيەلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ياكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ۋەكىللەر» نى چىقىرىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازىنى قوغداشقا ئۇرۇنۇشى، خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن سىياسىي ئەنئەنىسى ئىكەن.
چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفىسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ دىمەكچى بولغان گەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇزۇش. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مۇشۇنداق قىلغاندا خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىشەندۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق، ‹ئۇ جايدا ھېچقانداق باستۇرۇش يوق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك› دىگەن گەپلەرنى دېگۈزگەندە، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ گەپلەرگە تېخىمۇ ئىشىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كونا ئەنئەنە. ئىلگىرى ئۇلار ئۇيغۇرلارنى كەڭ مەيدانلاردا ئۇسسۇل ئوينىتىپ، ناخشا ئېيتقۇزۇپ، سىرتقى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ب د ت نىڭ يىغىندا ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى» دەۋالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاپ سۆز قىلغان شاۋكەت ئىمىن، زۇلھايات ئىسمايىل قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن قورچاق ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاۋكەت ئىمىن 2018-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن. ئۇ 1990-يىللاردىن باشلاپ تەدرىجى ئۆستۈرۈلۈپ، قەدەممۇ-قەدەم يوقۇرى ئۆرلىگەن. تۇرپان شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتىنىڭ سېكرىتارى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق كومېتىتىنىڭ سېكرىتارى، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رادىيو-تېلىۋېزىيە ئىدرىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.
زۇلھايات ئىسمايىلمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەدەممۇ-قەدەم ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتايدىكى ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن بىرى سۈپىتىدە خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئەۋەتىلىپ، خىتاي ئۈچۈن ۋەزخانلىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇ 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن بىرقانچە قېتىم ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىغا ئەۋەتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىگىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان.
ئىلشات ھەسەننىڭ دېيىشىچە، ئۇلار مەيلى ئۆزى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، ھەر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى قىلىشقا مەجبۇر قورچاق ئەمەلدارلار ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا ئېھتىياجى قالمىغاندا، ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ خىلدىكى كىشىلەر خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلىنىدىكەن.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ۋەكىللەر» نى ئەۋەتىپ سۆزلىتىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كۈچلۈك خەلقئارالىق بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى سەھنىگە چىقىرىپ سۆزلىتىش ئارقىلىق بۇ بېسىمدىن قۇتۇلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.