كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلغۇچىلار كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلاندى
2020.10.14
13-ئۆكتەبىر كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى ب د ت نىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى» نىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە خىتاي، رۇسىيە، كۇبا، پاكىستان قاتارلىق 15 دۆلەت ئەزا بولدى. كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىۋاتقان يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئورۇن ئېلىشى خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى. تىۋىتتىردە بۇ ۋەقە «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قارا كۈنى» دەپ باھالاندى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ تىۋىتتىردا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ «خىتاي، رۇسىيە ۋە كۇبانىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئورۇن ئېلىشى تولىمۇ كۈلكىلىك. بۇ سېستىمىدىكى چاتاق بولۇپلا قالماي، دۇنيادا ھەل قىلىنىشنى كۈتۈۋاتقان جىددىي كىرىزىسلار ئۈچۈنمۇ بىر تراگېدىيە» دەپ باھالىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرىشىنى «ئېغىر خاتالىق»، دېدى.
دىققەت قوزغايدىغىنى، خىتاي 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە 15 دۆلەت ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن ئاۋازغا ئېرىشىپ كىرگەن ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇنىڭ ياخشى ئۆزگىرىشلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ «خىتاينىڭ ئەسلىدە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئورنى بولماسلىقى كېرەكتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئازىيىشى ياخشى ئىش» دېدى.
خىتاي 2016-يىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىغا ئەڭ كۆپ ئاۋاز بولغان 180 ئاۋاز بىلەن سايلانغان بولسا بۇ يىل ئەڭ تۆۋەن 139 ئاۋاز بىلەن سايلانغان بولۇپ، ئۇ 41 ئاۋاز يوقاتقان. نۇرغۇن كىشىلەر تىۋىتتىردىكى مۇنازىلەردە بۇ پەرقنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. سوفى رىچاردسون «بۇ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز چىگرىسى ئىچى ۋە سىرتىدا جاھىللىق بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.
بۇ قېتىم كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىغا سايلىنىشى ئۇنىڭ سايلام سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى يەنە كۈچەيتتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 13-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا بۇ نۇقتىنى تەكىتلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنۇلار دىېيىلگەن: «ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قارارى بىلەن 2018-يىلى ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى تەرك ئېتىشتىن بۇرۇن ۋە تەرك ئەتكەندىن كېيىنمۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان سايلام تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە ئىزچىل ھالدا چاقىردى. بىراق بىزنىڭ چاقىرىقلىرىمىز جاۋابسىز قالدى ۋە نەتىجىدە بۈگۈن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يەنە بىر قېتىم خىتاي، رۇسىيە، كۇبا قاتارلىق يىرگىنچلىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بار دۆلەتلەرنى سايلاپ چىقتى. بۇ سايلام نەتىجىسى ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا خەلقئارالىق سورۇنلار ئارقىلىق تەشەببۇس قىلىش قارارىنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.»
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بولسا تىۋىتتىر ئارقىلىق قىلغان باياناتىدا «خىتاي يەنە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. بۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى» دېگەن.
ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقى قانداقتۇر بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشى ياكى يامانلىق كۆرسەتكۈچىگە قاراپ ئەمەس بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەۋە رايون ۋە قىتئەلەرگە بېرىلگەن سان بويىچە بەلگىلىنىدىكەن. شۇڭا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن دۆلەتلەر مەيلى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەزا بولۇپ سايلىنالايدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتايغا ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرلىكىنى ئەسكەرتىپ «كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭشىگە ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقان سىستېما خاتالىقلىرى تۈزىتىلىشى كېرەك»، دېدى.
ئەمما سوفى رىچاردسون خانىم بولسا ۋەزىيەتتىن يەنىلا ئۈمىدۋار. ئۇ «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشنىڭ ئىككى تەرىپى بار. دۆلەتلەر ئۇنىڭغا ئەزا بولۇش ئارقىلىق ئوبرازىنى ياخشىلايمەن، ئۆزىنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمەن، دەيدۇ. بىراق ئەزالىقنىڭ بەدىلىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە ئۇچرايدۇ، جۈملىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى يەنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن نازارەت قىلىنىدۇ» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى 13-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلام بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭېشى ئەزالىقىغا سايلانغان 15 دۆلەت ئىچىدە يەنە نېپال، ئۆزبېكىستان، بولىۋىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ ئەزا دۆلەتلەر 2021-يىلى 1-ئايدىن ئېتىبارەن 3 يىل مۇددەت بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.