خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىگە قارشى نارازىلىقلار داۋام قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.10.16
bdt-yighin-zali.jpg بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن مەزگىلىدە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزى تاراتقۇلارغا تاقىۋېتىلگەن. 2020-يىلى 23-سېنتەبىر. ب د ت باش شتابى.
AP

خىتاي، رۇسىيە، كۇباغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلىنىشى قارشىلىقلارغا سەۋەب بولدى.

13-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي سايلىمىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىنتايىن ناچار دەپ قارالغان خىتاي، رۇسىيە، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانغان ئىدى. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرى بۇنى «كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ھاقارەت» دەپ باھالىدى ۋە «قاراڭغۇ بىر كۈن» دەپ ئاتىدى. بۇنىڭغا قارشى نىدالار بۈگۈنمۇ مەتبۇئاتلاردىن كەڭ يەر ئالماقتا.

14-ئۆكتەبىر «فىرانسىيە ئاۋازى» ئېلان قىلغان «خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلىنىشى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەلىك ئەزاسىنىڭ شۈبھىسىنى قوزغىدى، بۇ خىتاينىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، فىرانسىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش سەپەرۋەرلىكىنى قوزغىغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائېل گلۇكىسمان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ سايلامغا قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرگەن. ئۇ ب د ت نى «1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىغا سۈكۈت قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتايدەك مۇستەبىت بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى باش ئەلچىسى بۇنىڭغا جاۋابەن «ھېچقانداق دۆلەت ۋە ھېچقانداق كۈچنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەققى يوق، خىتايغا قارشى ھەرقانداق ئۇرۇنۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ،» دېگەن.

گېرمانىيەدىكى «سۈرەتلەر» گېزىتى ئېلان قىلغان «بۇ دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرالامدۇ؟» ناملىق ئۇزۇن ھەجىملىك ماقالىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلانغان خىتاي ۋە رۇسىيە ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان. ماقالە رۇسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان سىياسىي ئاكتىپلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان تېرىك شاھىت سايراگۈل ساۋۇتباينىمۇ زىيارەت قىلىپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى پاجىئەلىك تەقدىرگە گىرىپتار قىلىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ ئورۇنغا كىرىشكە سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئىپادىلىگەن.

ماقالىدا سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى بىلەن قوشۇپ، مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل قىلىپ بېرىلگەن: «خىتاي ھاكىمىيىتى ماڭا ئوخشاش مىليونلىغان ئىنسانلارنى ئۆزلىرى قۇرغان يوقىتىش سىستېمىسى ئۈچۈن قۇربان قىلماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئوخشاش مىليونلىغان ئىنسانلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئورۇن ئېلىش ھوقۇقى بولماسلىقى كېرەك، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى بۇ ئورۇندىن سىقىپ چىقىرىپ، يېتىم قالدۇرۇشى لازىم.»

ھازىر شىۋېتسىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان سايراگۈل ساۋۇتباي بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىگە قارشى نارازىلىقلىرىنى ھەر تۈرلۈك مەتبۇئاتلارغا بايان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىنىڭ بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان «دۇنيانىڭ باغچىسى ئۆچكىلەرگە تولۇپ كەتتى» ناملىق ماقالىسى يەنە قانچىلىك ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالسا، ئاندىن دۇنيا بۇ ھەقتە يەكۈن چىقىرىدۇ؟» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئورۇن ئېلىشى سەۋەبلىك ب د ت نىڭ نۇرغۇنلىغان قارارلارنى ئالالمايۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ئۈچۈن جازاغا تارتىلمايۋاتقانلىقى، ب د ت ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قارارغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا، يەنە سانسىزلىغان ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ پىراكتىكا قىلىدىغان تەجرىبە بۇيۇمىغا ئايلىنىپ بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىدا ۋە ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ «دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئومۇمىي يىغىنى» دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئورۇن ئىگىلىشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇچۇرلاردا بايان قىلىنىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي سايلىمى ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامغا 191 دۆلەت ئاۋاز قاتناشتۇرغان. 2009-يىلى 167 ئاۋازغا، 2013-يىلى 176 ئاۋازغا، 2016-يىلى 180 ئاۋازغا ئېرىشكەن خىتاي دۆلىتى بۇ قېتىم ئاران 139 ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئالدىنقى قېتىمقىغا سېلىشتۇرغاندا، خىتايغا بۇ قېتىم 22 پىرسەنت بېلەت ئاز تاشلانغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇ قېتىمقى سايلامدا خىتايغا ئوخشاش بىر قىسىم مۇستەبىت دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يەنە سايلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا 41 ئاۋازدىن مەھرۇم قېلىشى زور ئىلگىرىلەش ھەمدە خىتاي ئۈچۈن ئېغىر زەربە ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باشچىلىقىدا 400 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئورگانلار ئېلان قىلغان «خىتايغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئورۇن بەرمەسلىك» توغرىسىدىكى بىرلەشمە چاقىرىقلار ۋە يېقىندا د ئۇ ق باشچىلىقىدا 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە كىرگۈزمەسلىك» توغرىسىدىكى چاقىرىقلارنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە رولى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئالدىنقى ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدىمۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكى 23 دىن ھالقىپ 39 غا يەتكەن، ئەكسىچە خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغان، ئىلگىرى خىتاينى قوللىغان ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستانلار بۇ قېتىم خىتاي تەرەپتە تۇرمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.