كۆزەتكۈچىلەر ب د ت دا خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات بەرگەن دۆلەتلەرنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
18-ئۆكتەبىر كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 3-كومىتېتى، يەنى «ب د ت ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى كومىتېتى» نىڭ نيۇ-يوركتىكى يىغىنىدا ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى 51 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلىگەن.
يىغىندا ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جەيمىس كارىيۇكى (James Kariuki) بۇ باياناتقا ئاۋاز قوشقان دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن باياناتنى ئوقۇغان. جەيمىس كارىيۇكى ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى (OHCHR) خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەييارلىغان دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ھېلىھەم يۈز بېرىۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتكەن.

جەيمىس كارىيۇكى ئەپەندى سۆزىدە، بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ «خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە خىتاينىڭ بۇ پاكىتلارغا جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى، ئالدىنقى ئايدا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-قېتىملىق يىغىنىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك خىتاينى بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىپ، بۇ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە خىتاينىڭ تەدبىر ئالغانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزى ئاخىرىدا خىتايغا چاقىرىق قىلىپ، «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشىنى، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىشى» نى تەلەپ قىلغان.
خىتاي تەرەپ بولسا بۇ باياناتتىن قاتتىق بىئارام بولغان. خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق بىر ئۇچۇم غەرب دۆلەتلىرى پاكىتنى بۇرمىلاپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم، بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، 51 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئىمزا قويۇشىنى قارشى ئالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقاتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆپ ئىشقا يارىمىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇ نۆۋەت خىتاينى ئەيىبلەپ ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خەلقئارانىڭ كۆزىنى بويايدىغان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىپ، كۆپلىگەن زىيارەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر قىسىملارنىڭ چەت ئەللەرگە چىقىشى ۋە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغان ئىدى. بىراق خىتاينىڭ شۇ قەدەر كۆپ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە بۇ نۆۋەت ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، خىتاينىڭ تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

بۇ نۆۋەتلىك بۇ چاقىرىققا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، گوللاندىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىن باشقا يەنە، ياپونىيە، مارشال ئاراللىرى، پالاۋ، تۇۋالۇ، فىجى، نائۇرو قاتارلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىمۇ ئىمزا قويغان. بۇندىن سىرت يەنە، «خاماس» تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە ھەمدە رۇسىيەنىڭ قوراللىق تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنامۇ ئىمزا قويغان. ھالبۇكى، ئالبانىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىسلام دۆلىتى ياكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان دۆلەت خىتاينى ئەيىبلەيدىغان بۇ باياناتقا ئىمزا قويمىغان. ھەتتا، 2022-يىلىدا خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات بەرگەن 50 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيە بىلەن سومالىمۇ بۇ نۆۋەت بۇ سەپتىن چىقىۋالغان. تۈركىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى دەل تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ، پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن دۆلەتتە 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان بۇ پەرقلىق پوزىتسىيەسى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى.
تۈركىيەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك بۇ چاقىرىققا ئىمزا قويماسلىقى ئۇنىڭ خىتايدىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت كۈتۈشى ھەمدە تۈركىيەدە «ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا خىتايغا قارشى كۆتۈرۈپ چىققان كوزېر» دەيدىغان كۆز قاراشنىڭ ئومۇملىشىشىغا باغلىق ئىكەن.

«ب د ت ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى كومىتېتى» دا ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى 51 دۆلەت خىتاينى ئەيىبلەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلىيمۇ بۇ باياناتنى قوللاپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ X (ئىلگىرىكى تىۋىتتېر) دىكى ھېسابى ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە، «ئەنگىلىيەنىڭ ئۆزى ئىشىنىدىغان قىممەت قاراشلارنى قوغدىغان ئاساستا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ئەنگىلىيە 51 دۆلەتنى يىغىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارا ئەيىبلىدى. ئەنگىلىيە قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، سۈكۈت قىلالمايدۇ ۋە سۈكۈت قىلمايدۇ».
كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلەۋېرنىڭ بۇ مەيدانىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەنگىلىيەدىكى «خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفورد (Luke de Pulford) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ئۈچۈن جازالاشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتىنى قارشى ئالىمىز. بىراق بۇ بايانات ئەمەلىي ھەرىكەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا، خوڭكوڭدا ۋە تىبەتتە قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى جازالاشتا يېتەرسىز بولۇپ كەلدى.»
لۇك دې پۇلفورد، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن ھېچقانداق جازا ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، باياناتلار ئەمدى ھەرىكەتكە ئايلىنىشى لازىم، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەنگىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتكە باشلامچىلىق قىلىشى ياخشى ئەھۋال. بىراق بۇنداق باياناتلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئەمدى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايانلارنى رېياللىققا ئايلاندۇرۇپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ خىتاي تەتقىقاتلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى، دوكتور ئادرىيان زېنزمۇ «X» ئارقىلىق ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلەۋىرنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئەنگىلىيەنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۈنۈملۈك چەكلەش، يۈرگۈزۈلگەن ۋەھشىيلىكنى رەسمىي يوسۇندا بېكىتىپ چىقىش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جازالاش» قاتارلىق ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرغان.
«ب د ت ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى كومىتېتى» نىڭ 2023-يىلى 18-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى يىغىنىدا خىتاينى ئەيىبلەپ قول قويغان دۆلەتلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
«ئالبانىيە، ئاندوررا، ئاۋسترالىيە، ئاۋستىرىيە، بېلگىيە، بۇلغارىيە، كانادا، كىرودىيە، چېخىيە، دانىيە، ئېستونىيە، ئېسۋاتىنى، فىجى، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گىۋاتېمالا، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىبېرىيە، لىختېنشتېين، لىتۋا، لىيۇكسېمبۇرگ، مولدوۋا، موناكو، قاراتاغ، ناۋرۇ، گوللاندىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، پالاۋ، پاراگۋاي، پولشا، پورتۇگالىيە، مارشال تاقىم ئاراللىرى، رۇمىنىيە، سان مارىنو، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، تۇۋالۇ، ئۇكرائىنا، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە.»