خىتاينىڭ ئىسلام ۋەھىمىسى يەنى «ئىسلام فوبىيەسى» نىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس بەلكى خىتايدىكى باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادىغا قارىتىلغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققىمۇ كۆرۈنەرلىك خىرىس قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چاقىرىلىۋاتقان 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنلىرى مەزگىلىدە 5-ئىيۇل كۈنى، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى»، «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى»، «خەلقئارا ۋىجدان ئەركىنلىكى تەشكىلاتى» قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىپ تەشكىللىشىدە، جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا «خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى» دېگەن تېمىدا پاراللېل يىغىن ئېچىلغان.
بۇ پاراللېل يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى خەلقئارا كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ رەئىسى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېرىك پېتتېرسون سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە «دىنىي ئېتىقادى ۋە كىملىكى سەۋەبىدىن خىتايدا تىبەتلەر ۋە مۇسۇلمانلار تەھدىت دەپ قارالماقتا، بىز مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارغا قارىتىلغان بىر دەھشەتلىك زوراۋانلىققا شاھىت بولۇۋاتىمىز. مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر بۈگۈن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى دەلىللەنگەن» دەپ تەكىتلىدى.
بۇ يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس؛ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ يېڭى نەرسە ئەمەسلىكى مەلۇم، دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋە تېخنىكىلىق ئىسلام دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىگە شاھىت بولۇۋاتماقتا، شۇنداقلا خىتاي ئۆز تەشۋىقاتلىرى بىلەن جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت، سودا تەھدىتى ئارقىلىق ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىپ جىمىقتۇرۇپ كەلدى» دېدى.
ئۇ، نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

«خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى» دېگەن بۇ يىغىندا سىنلىق سۆز قىلغان ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى باش ئەلچىسى مېشەل تايلور خانىم، «خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ روشەن ئىپادىسى، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللەتلەرنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «بىز چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز ۋە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازابقا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ‹قايتا تەكرارلانمىسۇن!› دېگەن ئۆتمۈشتىكى قىرغىنچىلىقنى بۈگۈن خىتاينىڭ تەكرارلاۋاتقانلىقى مەلۇم» دەپ تەكىتلىدى.

بۇ يىغىننىڭ تەشكىللىگۈچىسى، «خەلقئارا ۋىجدان ئەركىنلىكى» تەشكىلاتى رەئىسى دوكتۇر تېررىي ۋېللا (Thierry Valle) يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئە ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نۇقتىلىق قاراتقان زىيانكەشلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ يىغىندىن كېيىن رادىيومىز ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
ئۇ مۇنداق دېدى؛ «بىز بۈگۈن مۇتەخەسسىسلەر، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى يىغىش ئارقىلىق، بۇ پائالىيەتتە ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىسلام ۋەھىمىسىنى تۈگىتىش ۋە ئازايتىش ئۈچۈن خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ بۇ پاراللېل يىغىننى ئورۇنلاشتۇردۇق، ئاساسلىقى بۇ يىغىندىكى مەركىزى نۇقتىمىز ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقا مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىسلام ۋەھىمىسىنى قالپاق قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توسۇس ۋە توختىتىش» .
بۇ يىغىندا ب د ت دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئالاھىدە دوكلاتچىسى نازىلا ھەننامۇ (Nazila Ghanea) سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ ئاسىيادىكى ئىپادىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ 2020-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مەزكۇر رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىغىندا دوكلات سۇنغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ چوڭقۇر تارىخى يىلتىزى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دىنسىزلىقنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىدىيەسى دەپ، بارلىق دىنلارنى سىستېمىلىق كەمسىتتى. نەتىجىدە، دۆلەت قوللىغان ئىسلام دۈشمەنلىكى كەڭ تارقالدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى دۆلەت تەستىقلىغان ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ نامايەندىسى. بارلىق ئىسلام ئادەتلىرى خىتاينىڭ نەزىرىدە جىنايى قىلمىشلارغا ئايلىنىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ‹قايتا تەربىيەلەش› باھانىسى بىلەن جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى. مىڭلىغان مەسچىتلەر چېقىۋېتىلدى، تاقالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرئانلارنى كۆيدۈرۈپ، دىنىي ماتېرىياللارنى ۋەيران قىلدى. 2017-يىلى، ھۆكۈمەت ھۆججىتىدە ئىسلامنى ‹روھىي كېسەللىك› دەپ ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قائىدىسىگە ماسلىشىشقا مەجبۇرلاندى، ئىسلام ئېلېمېنتلىرى ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىن چىقىرىۋېتىلدى. بىرقانچە مىليون ئۇيغۇر قايتا تەربىيەلەش نامىدا جازا لاگېرلىرىغا سولاندى»، دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابدۇلھاكىم ئىدرىس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىن ۋە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ قېتىمقى ب د ت دا چاقىرىلىۋاتقان 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە پاراللېل چاقىرىلغان بۇ يىغىنىغا مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مالايسىيا ئالىي سوتىنىڭ ئادۋوكاتى ۋە باش سوتچى ياردەمچىسى موھد خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمائىل، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى ھىندونېزىيە ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئادلان ئال مىلزاھ قاتناشقان. بۇ يىغىنغا يەنە تۈركىيەنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى، ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى، ب د ت نىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى، دىپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، 15 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى قاتناشقاندىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ نۇتۇقلارنى ئاڭلىغان.