بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 12-قېتىملىق «سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» يىغىنى جەنۋەدە داۋام قىلماقتا. يىغىننىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، يەنى 30-نويابىردىكى جىددىي يىغىندا، خىتاي ۋەكىللىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ۋە ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى باشچىلىقىدىكى غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ كەسكىن سوئاللىرىغا دۇچ كېلىپ، يىغىن مەيدانىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى11-ئاينىڭ 30-كۈنى، يەنى بۈگۈن ئەتىگەندە ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر رايونى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى يېپىق يىغىندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا يەنە بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

زۇمرەتئاي خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇغۇت چەكلەش، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي نىكاھلاندۇرۇش، ئۇيغۇر بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىشنىڭ سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە پىلانى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ب د ت نى بۇنىڭغا قارىتا دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىق قىلغان.
بۇ يىغىندا ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى مىشېل تەيلور خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، يەرلىك خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى پېتېر ئېرۋىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتۇق. بىز يەنە ب د ت نىڭ نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز ۋە دەپسەندىچىلىك قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلاتلار سۇنغانلىقىنى تىلغا ئالدۇق، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلمىغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا داۋاملىق تۈردە تۇتقۇن قىلىش، سولاش ۋە تۇتقۇنلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىش، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم تارىخىي ئىزلىرىنى يوقىتىشتەك جىنايەتلەرنى داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز ئاخىرىدا ب د ت نىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى، بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى توختىتىش ئۈچۈن ب د ت نىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق. »
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىممۇ بۈگۈنكى ب د ت دىكى يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى:
«بۈگۈنكى بۇ يىغىندا سۆز قىلغان يەر شارى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى قوغداش مەركىزىدىن ساۋىتا پاۋىنداي خانىم، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش يىغىنىدا ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتقا ھۆرمەت قىلىشنى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمماسلىققا چاقىرىق قىلدى. خەلقئارا قۇل ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىدىن خۇيلې كراندستون خانىم <خىتاي يولغا قويۇۋاتقان بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىش نوقتىسىدىن باھالاش كېرەك> دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، سابىق ئالاھىدە دوكلاتچىسى فېرناند ۋاررېنېس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىپ، كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈشنىڭ جىددىي زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. »
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىمۇ بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، سوئاللار ئالدىدا چارىسىز قالغان خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ يىغىن مەيدانىدىن قېچىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. زۇمرەتئاي خانىممۇ خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ يىغىن مەيدانىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.