ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنىدا 47 دۆلەت خىتاينى ئەيبلەش باياناتىغا ئىمزا قويغان

0:00 / 0:00

14-ئىيۇن كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىندا 47 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيبلەش باياناتىغا ئىمزا قويغان ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنىدا گوللاندىيەنىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پائۇل بېككېرس (Paul Bekkers) 47 دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۆزگە چىقىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېتقا خىتابەن مۇنداق دېگەن:

«بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا داۋاملىق ھەم كۈچلۈك رەۋىشتە دىققەت قىلىۋاتىمىز. ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ۋە ئىشەنچلىك دوكلاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، بىر مىليوندىن كۆپ ئىنسان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر تەقىپ ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، خورلانغان؛ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۇلارنىڭ ئەقەللىي ئەركىنلىكى، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلەنگەن. بىز يەنە يەرلىك ھۆكۈمەت ساقچىلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن-قىستاق جازالىرى، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش ھەققىدىكى دوكلاتلارغا دىققەت قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەرگە جىددىي قاراپ، ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى 2018-يىلدىن باشلاپ ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان شىنجاڭ ھەققىدىكى 8 تۈرلۈك تەكلىپىنى ئىجرا قىلىشقا، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز.

بىز يەنە خىتاينى قانۇنغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشقا، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا، شۇنىڭدەك ‹پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى› نى تەستىقلاشقا چاقىرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى شىنجاڭدا توسقۇنسىز ۋە ئۈنۈملۈك پائالىيەت قىلىش پۇرسىتى بېرىشكە چاقىرىمىز. بىز يەنە شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر قانداق دۆلەتنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىمىز.

ئەڭ ئاخىرىدا، بىز سىزنىڭ يېقىندا خىتايغا ۋە شىنجاڭغا بېرىپ زىيارەت قىلغىنىڭىزغا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكىنىڭىزگە ۋە 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز بۇ تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زىيارەتكە چەكلىمە قويۇشى، يەنى سىز بارغان جاي ۋە ئۇچراشقان ئادەملەرگە قويۇلغان چەكلىمىلەرگە قىزىقىۋاتىمىز.

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خانىم، سىز 48-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا شىنجاڭدىكى كىشىلك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدىڭىز. ئەمدى سىز بۇ كېڭەشكە ئۇنى قاچان ئېلان قىلىدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرەلەمسىز؟»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفى رىچاردسون خانىم مىشېل باچىلېتنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بەلكىم ئاۋغۇست ياكى سېنتەبىر ئايلىرىدا بولۇشى مۇمكىن. بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما ئۇ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئىككى قېتىم جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئېلان قىلمىغانىدى. بىز ئۇنى بۇ قېتىممۇ شۇنداق قىلامدىكىن دەپ گۇمان قىلىمىز. ئەمما ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىڭ بۇ دوكلاتىنى ئاڭلاش ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى بۇ دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى باھالايدۇ».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ ئاخىرىقى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىندا خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئەيبلەپ ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەرگە ئىسرائىلىيە ۋە ئافرىقادىكى لىبېرىيە، ئېسۋاتىنى قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەت قېتىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا خىتاينى ئەيبلەشكە قېتىلغان دۆلەتلەرگە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېن شۈ بۇ بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان گوللاندىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بىز بۇ ئەيبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىمىز، شىنجاڭ توغرىسىدىكى دوكلات ئېلان قىلىنماسلىقى كېرەك» دېگەن. رۇسىيە، شىمالىي كورىيە، پاكىستان، ۋېنسۇئىلا قاتارلىق دۆلەتلەر يەنىلا خىتاي تەرەپتە تۇرغان.

«ئېرۇسالىم پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئىسرائىلىيە بۇ يىل ئىككىنچى قېتىم بۇنداق بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان. ئۆتكەن يىل ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن كانادا باش بولۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيبلەيدىغان تەشەببۇسنامە ئېلان قىلغان بولسا، بۇ يىل گوللاندىيە باش بولۇپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. گوللاندىيە ئەلچىسى بۇ بىرلەشمە باياناتتا «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خورلاش» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى قوللانمىغان.

باش شىتابى جەنۋەگە جايلاشقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم فونكىسيەلىك تارمىقى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىكەن. بۇ كېڭەشكە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن 47 نەپەر ۋەكىل سايلىنىدىكەن ۋە 3 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.